akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1580|ئىنكاس: 16

ئالۋاستىدىكى رىۋايەتلىك7.نومۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىرداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-5 03:43  

ئالۋاستىدىكى رىۋايەتلىك7.نومۇر

قىسقىچە ئەھۋالى
ئىسمى : جورجى بېسىت
乔治•贝斯特
George Best
باشقا نامى: بېلفاسىتلىق ئوغۇل
دۆلىتى: شىمالى ئىرلاندىيە
توغۇلغان يۇرتى: بېلفاسىت
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1946-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى
ئالەمدىن ئۆتكەن ۋاقتى: 2005-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى
بوي ئىگىزلىكى: 175سانتىمىتىر
ئېغىرلىقى: 70كىلوگىرام
تەنھەرىكەت تۈرى: پۇتبول
توپ ئوينىغان كوماندىسى: مانچىستېر بىرلەشمىسى
تەرجىمھالى

جورجى بېسىت شىمالى ئىرلاندىيە پۇتبول تارىخىدا ئۆتكەن ئەڭ مۇنەۋەر تەنھەرىكەتچى بولۇپ شىمالى ئىرلاندىيەنىڭ پەخىرىلىك تەنھەرىكەتچىسى، مانچىستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ ياۋرۇپاغا خۇجا بولىشىدىكى ئاساسلىق تۆھپىكارلىرىنىڭ بىرى، ئەنگىلىيە تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بىرى، پۇتبول دۇنياسىدا ئاز كۈرۈلدىغان تالانىت ئىگىلىرىنىڭ بىرى.

2008-يىلى مانچىستېر بىرلەشمىسى كولۇبى ساھىبخان مەيدانى بولغان كونا تىررافورىد مەيدانىدا جورجى بېسىت، داننىس لاۋ، بوبى چارلىتون قاتارلىق ئۈچ ئادەمنىڭ ھەيكىلىنى تۇرغۇزىدۇ ۋە بۇ ئۈچ ئادەمنىڭ كولۇبقا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بىرىدۇ. ئۇ مانچىستېردا توپ تەپكەن 11پەسىل جەريانىدا داننىس لاۋ ۋە بوبى چارلىتون بىلەن بىرگە مانچىستېرنىڭ ئىككىنجى قېتىملىق شانلىق دەۋرىنى يارىتىدۇ.

كەسپى ھاياتى

ئۆسمۈرلۈك دەۋىرى

جورجى بېسىت 1946.يىلى 5.ئاينىڭ 22.كۈنى شىمالى ئىرلاندىيەنىڭ پورىت شەھىرى بىلفاسىتتا بىر دوك ئىشچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ئۇنىڭ 4سىڭلىسى ۋە بىر ئىنىسى بار ئىدى.
گۈدەكلىك دەۋرىدىلا ئۈزىنىڭ پۇتبول ھەرىكىتىدىكى تالانتىنى نامايەن قىلغان جورجى بېسىت توغۇلۇپ يېشىغا توشمايلا ماڭىدۇ، 14ئايلىقتىن ئاشقان ۋاقىتتا ئۇ پۇتبول ئوينىتالايتى.

جورجى بېسىتنىڭ بالىلىق چاغلىرى بىلفاسىتنىڭ شەرقى تەرىپىدىكى كوچىلاردا باش ۋە پۇتىدا تىننىس توپ ئويناش بىلەن ئۈتىدۇ. موشۇ ۋاقىتتا ئۆتكەن كۈنلىرى جورجى بېسىتنىڭ كىيىنكى توپ مەيدانىدىكى يۇقىرى بولغان توپ ئوينىتىش تېخنىكىسى ۋە كامالەتكە يەتكەن ئادەم ئالداش تېخنىكىسىنىڭ دەسلەپكى يىتىلىشگە ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.باشلانغۇچتا ئوقىۋاتقان ۋاقىتتا جورجى بېسىت دائىم مەكتەپتىن قېچىپ توپ تىپەتتى، 15ياش ۋاقتىدا بوبى بىشوپ ئىسىملىك مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ توپچى قازغۇچىسى كىرايگاۋۇف يىگىت كولۇبىنىڭ بىرمەيدان مۇسابىقىسىدە ئۇنىڭ تالانتىنى بايقاپ قالىدۇ.

بوبى بىشوپ ئۇنىڭ ئىپادىسىنى كۆرگەندىن كىيىن شۇ ھامان مانچىستېر بىرلەشمىسى كولۇبى تەرەپكە قىسقاقىلىپ 4دانە ئىنگىلىزچە خەت بىلەن «بىر تالانىت ئىگىسى بايقالدى» دىگەن مەزمۇندا بىر جىددى يوللانما يوللايدۇ. ئەنە شۇ قىسقا يېزىلغان 4دانە ئىنگىلىزچە خەت جورجى بېسىتنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىۋىتىدۇ. كىيىن جورجى بېسىت مانچىستېر بىرلەشمىسى كولۇبىغا كىلىپ ئىككى ھەپتىلىك سىناق مەشىققە قاتناشقاندىن كىيىن كولۇب تەرەپ بىلەن توختام ئىمزالايدۇ، ئۇ شۇ ۋاقىتتا 17ياش ئىدى.

1963.يىلى 9.ئاينىڭ 14.كۈنى 17ياشقا كىرگەن جورجى بېسىت تۇنجى قېتىم مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ ساھىبخان مەيدانىدا غەربى ھام كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىدۇ ، ئىككى ھەپتىدىن كىيىن بىرونلىي كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تۇنجى توپىنى كىرگۈزىدۇ. يەنە شۇ يىلى شىمالى ئىرلاندىيەگە ۋاكالىتەن ئۇئىلىس بىلەن بولغان خەلىقئارالىق مۇسابىقىدە 3توپ ئۇرىدۇ. شىمالى ئىرلاندىيە تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى شان – شەرەپكە ئېرىشكەن بۇ يېڭى چولپان مانا شۇنىڭ بىلەن تونۇلۇشقا باشلايدۇ.
توپ مەيدانىغا كىرىش

1964.يىلى 1.ئاي، مانچىستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى ھەشەمەتلىك كاتتا پۇتبول مەيدانىدا داننىس لاۋ، بوبى چارلىتون ۋە بېسىتتىن تەركىپ تاپقان «3كىشلىك يادرو» سېپى مىھمان بولۇپ كەلگەن غەربى ھام كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىدە كىشىلەرگە نامايەن بولىدۇ. ئۇۋاقىتتىكى شەرىت ناھايىتى تۈۋەن بولغاچقا بەزى پۇتبولچىلار ھەتتا ۋاسكىتبول ئايىقى بىلەنمۇ مەيدانغا چۈشەتتى.

«3كىشلىك يادرو»سەپ شەكلى مۇسابىقىدە دەرجىدىن تاشقىرى كۈچ –قۇدرىتىنى نامايەن قىلىدۇ، لاۋ ئىككى توپ،چارلىتون ۋە جورجى بېسىت بىردىن توپ ئورىدۇ ۋە 1گە قارشى 4نەتىجە بىلەن رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. بېسىتنىڭ كىرگۈزگەن توپىمۇ ئەڭ مۇنەۋەر كىرگەن توپ بولۇپ باھالىنىدۇ.

1958.يىلى مانچىستېر بىرلەشمىسى «مىيۇنخىن ئايرۇپىلان پاجىئەسى»دە ئىدۋارتىس دونكان قاتارلىق 8نەپەر توپچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ھايات قالغان رەئىس ماتتىئوۋ بوسبىي ۋە چارلىتون قاتارلىقلار قازا قىلغانلارنىڭ قەبىرىسى ئالدىدا قەسەم بىرىپ 5يىل ئىچىدە مانچىستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىنى قايتىدىن قورۇپ چىقىشقا ۋەدە بىرىدۇ. موشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا كوماندىغا قوشۇلغان جورجى بېسىت كوماندىنىڭ قايتا قورۇلۇش ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ. 1963.يىلى قايتىدىن قورۇلغان مانچىستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى 1گە قارشى 3نەتىجە بىلەن لېسسىي كوماندىسىنى يەڭگەن مۇسابىقىدە كىشىلەر جورجى بېسىتنىڭ ئىپادىسىدىن مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ شانلىق دەۋرىنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولىدۇ.
بوشلۇق پاجىئەسىدىن كىيىن

بېسىت بارا-بارا بوشلۇق پاجىئەسىگە تەسەللى بىرىشكە باشلايدۇ. 1964.يىلى مانچىستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى بىرلەشمىدە ئىككىنجى بولىدۇ، ئويۇشما لوڭقىسى ۋە ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىدا 4كۈچلۈك مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرىدۇ ۋە 0گە قارشى 7نومۇر بىلەن ئاستونۋىلا كوماندىسىنى،1گە قارشى 10نومۇر بىلەن غەربى گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى دورىتمونىدنى ئوتۇشتەك ئاجايىپ ئىسىل مۇسابىقىلەرنى تاماشىشىبىنلارغا سوۋغا قىلىدۇ.جورجى بېسىتمۇ ئەڭ قارشى ئېلىنغان توپ چولپىنى بولۇپ قالىدۇ، ئۇ شۇۋاقىتتا ھەرھەپتىدە توپ مەستانلىرىدىن كەلگەن 1000پارچىدىن ئارتۇقراق خەتنى تاپشۇرۋالدىغان بولۇپ مەستانىلەر تەرپىدىن «پاخما باش 5.نومۇر»دەپ ئاتالغان ئىدى.

1965.يىلى يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن كىيىنمۇ جورجى بېسىتنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسى ئادەتتىكىدەك بولىدۇ ۋە 7ئايلانما مۇسابىقىدە 8توپ ئورىدۇ، لىكىن بۇ ھوجۇمنى ئاساس قىلىدىغان ئەينى دەۋىردە ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق بىر سان ئىدى، مانچىستېر بىرلەشمىسىمۇ تەرتىپتە ئارقىدىن سانىغاندا 2رەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. كىيىن جورجى بېسىتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشى بىلەن ئەسلى ھالىتىگە قايىتقان مانچىستېر بىرلەشمىسى ئاخىرى ھىساپتا بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشىدۇ،بۇ جورجى بېسىتنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسى ئىدى، كوماندىنىڭ ئاساسلىق يان ھوجۇمچىسى بولغان جورجى بېسىت شۇ ۋاقىتتا 19ياش ئىدى.

1966.يىلى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى 4كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە جورجى بېسىت كوماندىسىنىڭ بىنفىيكا كوماندىسىنى 1گە قارشى 5نەتىجە بىلەن يېڭىشىگە ئالاھىدەكۈچ قوشىدۇ.لىكىن شۇنىڭدىن كىيىن يارىلانغان جورجى بېسىت 1966.1967.مۇسابىقە پەسلىدىكى قالغان مۇسابىقىلەرگە قاتنىشالمايدۇ.
ئالاھىدە ئىپادە

1968.يىلى 5.ئاينىڭ 29.كۈنى ، ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق تالىشىش مۇسابىقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى قىزىل ئالۋاستى مانچىستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى بىلەن بىنفىيكا كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئەنگىلىيە ئىمپىرىيە تەنھەرىكەت مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بىنفىيكا كوماندىسى دەرجىدىن تاشقىرى توپ چولپىنى «قارا قاپلان»يۇسبىئونىڭ يىتەكچىلىگىدە قەسامياد قىلغان سىر باسبى يىتەكچىلىگىدىكى مانچىستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان شىددەتلىك كۈرەش قىلىدۇ.

ئىككى تەرەپ 90مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە 1-1نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىت مۇسابىقىسىدە جورجى بېسىت ۋارىتاردىن قوبۇل قىلغان توپنى ئېلىپ تويۇقسىز بەدىننى بۇراپ ناھايىتى چاققانلىق بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ۋارىتارىغا قارىتىپ تىپىدۇ، توپ ۋارىتارغا كىرىدۇ.

جورجى بېسىتنىڭ بۇ بىر توپى بىلەن كوماندىنىڭ توپ ئۇرۇش قەدىمى باشلىنىپ كىتىدۇ ۋە بىرايىن كىد بىلەن چارلىتوننىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى بىلەن مانچىستېر بىرلەشمىسى بىنفىيكا كوماندىسىنى 1گە قارشى 4نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلىپ ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئېرىشىدۇ ۋە 8يىل بورۇن مىيۇنخىن ئايرۇ ۋەقەسىدە تالاپەتكە ئۇچرىغان 8نەپەر مانچىستېر بىرلەشمىسى توپچىسىغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. جورجى بېسىت شۇ يىلى ئەنگىلىيە پۇتبول ئەپەندىسى ۋە ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالىنىدۇ.

1970.يىلى جورجى بېسىت مانچىستېر بىرلەشمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ ئۇرۇش رىكورتىنى يارىتىدۇ يەنى شىمالى ئامپىتون كوماندىسىنى 2گە قارشى 8نەتىجە بىلەن يەڭگەن مۇسابىقىدە جورجى بېسىت ئۈزى يالغۇز 6توپ ئۇرىدۇ.
زىيادە يۇقىرى بېسىم

ئىشلار دائىم كۈڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ. جورجى بېسىتنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسىنىڭ تەڭداشسىز بولىشى داۋامىدا كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن كۈتۈدىغىنىمۇ بارغانسىرى يۇقىرى كۈتۈرلۈشكە باشلايدۇ ۋە رىقابەت كۈچىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشىنى ئۈمۈت قىلىغا ئىدى. جورجى بېسىت ۋاقىتنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ كىشىلەرنى ئويلىغىنىدەك بولماي قالىدۇ ۋە بارغانسىرى ئۇنىڭدا بىرخىل ئېغىر بېسىم پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ. جورجى بېسىت كىچىكىدىن جاپالىق تۇرمۇش شارائىتىدا چوڭ بولغان بولسىمۇ شان-شەرەپنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان ۋاقىتتا ئۇنىڭ جاپالىق تۇرمۇش شارائىتىدا چوڭ بولۇش جەريانىدا يىتىلدۈرگەن مىجەز، ھىسياتى يۇقاشقا باشلايدۇ.ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتلىرى ئاستىدا ئۈزىنى 007فىلىمىدىكى جامىس بونىتقا ئوخشاش ھەممە ئىش قولىدىن كىلىدىغان چاغلاپ ھاراق ۋە ساھىبجاماللاردىن ئايرىلماي يۈرۈيدۇ.

ئاخبارات ۋاستىلىرى ئىلان قىلىدىغان خەۋەرلەردەئۇنىڭ ئىسمى توپ مەيدانىدىكى خەۋەرلەردە ئەمەس ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ جىدەل تېرىغىنى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردە بولۇشقا ئۆزگىرىدۇ، ھەقىقەتتە ئۇ ئۈزىمۇ ئۆزگەرگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا مانچىستېر بىرلەشمىسى كولۇبى قىيىنچىلىق مەزگىلدە تۇرىۋاتقان ۋاقتى ئىدى. بوبى چارلىتون ۋە داننىس لاۋنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا قاراپ ئىپادىسىمۇ تۈۋەنلەشكە باشلىغان ئىدى، جورجى بېسىت بولسا ئۈزىگە تەمەننا قويۇپ باشقىلارنى كۆزگە ئىلماي يۈرۈيتى،ئورۇنلاشتۇرۇشقىمۇ بوي سۇنمايتى، دائىم مەشىققە قاتناشمايتى.

1972.يىلى ئەمدى چىقىپ كەتكەن ۋاقىت، ئۇ گىرانىد بېرىدا ئىسىملىك ساھىپجامال بىلەن سىرىتتا يۈرۈپ كوماندىنىڭ مەشىقىغىمۇ قاتناشمايدۇ، كولۇب تەرەپمۇ چىدىغۇچىلىكى قالماي ناھايىتى غەزەپ بىلەن ئۈچ تۈرلۈك قارار چىقىرىدۇ 1. چوقۇم كولۇب تەمىنلىگەن ياتاقتا يېتىش، تاماق يىيىش 2. ياشلار كوماندىسى بىلەن بىرگە مەشىققە قاتنىشىش 3. مۇئاشىنىڭ يېرىمىنى ئازلىتىش.
لىكىن كىشىلەرنى ئېچىندۇردىغان بىر يۈز بىرىدۇ يەنى جورجى بېسىت 26ياش ۋاقتىدىلا توپچىلىقتىن چىكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلىدۇ، لىكىن 1973.يىلى ئۇ رايىدىن يېنىپ مانچىستېر بىرلەشمىسىگە قايتىدۇ. 1974.يىلىنىڭ بىركۈنى چۈشتىن كىيىن جورجى بېسىت ناھايىتى ئوڭايسىز بىرھالەتكە قالىدۇ.

كولۇب تەرەپ ئۇنىڭغا پورتۇسماۋىز كولۇبى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە مەيدانغا زاپاس ئەزا قاتارىدا ئالمىشىپ چۈشۈش توغرىسىدا ئوقتۇرۇش قىلىدۇ.بۇ ئىش ئۈزىنى جاھاندا بىر دەپ چاغلايدىغان جورجى بېسىتقا ناھايىتى چوڭ زەربە بولىدۇ ۋە قاتتىق كۆز ياش قىلىدۇ. بۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان جورجى بېسىت بۇنداق ئازاپلىنىپ باقمىغان ئىدى.
مانچىستېردىن ئايرىلىش

جورجى بېسىت مانچىستېر بىرلەشمىسىدىن ئايرىلىدۇ. ئۇ مانچىستېر بىرلەشمىسىدىكى ۋاقتىدىكى بىرقانچە يىل ئىچىدە ئۇنىڭ تېخنىكىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشكە قاراپ مېڭىپ يۇقىرى پەللىگە يەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ توپ ئېلىپ مېڭىش سۈرئىتى ناھايىتى تىز، ئوڭ –سول پۇتتا توپ كونتىرول قىلىپ ئالداپ ئۈتۈش تېخنىكىسى ۋايىغا يەتكەن بولغاچقا توپ ئۇنىڭ پۇتىغا چۈشسە قارشى تەرەپنىڭ بىرقانچە ئادىمى ئۇنى چۆرىدەپ مۇھاسىرىگە ئېلىپ مۇداپىئە قىلاتتى، ئۇنىڭ ئوزۇن ۋە قىسقا پاسلىرىمۇ دەل جايىغا يەتكۈزىلىدىغان بولۇپ ھەرۋاقىت قارشى تەرەپنى بىر زەربە بىلەن بىرتەرەپ قىلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتالايتى. ئۇ مانچىستېر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن ئوينىغان 361مەيدان مۇسابىقىدە 137توپ ئۇرغان ئىدى. ئۇ ۋە سەبداشلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا مانچىستېر بىرلەشمىسى كولۇبى ئىككى قېتىم بىرەشمە چىمپىيۇنلىقىغا، بىر قېتىم ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەن ھەم ئۈزىمۇ ياۋرۇپابۇيىنچە يىللىق ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر بولۇپ باھالانغان ئىدى.

1974.يىلى جورجى بېسىت ئامرىكىدىكى بىر كولۇبتا ئىككى پەسىل توپ تىپىدۇ. 1976.1977.مۇسابىقە پەسلىدە ئۇ فۇلىھام كولۇبىغا يۆتكىلىدۇ لىكىن توختام جەريانىدا ماجرالىشىپ قالغانلىقتىن خەلىقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەرپىدىن مۇسابىقىدىن چەكلەش جازاسىغا ئۇچرايدۇ.

ئامرىكىدا توپ تەپكەن ئىككى يىل جەريانىدا دېڭىز ساھىلىگە يېقىن بىر يەردىن ياتاق ئالغان بولۇپ يېنىدا بىر كىچىلىك كولۇبمۇ بار ئىدى، ئەزەلدىن دېڭىزدا سۇ ئۈزۈشنى ياقتۇرمايدىغان جورجى بېسىت كۈنلەپ كىچىلىك كولۇبنى كۈتۈرىگە ئالغاندەكلا يۈرگەن ئىدى. قىزىل ھاراق ئۇنىڭ جەڭگىۋار ھالىتىنى بارا-بارا تۈگەشتۈرۈپ پۇتبولدىكى تالانتىنى تۇپا ئاستىغا كۈمۈۋىتىشكە قاراپ ماڭغان ئىدى.

2000.يىلىدىكى 1000نەپەردىن ئارتۇق تەنھەرىكەت مۇخبىرى ۋە كەسپى ئورۇنلار ئويۇشتۇرغان ئىنگىلانىد تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر تەنھەرىكەتچىنى باھالاش پائالىيىتىدە جورجى بېسىت بۇ شەرەپكە نائىل بولىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن يېشى ئانچە چوڭ بولمىغان بېسىت دوختۇرخانىغا پات-پات بېرىپ ھاراقتىن كىلىپ چىققان تۈرلۈك كىسەللىكلەرنى داۋالىتىشقا بارىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

2005.يىلى جورجى بېسىت يەنە بىر قېتىم لوندوندىكى بىر دوختۇرخانىغا كىرىپ قالىدۇ، ئەھۋالىمۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى. 8ھەپتىدىن كىيىن بۆرىكىدىكى ياللۇغنىڭ ئۆپكىسىگە يوقۇش سەۋەبلىك

2005.يىلى 11.ئاينىڭ 25.كۈنى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي 59يېشىدا ئالەمدىن ئۈتىدۇ.
كەسپى ھايات سىتاتىستىكىسى

كولۇب
مۇسابىقە پەسلى           كولۇب                  تەۋەلىگى      چىققان مەيدان        كىرگۈزگەن
سانى                 توپى
1963.1964         مانچىستېر بىرلەشمىسى       ئىنگىلانىد             17                   4
1964.1965         مانچىستېر بىرلەشمىسى       ئىنگىلانىد            41                   10
1965.1966         مانچىستېر بىرلەشمىسى       ئىنگىلانىد            31                    9
1966.1967         مانچىستېر بىرلەشمىسى       ئىنگىلانىد            42                   10
1967.1968        مانچىستېر بىرلەشمىسى        ئىنگىلانىد           41                    28
1968.1969       مانچىستېر بىرلەشمىسى         ئىنگىلانىد           41                    19
1969.1970       مانچىستېر بىرلەشمىسى         ئىنگىلانىد           37                    15
1970.1971      مانچىستېر بىرلەشمىسى          ئىنگىلانىد           40                   18
1971.1972      مانچىستېر بىرلەشمىسى          ئىنگىلانىد           40                   18
1972.1973      مانچىستېر بىرلەشمىسى          ئىنگىلانىد           19                    4
1973.1974      مانچىستېر بىرلەشمىسى          ئىنگىلانىد           12                    2
1974            يەھۇدىلار ئويۇشمىسى                                 5
1975.1976      سىتوكپورىت                    ئىنگىلانىد            3                     2
1975.1976      كورك كىرىتلىقلار                ئېرلاندىيە            3                     0
1976            لوس –ئانجىلىس ئازتىك         ئامرىكا               23                   15
1976.1977      فۇلىھام                           ئىنگىلانىد            32                  6
1977             لوس ئانجىلىس ئازتىك          ئامرىكا               20                   11
1977.1978      فۇلىھام                           ئىنگىلانىد            10                   2
1978            لوس ئانجىلىس ئازتىك           ئامرىكا                12                   1
1978            لائودىرباۋ ھوجۇم               ئامرىكا                9                     4       
1979            لائودىرباۋ ھوجۇم               ئامرىكا               19                    2
1979.1980     ھېبىرمان ئىرلاندىيەلىكلەر       شۇتلاندىيە            13                  3
1980           ھىيوستۇن دىنامۇ                 ئامرىكا              26                    8
1980.1981    ھېبىرمان ئىرلاندىيەلىكلەر        شۇتلاندىيە            4                     0
1981          ھىيوستۇن دىنامۇ                  ئامرىكا              30                     13
1982.1983    بورىنىموۋىچ                       ئىنگىلانىد            5                      0
1983           بېرىسبان ئەركەك شىر             ئاۋىستىرالىيە          4                     0
دۆلەت كوماندىسى
شىمالى ئېرلاندىيە دۆلەت كوماندىسىدا 1964.يىلدىن 1978.يىلغىچە 37مەيدان مۇسابىقىدە 9توپ ئۇرىدۇ.
دەپنە مۇراسىمى

جورجى بېسىتنىڭ دەپنە مۇراسىمى 12.ئاينىڭ 3.كۈنى شىمالى ئىرلاندىيەنىڭ پايتەختى بېلفاسىت شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن بېسىتنىڭ مىيىت ساندۇقى بېلفاسىت شەھرىدە بىر ھەپتە توپ مەستانلىرىنىڭ ئىھتىرام بىلدۈرشىگە قويۇلىدۇ ،

تەخمىنەن 500مىڭ ئەتراپىدىكى توپ مەستانىسى شىمالى ئىرلاندىيەنىڭ بۇ گىگانىت چولپىنىغا ئىھتىرام بىلدۈرىدۇ. مانچىتېر بىرلەشمىسى كولۇبىمۇ مانچىستېر كولۇبى تارىخىدىكى بۇ گىگانىت چولپانغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن كۈرۈش سۇپىسىنىڭ بىر تەرىپىگە جرجى بېسىتنىڭ ئىسمىنى ئۇيىدۇ ۋە مەيدان سىرتىغا جورجى بېسىتنىڭ قاتما ھەيكىلىنى تۇرغۇزىدۇ.

2006.يىلى 11.ئاينىڭ 25.كۈنى شىمالى ئىرلاندىيەدىكى يۇستېر بانكىسى خاتىرە ئۈچۈن 100دانە يۈزىگە جورجى بېسىتنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن 5فونىدسىتىرلىڭلىق قەغەز پۇل تارقىتىپ بۇ چولپانغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرىدۇ.

شۇ يىلى 5.ئاينىڭ 22.كۈنى بېلفاسىت شەھەرلىك ھۈكۈمەت ئايرۇدۇرۇمنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ جورجى بېسىت بېلفاسىت ئايرۇدۇرۇمى دەپ نام بىرىدۇ.

باھالاش

فامىلىسىدىكى «Best»دىگەن سۆز ئىنگىلىزچە سۆز بولۇپ مەنىسى«ئەڭ ياخشى»دىگەن بولاتتى، ئۇ تەڭرىنىڭ كىشىلەرگە ئاتا قىلغان ئەڭ ياخشى سوۋغىسى بولۇپ يىتىشكەن تېخنىكىسى بىلەن مانچىستېر بىرلەشمىسى كوماندىسىنىڭ 7.نومۇرلۇق كىيىمىنىڭ ھەقىقى كىلاسسىك ۋەكىلى بولۇپ قالغان ئىدى.
پېلى: «ئۇ بۇ دەۋىردىكى ئەڭ مۇنەۋەر تەنھەرىكەتچى».
داننىس لاۋ :(مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئىلگىرىكى رىۋايەتلىك مەرگىنى)«1964.يىلدىن 1969.يىلغىچە بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ مۇنەۋەر تەنھەرىكەتچى بولۇپ مەن كۆرگەن ئەڭ بۈيۈك 6توپچىنىڭ بىرى، جورجى بېسىت، دى سىتفانو، كىرويىف، مارادونا، پىلى ۋە يوھان چارىس».
بوبى چارلىتون: (مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئىلگىرىكى گىگانىت چولپىنى) «بېسىت، ھەرقانداق بىر كىشىدىن قېلىشمايدۇ، تالانىت ۋە خاراكتىرى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيىتقاندىمۇ كىرويىف ئۇنىڭغا ئەڭ يېقىنلىشىدۇ، بېسىت بولسا جاسارەتلىك، كىرويىفنىڭ بولسا ناھايىتى ياخشى بولغان تەشكىللەش ئىقتىدارى بار»
جون گېلىس : (60.يىللاردىكى ئىرلاندىيەلىك داڭلىق ئوتتۇرا مەيدان ماھىرى) بېسىت بولسا مەن كۆرگەن توپچىلار ئىچىدىكى تالانتى ئەڭ يۇقىرى بولغان توپچىلارنىڭ بىرى،ئۇنىڭ كۈچلۈك بولغان تەڭپۇڭلىق ئىقتىدارى، تىزلىك،بىرجۈپ ئالاھىدە بولغان پۇتى بار، ئۇ ناھايىتى جاسارەتلىك ۋە قاۋۇل بولۇپ باش توپ ئىقتىدارىمۇ ئاجايىپ ياخشى ئىدى.
داۋىد سادلېر: (60.يىللاردىكى مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ داڭلىق چولپىنى) «بېسىت مەن كۆرگەن ئەڭ ئولۇق توپ چولپىنى، ئۇ مەيداننىڭ قەيىرىگە بارسا ئەسلى ئورۇندىكى توپچىلاردىنمۇ ياخشىراق تۇرالايتى، بوبى چارلىتون قىلالىغاننى ئومۇ قىلالايتى.»
ئالىكىس فۇگىسىن: (ئىلگىرىكى مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ تىرىنىرى)«بېسىت بولسا كولۇبىمىزدا ئۆتكەن توپ چولپانلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئولۇق چولپانلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ تىزىملىگىنى كۈرىدىغان بولساق ئۇرغان توپلىرىنىڭ ئاز ئەمەسلىگىنى بايقايمىز، كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى ئۇ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدىكى ھوجۇمچى ئەمەس ،ئۇ توپنى ئالغاندا ئاۋۋال قارشى تەرەپتىن ئۈتكەندىن كىيىن ئاندىن ۋارىتارغا تىپىدىغان توپچى تىپىدىن.»
جورجى بېسىتنىڭ نادىر كۈرۈنۈشلىرى










باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +35 تۆھپە +1 تىللا +5 يىغىش سەۋەبى
مەشئەل + 5 مۇكاپاتلىق 5 تىللا
WiRoS + 30 قالتىس!
سەۋدايى7 + 5 + 1 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-5 03:43:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىمىدەك قىلامدۇ ھە ئەتەبىر ئوقوي ئۇيقىڭىزنى ئۇخلىماي پۇتكۇزۇپسىز بۇ تمىنى رەخمەت قىرىندىشىم  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-5 09:59:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما رەخمەت كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-5 10:38:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نوچىنىمۇ ساھىپجاماللار بىلەن شاراپ تۈگەشتۈرۈپتىكەندە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-5 12:09:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر  تىما     رەخمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-5 12:25:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى جېخ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-5 12:27:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقى نادىر تىمكەن، قۇلىڭزغا دەرت كەلمىسۇن قىرىندىشىم...داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ مۇشۇنداق تىملارنى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-5 12:45:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاياتدا  212  توپ  ئۇرۇپتكەن  بۇ   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-5 12:55:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاراق جىنىنى ئاپتۇدە ،ۋاي دوت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-5 13:04:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ كەيىپ ساپا بىلەن تۈگۈشۈپ كېتىپتۇ،ئەخلاقى ياخشىراق بولغان بولسا قانچىلىك ھۆرمەتكە ئېرىشەر بولغۇيتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-5 15:02:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما رەخمەت كۆپ نەرسىلەرنى بىلۋالدىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-5 16:17:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملاغا دىققەت قىلىڭ!  يەتتىنىڭ ئارقىسىغا «.»قويسىڭىز ئوقۇغاندا «يەتتە نومۇر رىۋايىتى …»دەپ ئوقۇيمىز ،يەتتىنىڭ ئارقىسىغا سىزىقچە يەنى «-» نى قويساق ئاندىن «يەتتىنچى نومۇر رىۋايىتى دەپ ئوقۇيمىز …
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 15:32

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش