ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1507 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
قايسى كۈنى ئاياغلاشقان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 22- ئايلانما مۇسابىقىسىدە بارسىلونا كوماندىسى ۋالۇنسىيە كوماندىسىغا 2-3 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى ،كىيىنكى كۈندىكى مۇسابىقىدە بولسا خانلىق مادىرىد كوماندىسى بىربا رىقابەت كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قېلىپ بىرىنچىلىك ئورنىغا چىقىش پۇرسىتىنى قولدى بەردى . مۇشۇنداق پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرغان مادىرىد ماھارەت كوماندىسى بولسا ئوز مەيدانىدا خانلىق جەمىيەت كوماندىسىنى 4-0 چوڭ پەرىق بىلەن قىرغىن قىلىپ بىرىنجىلىك ئورنىغا چىقتى ،بۇنىڭ بىلەن بارسىلونا كوماندسىنىڭ 59 ئايلانما مۇسابىقىدە نۇمۇر جەھەتتە ئالدىدا تۇرۇش رىكوتىمۇ ئاياغلاشتى يەنە كىلىپ مادىرىد بىلەن بارسىلونا ئىككىسى مادىرىد ماھارەت كوماندىسىدىن 3 نۇمۇر كەينىدە قالدى
ئەزەلدىنلا مادىرىد بىلەن بارسىلونانىڭ كۈچ سىنىشىدىغان مەيدانى دەپ قارىلىدىغان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە تۇيۇقسىز باشقا بىركوماندىنىڭ باش كۈتۈرۈپ چىقىشى ھەتتا ئىككى «شىر » نى كەينىگە تاشلىۋېتىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ ،لىكىن بۇ دىگەن پۇتبول ھەر قانداق ئىشلار يۈز بېرىدۇ ، يەنە كىلىپ بىرلەشمىدە يەنە 16 مەيدان مۇسابىقە بار ،ھەرقانداق نەتىجە يۇز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن يەنە كىلىپ پەسىل ئاخىرىدا ھەممە كوماندا چىمپىيونلۇق ئۈچۈن ، دەرىجە ساقلاش ئۈچۈن ئۇزغانلىق بېلىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن بار كۈچىنى چىقىرىدۇ شۇڭلاشقا قالغان مۇسابىقىلەرنىڭ بەكلا كەسكىن بولىشى ئېنىق ، قېنى كىم قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئاخىرغىچە كۈلەلەيدۇ ،بۇنىڭغا پەسىل ئاخىرىدا بىر نەرسە دىمىسە باشقىسى بىكار
|
|