ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2178 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇغدا يوللىغان ۋاقتى 2014-2-4 22:02 
ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەيلى، ھېلىمۇ 3 يىل بولدى 4 كۈچلۈك قې ...
مادرىتنىڭ رونالدوغا تايىنۋىلىشى بەك ئېغىر،بارسېلوناغا ئوخشاش بىر ئادەمگە تايىنۋېلىشنى بارا بارا تۈگەتمىسە
بولمايدۇ،بىرلا ئادەمگە تايىنىۋالسا مۇسابىقىدە قارىشى تەرەپ شۇ ئاساسلىق بىر ئادەمنى بېقىۋالسا كوماندا يەل
قويىۋىتىدىغان گەپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى مەشقاۋۇل مورىنھوچە ئۇسۇل بىلەن قارىشى تەرەپكە بىرەر توپ
ئۇرۇۋالغاندىن كېيىن شاققىدە ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتمەي پۈتۈن سەپ بويىنچە مۇداپىيەدە
تۇرۇۋالىدىغان يامان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈۋالدى،ئىش قىلىپ مەن ھازىرقى مادرىتنىڭ كۈچىنى بۇرۇنقىدىن سەل
ئاجىزلاپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن،مادرىتنىڭ ھەر قېتىم تۆت كۈچلۈككە كىرىشى مەن ئۈچۈن تاسادىپىيلىق ئەمەس،مەن گەرچە بىرەر يىل مۇسابىقە كۆرمەي ياكى خەۋەرلىرىنى ئاڭلىماي قالساممۇ ھەر قىتىملىق ياۋروپا ئۇزغۇنلىقىنىڭ تۆت كۈچلىكىدە مادرىتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمەن،لىكىن ھازىرقى ئەزالىرى بىلەن ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىغا
ئېرىشەلىشى سەل قىيىندەك تۇيۇلىدۇ ماڭا،رونالدو بولمىغان مادرىتنى تېخىمۇ تەسەۋۇر قىلالمايمەن.
|
|