- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8184
- نادىر
- 16
- يازما
- 8184
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-3 15:44
بۈگۈن سەھەر ئېلىپ بېرىلغان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسدە ، خان مادرىد بىلەن بېلباۋ رىقابەت تەڭلىشىپ قالدى .مادرىدتىكى رونالدو قارشى تەرەپنىڭ ئىككى نەپەر توپچىسى بىلەن تۇقۇنۇشۇپ قېلىپ بۇ مۇسابىقىدىكى ئەڭ قىزىق نوقتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .رونالدو قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى .« ئا س گېزىتى » نىڭ ئانالىز قىلىشىغا قارىغاندا ، رونالدو ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدن چەكلىنىشى مۇمكىنكەن .قىزىل كارتىدا ھىچقانداق مەسىلە يوقكەن .
مۇسابىقە باشلىنىپ 75 مىنوت بولغاندا رونالدو چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە سەبدىشىگە توپ يەتكۈزۈپ بەرمەكچى بولغان .ئەمما بۇ توپ قارشى تەرەپ ماھىرى گۇرپىگۇنىڭ يۇقۇرىقى بەدىنىگە تەگكەن .ئارقىدىن رونالدو « قول توپ » بولدى دىگەن مەنىدە ئىككى قولىنى ئىگىز كۈتۈرۈپ نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن .رونالدونىڭ مەقسىدى ناھايىتى ئېنىق .يەنى نوقتا توپقا ئېرىشىش ! شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ماھىر توپ پۇتۇمغا تەگدى دىگەن .لېكىن رونالدو بولدى قىلماي « رېپىر ....رېپىر » دەپ ئۈنلۈك ۋارقىراپ كەتكەن .ھەمدە سول قولى بىلەن گۇرپېگۇنىڭ يۈزىنى يېنىك تۈرتكەن .گۇرپىگۇ شۇ ھامان يىقىلغان .كېيىن گۇرپىگۇنىڭ يەنە بىر سەبدىشى يۈگرەپ كېلىپ ئىككى تەرەپ ئازىراق تۇقۇنۇشۇپ قالغان .
بىر ئىشنى تەكىتلەش زۈرۈر : ( توپچىلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇنداق چاغدا ئاساسى جەھەتتىن پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويمايدۇ .گۇرپىگۇمۇ كوماندا ئۈچۈن ئۆز ۋەزىپىسىنى قاملاشتۇرۇپ ئادا قىلدى . تالاش -تارتىش كەلتۈرۈپ چىقىرىش دائىرسدە ئەمەس .ئەينى چاغدا رونالدومۇ شۇنداق يىقىلغان ئىدى ) رونالدو قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن ئايرىلىدىغان چاغدا توختىماي ئۆزىنىڭ يۈزىنى سىلاپ چىققان .بۇ نەق مەيداندىكى يەنە بىر رېپىرگە قارىتىلىغان مەسخىرە ئىكەن .رونالدو باشقىلارنى ھۆرمەت قىلماسلىقتەك بۇ ھەرىكىتى بىلەن ئۆزىگە ئىش تاپقان .خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە ،ئىسپانىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇ ئىشنى ئالدىراپ بولدى قىلىۋەتمەيدىكەن .شۇنداق بولغاندا رونالدو ۋىللارئىلار بىلەن ئوينىلىدىغان كۈچلۈكلەر ئۇچىرشىشىغا قاتنىشالمايدىكەن .
توپ تەپكۈچى
|
|