- تىزىملاتقان
- 2007-5-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1398
- نادىر
- 1
- يازما
- 1398
|
مادرىد رىقابەت كۇلۇبى ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى تارىخى ئۇزۇن، ئەمەلى كۈچى كۈچلۈك بولغان كوماندا. شۇنداقلا خانلىق مادرىد ۋە بارسېلونا كۇلۇبىغا بېسىم ئېلىپ كىلەلەيدىغان كۇماندا. تارىختا مادرىد رىقابەت كوماندىسى ھاۋا ئارمىيە كوماندىسى دەپمۇ ئاتالغان. نۇرغۇنلىغان شەرەپلەرگە ئىرىشكەن. بۇلۇپمۇ يېقىنقى بىرنەچچە يىل ئىچىدە شىددەت بىلەن كۈچلىنىپ بىرلەشمىدىكى ئىككى زەرداغا شىلتىڭ ئاتالىغۇدەك دەرىجىگە يىتىپ باردى. بۇ پەسىل تېىخىمۇ قورقۇنۇشلۇق ھالدا بىرلەشمە رەت تەرتىپ چۇقىسىغا چىقىپ خانلىق مادرىد كۇلۇبى بىلەن بارسېلونا كۇلۇبىنى 3 نۇمۇر كەينىگە تاشلىۋەتتى.
مادرىد رىقابەت كۇلۇبى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1939/40، 1940/41، 1949/50، 1950/51، 1965/66، 1969/70، 1972/73، 1976/77، 1995/96 مۇسابىقە پەسلى بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىختا جەمى 9 قېتىم ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكەر بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولغان. 1959/60، 1960/61، 1964/65، 1971/72، 1975/76، 1984/85، 1990/91، 1991/92، 1995/96، 2012/13 مۇسابىقە پەسلىدە ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولۇپ جەمى 10 قېتىم بۇ شەرەپكە ئىرىشكەن. 1940، 1951، 1985 يىللىرى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولغان. 2009/2010، 2011/12 مۇسابىقە پەسلىدە ياۋرۇپا ئىتتىپاق لوڭقىسى چىمپىيونى بولغان. 2010، 2012 ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيۇنى بولغان.
مادرىد رىقابەت كۇلۇبىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدىكى ئىپادىسى ھەقىقەتەن قالتىس بولدى. 2 قېتىم ياۋرۇپا ئىتتىپاق لوڭقىسى چىمپىيۇنى بۇلۇش، ئارقىدىن ياۋرۇپا ئۇزغۇنى ئېنتىر، چېلسىلارنى بۇغۇزلاپ ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا ئىرىشىش، بوناۋۇدا خانلىق مادرىد قۇلىدىن شاھلىق لوڭقىسىنى تارتىۋېلىش ھىقىقەتەنمۇ بۇ كۇلۇپنىڭ ئەمەلى كۈچىنىڭ، كوماندىدىكىلەرنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنىڭ، مەشقاۋۇللارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرماقتا.
مادرىد رىقابەت كۇلۇبى توپچىلارنى قېزىپ بايقاش، يىتىشتۈرۈش جەھەتلەردىمۇ زور ئىلگىرلەشلەرگە ئىرىشتى. ئۇلار ھەقىقەتەن بۇ شان شەرەپلەرگە مۇناسىپ.
ۋىيالى 1997-يىلى يازدا ئىنزاگىنىڭ يوۋىنتىس كۇلۇبىغا قېتىلىشى سەۋەپلىك 16.5 مىليۇن ياۋرۇ باھا بىلەن مادرىد رىقابەت كوماندىسىغا قېتىلغان. 24 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 24 توپ ئۇرغان، ھەر بىر مەيدانغا بىردىن توغرا كەلگەن. شۇ پەسىل ئىسپانىيە ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. 1998- يىلى 27.5 مىليۇن ياۋرۇ باھا بىلەن ئىتالىيە لازىئو كوماندىسىغا قېتىلغان.
جىمى.ھەسەر بېينك 1998-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى 12 مىليۇن ياۋرۇ باھا بىلەن مادرىد رىقابەت كۇلۇبىغا قېتىلغان. 47 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 35 توپ ئۇرغان. 1999-يىلى 15 مىليۇن ياۋرۇ باھا بىلەن چېلسى كۇلۇبىغا قېتىلغان.
تورىس مادرىد رىقابەت ياشلار تەربىيەلەش بازىسىدىن يىتىشىپ چىققان تالانت ئىگىسى 17ياش 68 كۈن بولغان ۋاقتىدا ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 243 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 91 توپ ئۇرغان. 2007-يىلى يازدا 26.5 مىليۇن فونىستىرلىڭ باھا بىلەن لىۋىرپول كۇلۇبىغا قېتىلغان.
فورلان 2007-يىلى 21مىليۇن ياۋرۇ باھا بىلەن مادرىد رىقابەت كۇلۇبىغا قېتىلغان. 196 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 96 توپ ئۇرغان. 2004-2005 مۇسابىقە پەسلى ئىسپانىيە ئالتۇن كەش مۇكاپاتى، ياۋرۇپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى سەپ شەكلى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. 2008-2009 مۇسابىقە پەسلىمۇ ئۇخشاشلا ئىسپانىيە ئالتۇن كەش مۇكاپاتى، ياۋرۇپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتى، ئەڭ ياخشى سەپ سەكلى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. 2011-يىلى 5 مىليۇن ياۋرۇ باھادا ئېنتىر كوماندىسىغا قېتىلغان.
ئاگۈيرو 2006-يىلى ئارگىنتىنا مۇستەقىللىق كوماندىسىدىن 23 مىليۇن ياۋرۇ باھا بىلەن مادرىد رىقابەت كۇلۇبىغا قېتىلغان. 234 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 101 توپ ئۇرغان. 2011-يىلى 40 مىليۇن فونىستىرلىڭ باھا بىلەن مانچىستىر شەھىرى كوماندىسىغا قېتىلغان.
فالكاۋ 2011-يىلى پورتو كوماندىسىدىن 40 مىليۇن ياۋرۇ باھا بىلەن مادرىد رىقابەت كۇلۇبىغا قېتىلغان. 91 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 70 توپ ئۇرغان. ھەقىقى قاتىل ھۇجۇمچى. مادرىد رىقابەت كوماندىسىنىڭ ياۋرۇپا ئىتىپاق لوڭقىسى، ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى ساھىبى بۇلۇش شەرىپى بىۋاستە بۇ كىچىك يولۋاس بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەڭ تۆھپىكار ئەزا. 2013-يىلى 60 مىليۇن ياۋرۇلۇق باھا بىلەن فىرنسىيە موناكۇ كۇلۇبىغا قېتىلدى.
دىيېگو كوستا 2010-يىلى 3.5 مىليۇن ياۋرۇ باھا بىلەن پورتىگالىيە بىراگا كۇلۇبىدىن مادرىد رىقابەت كۇلۇبىغا قېتىلغان. كوستانىڭ ھازىرقى بازار باھاسى 40 مىليۇن ياۋرۇ ئەتراپىدا. بۇنىڭ قاچان ئايرىلىدىغانلىقى ئىنىق ئەمەس. يەنە كىملەرنىڭ ئىز باسارى بۇلىدىغانلىقىمۇ ئىنىق ئەمەس.
ئۈرۈمچى نامازشام گىزىتىنىڭ غەيرى رەسمى ئېلىم-سېتىم ئاخپاراتىغا ئاساسلانغاندا تۈۋەندىكى توپچىلار مادرىد رىقابەت كۇلۇبىنىڭ كىرگۈزۈش نىشانىكەن:
|
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100
تۆھپە + 10
شۆھرەت + 10
تەجرىبە + 10
باھا خاتىرىسى
|