akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1291|ئىنكاس: 27

گۇاڭجۇ خېڭدا خوجايىنى قىيىنچىلىقتا ئۆتكەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-2 22:15  

U2463P6T12D6960165F44DT20131231122414.jpg

          شۈجىيايىن 1958-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان .خېنەننىڭ تەيكاڭ ناھىيەسىدىن .جۇڭگودىكى داڭلىق كارخانىچى .خەير-ساخاۋەتچى ،پائالىيەتشۇناس ،خېڭدا گۇرۇڭىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش رەئىسى ،دوكتۇر ،ئەمگەك نەمۇنىچىسى ،شۈجىيايىن نامرات ئائىلىدە چوڭ بولغان .1958-يىلى ئىنقىلاپ يۇقۇرى پەللىگە يەتكەن ۋاقىتلاردا ئاچلىقتىن ئۈلۈپ كەتكىلى تاسلا قالغان .كېيىن ئانىسى بىر خىل يىمەكلىك پىشۇرۇپ كىچىك شۈ جىيايىن كوچىدا توۋلاپ ساتقان .دادىسى ياغاچ كېسىپ ساتقان .كىشىلەر زىچ توپلاشقان جايدا شۈجىيايىن بىر دانە ياغاچ بىر موچەن دەپ ۋارقىرغان .بىر تىراكتور ئۇتۇننى بىر نەچچە سومغا سېتىپ قىيىنچىلىق مەزگىلىدە پۇت دەسسەپ تۇرغان .

         ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقىۋاتقان چېغىدا ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە قارا ئىش قىلغان .كۈمۈر ،سېمونوت ،گۈرۈچ ،شال پاخىلىنى ماشىنىغا بېسىش ئىشىنى قىلغان .ھىچقانداق ئىشتىن قاچمىغان .1977-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇقۇشى ئەسلىگە كەلگەن .كونا يوتقاننى يېپىنىپ يېتىپ  ئۇقۇشقا كىرىشىپ كەتكەن .باشقىلارنىڭ كۆكىرىپ كەتكەن مومىسىنىمۇ يىگەن .1978-يىلى ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىدە ئىمتىھاندىن ئۈتۈپ ۋۇخەن پولات -تۈمۈر ئونىۋېرستىغا قوبۇل قىلىنغان .1982-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ۋۇياڭ پولات -تۈمۈر زاۋۇتىغا ئىشقا چۈشكەن .ئۇزۇنغا قالماي 100 نەچچە ئادەمنى باشقۇرىدىغان رەھبەرگە ئايلانغان .بىراق 10 يىلدىن كېيىن 20 مىڭ سوم بىلەن شېنجېندا ئايرىم ئىش باشلىماقچى بولۇپ تۇنجى قەدەمنى باسقان .ئۈچ يىلدىن كېيىن تۆت ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىچىك ئۆي- مۈلۈك ھەسىدارلىق شىركىتى قۇرغان .بۇ مەزگىلدە نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن .1997-يىلى خېڭدانى قۇرغان .شۈ جىيايىن مۇنداق دىگەن : ئەينى چاغدا زاۋۇت ماڭا ئۈچ مىڭ سوم بەرگەن بولسا داۋاملىق شۇ يەردە ئىشلىگەن بۇلاتتىم . شۈ جىيايىننىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى سۆزلىمىسەكمۇ كۆپچىلىككە ئايان .مانا ھازىر مۇۋاپىقىيەت قازانغان بۇ يولداش نەچچە مىليارد سومنىڭ ئىگىسى ،بىزگە تۇنۇشلۇق خېڭدا كۇلۇبىنىڭ باش خوجايىنى .....

789_808262_572397.jpg




         قۇشۇمچە سۆز : مۇنبەردە تېما كۈچۈرۈش يەنە ئەۋج ئالدى .باشقۇرغۇچىلارمۇ تۇلا ئەسكەرتىش بېرىپ ھېرىپ قالدى .نۇر تورىدىن كەلگەن خەۋەرگە خەنچە ئادىرسىنى چاپلاپلا بۇ يەرگە يوللاۋاتىدۇ .بۇنىڭغا يول قويۇلدىمۇ ياكى نېمە ئىش بار ؟ ئۇقمۇدۇم .....ئەگەر شۇنداق بولسا ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشماي ....ئاپتورنىڭ ئەمگەك مىۋېسىنى قەدىرلىمەسلىك بۇ ياخشى ئىش ئەمەس دوستلار ....ئويلاپ بىر ئىش قىلارسىلەر .بىزنىڭ باللىنىڭ خەۋىرى ياكى ئالاھىدە خەۋەر بولسا قوللايمەن .ئەمما ........بولدى قىلاي .....

            يەنە بىرسى : بىزنىڭ باللىنىڭ خەۋىرى يوللانماي دائىم ياۋرۇپالىقنىڭ خەۋىرى يوللىنىدۇ دىگەن گەپ چىقتى .ياخشى گەپ بولدى .قوللايمەن .بىزگە شۇنداق خەۋەر لازىم .لېكىن شۇ بىزنىڭ باللىنىڭ خەۋىرى نەدە ؟ قايسى تور بەتتە ؟ نەدىن تاپىمىز ؟ بۇلارنىڭ خەۋىرىنى تاپماق ناھايىتى تەس .تور بەتلەردە بەزىدە چىقىپ قالمىسا يوق دىيەرلىك .مۇنبەردىكىلەردىن ئاغرىنماڭلار ....ئەگەر شۇنداق خەۋەر بولسا مەيلى كىم كۆرسە ۋاقتى يەتمىگەنلەر ئادىرسنى ئامېرىكىغا ئەۋەتىپ بېرىڭلار ...( بېرنابو مۇكاپات بېرىدۇ ) بەزىدە يېڭى گەپ چىقارمىكىن دەپ شۇنداق تەستە ئۇ يەردىن بۇ يەردىن قۇراشتۇرۇپ توپچىلىرىمزنىڭ خەۋىرىنى يوللاپ قويدۇم .ئوخشاشلا جىم ..قالغىنىغا باشقىلار بىر نېمە دەڭلار ....




توپ تەپكۈچى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-2 21:36:45 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپانىڭ تىگى ئالتۇن دىگەن شۇدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-2 21:44:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپاغا چىدىغانىڭ  پايدىسىنى كۇرۇپتۇ مانا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-2 22:06:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   honda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-2 22:31  

نۇر تورىدىكى  بەزى  تېمىلارنى  بۇ يەرگە ئەكىلىپ  قوسا مەيلى ، لىكىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرچە  تورلاردا  خۇددى  كوچىدا  داۋبەن دەي ساتقاندەك قىلىق بار.
بەزى  تېمىلارنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويسا بولىدۇ.


لىكىن كۆچۈرۈپ  كىلشى بەك زىيادە بولۇپ كەتمىگىنى ياخشى ، يەنى بىرلا  ئادەم توختىماي نۇرنىڭ  تەنتەربىيە خەۋىرىنى كۆچۆرۈپ  كەلسە، بۇ سەل قاملاشمىغان قىلىق.
بەزى تېمىلار  پۇتبول  مۇنبىرىگە  يوللانسا  بولىۋېرىدۇ .
باشقا نۇرغۇن  تورلارمۇ  خەلقئارا  خەۋەرنى كۆچۈرۈپ  يوللايدۇ.

شۇ ئالدىنقى قېتىمقىدەك 1414مۇ شۇ ئەزادەك توختىماي  بىرلا ئادەم ،  مەركەزلىك ھالدا بىر كۈندىلا  ئۈچ تۆت خەۋەرنى كۆچۈرۈپ كەلسە سەل سەت تۇرىدىكەن.
باشقا خەۋەر  تورلىرىغۇ ، پۈتۈن بىر كۈنلۈك يوللانغان خەۋەرنى ، قارلۇقنىڭ ئوكياننىڭكىنىمۇ  تولۇق كۆچۈرىدۇ.
بەزىسىنى تەڭ بەھىرلەنسە بولىدۇ ، لىكىن بەك زىيادە كۆپ بولۇپ كەتمىسىلا ھېچقىسى  يوق .
ئۆزۈڭلارنى توپ تەپكۇچىنىڭ ئورنىغا قويۇپ بېقىڭلار .. ئەگەر  توپ تەپكۈچى كۈنىگە  10 تېما  يوللىسا، ئۇنى ھېچقانداق  ئەمگەك  قىلمايلا  نۇرغا كۆچۈرۈپ  ئاپارسا ياكى باشقا يەرگە كۆچۈرسە  سىزنىڭ سەل ئاچىقىڭىز كىلىشى مۇمكىن.
سىزمۇ  خىزمىتىڭىزدىن  بوشىغاندا مۇنبەرگە تېما يوللىشىڭىز مۇمكىن، توپ تەپكۇچىمۇ شۇنداق
دەل شۇنىڭدەك  نۇرغا تەرجىمە  قىلىپ بەرگۈچىمۇ  خىزمىتى  بوشىغاندا  تەرجىمە  قىلىپ بېرىدۇ .
بەك زىيادە  بولۇپ كەتمىسىلا  ھېچقىسى  يوق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-2 22:24:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى مەنبەسى ئېنىق بولمىغان خەۋەرنى تەستىقلىمىسا بولغىدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-2 22:38:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېسىق نامى پۇر كەتكەن چاينا پۇتبولىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈو قويدى،پۇل بىلەن بولسىمۇ.....ئۇيغۇرلاردىنمۇ قاچان مۇشۇنداق بىر مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى چىقار..... پۇل تاپىمىز ،پۇل تاپىمىز ،ھېچبىر كولۇب قۇرالمايمىز، 29 قا كىرىپتىمەن بۇ يىل ،ئۇيغۇرنىڭ بىر كولۇبى جوڭگۇنىڭ ئەڭ نوچى بىرلەشمىسىدە توپ ئوينىغان دەۋرنى كۆرەلەمەنمۇ؟ ئۆزۈم كەسپى پۇتبولچى بولالمىدىم،لېكىن،شۇ ئۇيغۇر كولۇبىغا مەستانە بولۇپ،ھەر ھەپتىدە شۇ كوماندىنىڭ كېيىمىنى كىيىپ،شارپىسىنى ئارتىپ،بالامنى ئەگەشتۈرۈپ، قانغىچە توۋلاپ،پۇتبولدىن ھەقىقى ھوزۇر ئالالەرمەنمۇ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن..... قويۇلۇۋاتقان ناخشا يۈرەك تارىمىنى چەكمەكتە.....
كېلىدۇ يىراقتىن ئۇيغۇرنىڭ ھېدى،
پۇرايدۇ بۇرنۇڭغا ئۇيغۇرنىڭ نېنى.......
...................................
كەتسەڭمۇ تۈركىيە،پارىژغا،
نوپۇسقا ئالسىمۇ سېنى ئامېرىكا
ھەي،ئۆزىمىزنىڭكىگە يىتەمدۇ؟؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-2 22:46:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىش قىلىپ مىنىڭ ھېس قىلشىمچە يىىقىننىڭ ياقى مۇنبەر بەك جىمىپ كېتىۋاتدۇ.بىر كۈننىڭ ئىچدە ئاران 3ياكى4تېما يولۇنۋاتدۇ.ئىنكاسلارمۇ يوق دىيەرلىك بىر بەت ئېشىپ كەتسە 2بەتتىن ئاشمايۋاتدۇ.بۇرۇن بىر تېما يوللانسا ئىنكاس دىگەن يىغىپ كىتەتتى.ئاز ئىنكاس چۈشتى دىگەندە 4-5بەت چۈشەتتى.ئەتگەن مۇنبەرگە بىر كىرىپ چىقكەتكەن.مانا ھازىر كىرسەم تۈزۈك تېما يوللانماپتۇ.ياكى مەن شۇنداق ھېس قىلۋاتامدىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-2 22:53:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى تېما يولانغاندا باشقا مۇنبەرگە يوللانغانلىقنى بىلمەي يولۋىتدىغانلارمۇ بار بۇنىڭلىق بىلەن كۆچىرىپ ئەكەلدى دىيشكىمۇ بولمايدۇ.لىكىن ئاشۇ نۇر توردىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن تېملارنى ھەرگىز تەستىقلانمىسا تېما يوللاشتىن بۇرۇن نۇر تورنى بىر كۆزدىن كەچۈرۋەتسە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-2 22:55:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردە ئانچە مۇنچە سوقشۇپ تۇرسا بۇلامدۇ نىمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-2 23:03:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايا باغداشتا بىر تېما كۆردۈم ، ئابىدە شىركىتى ھۇررا پۇتبۇل كۇلۇبى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ دەپ تۇردۇ ، يەنە ئابىدە شىركىتى پۇتبۇل كۇلۇبى قۇردىغان گەپلەرمۇ باردەك قىلدۇ ، ، ، مۇنبەرنىڭ تېما يوللاش دەرسىلىكى بارمۇ ؟ بولسا بىزمۇ تېما يوللاشنى ئۆگۈنۋالساق يېڭى تېمىلارنى يوللايتۇق ، ، ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-2 23:29:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ROCKY يوللىغان ۋاقتى  2014-2-2 23:03
بايا باغداشتا بىر تېما كۆردۈم ، ئابىدە شىركىتى ھۇررا پ ...

/thread-41024-1-1.html
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-2-2 23:30:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پىكىر نۇر تورىدىكى تەنتەربىيە خەۋرىنى يوللايدىغان بالا نەدىن تاپىدىكى بەك ياخشى خەۋەرلەرنى يوللايدىكەن مۇشۇ مۇنبەردە يوقمىدۇ ئۇ بالا..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-27 00:06

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش