- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8184
- نادىر
- 16
- يازما
- 8184
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-2 14:35
يېقىندىن بۇيانقى ئۇدا بىر نەچچە قېتىم يارىلىنىش مېسسىنىڭ « شاھلىق » يۇلىنى تۇسۇپ قويدى .شۇنىڭغا ئەگىشىپ مېسسىنىڭ كونا رەقىبى كىرىستىئانو رونالدو تۇراقلىق ئىپادىسى بىلەن ئۆزىنى داۋاملىق ئىسپاتلاش بىلەن بىرگە ،بۇ پەسىل بىرلەشمىدە كىرگۈزگەن جەمىي 22 توپ بىلەن ياۋروپادىكى بىرىنچى مەرگەن ئورنىدا تۇرىۋاتىدۇ .مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ھەرقايسى تاراتقۇلار « دۇنيادا ھازىر زادى كىم كۈچلۈك » دىگەن تېما ئۈستىدە يەنە بەس-مۇنازىرىنى باشلىۋەتتى .بىرازىلىيەلىك پۇتبول شاھى پىلىنىڭ قارىشىدا رونالدو ھازىر مېسسىدىن ئېشىپ دۇنيادا بىرىنچى نومۇرلۇق پۇتبولچىغا ئايلانغان .پىلى مۇنداق دىگەن : رونالدو يېقىنقى ئىككى- ئۈچ يىلدا راۋرۇس تاۋلىنىپ چىقىپ ياۋروپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچىغا ئايلاندى .مېنىڭچە ھازىر رونالدو مېسسىدىن تامامەن ئېشىپ كەتتى .ھازىرقى دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى بىرىنچى توپچى دەل كىرىستىئانو رونالدو .مېسسى كەينىدە قالدى .مۇبادا ماڭا ئەينى چاغدىدىكىدەك يەنە بىر قېتىم توپ ئويناش پۇرسىتى كەلسە رونالدو بىلەن سانتوس كوماندىسدا بىللە توپ ئويناشنى ئۈمىد قىلاتتىم .
مارادونا : پىلى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ .بۇنىڭغا كۈنۈپ كەتتى !
يېقىندا ئارگېنتىنالىق پۇتبول شاھى مارادونا خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسنىڭ « ئالتۇن توپ » تارقىتىش مۇراسىمىدىن كېيىن پىلىغا زەمبىرەك ئوقى ئېتىپ : قېرى پىلى بۇ مۇراسىمدا « ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالتۇن توپ » مۇكاپاتىغا ئېرىشىپتۇ .لېكىن مەن بۇ مۇكاپاتنى 1995-يىلى پارىژدا ئاللىقاچان ئېلىپ بولغان .پىلى ئىككىنچى بولۇپ ئالدى دىگەن بولۇپ ،مارادونانىڭ بۇ سۆزى شۇ چاغدا خېلى غۇلغۇلا قوزغىغان .بۈگۈن مارادونا « كۈندىلىك تەنتەربىيە گېزىتى » نىڭ زىيارىتنى قوبۇل قىلغاندا بۇ سۆزىنى يەنە تەكرارلاپ مۇنداق دىدى : توغرا ،مېنىڭ سۆزۈمدە شەك يوق ،قېرى پىلى بۇ مۇكاپاتنى ئالغان تۇنجىسى ئەمەس .پىلى دائىم ئىككىنچى بولۇپ ئېلىۋاتىدۇ .پىلى بۇنىڭغا كۈنۈپ كەتتى .مارادونا مېسسى بىلەن رونالدو ئۈستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى : ھەر ئىككىلىسى قالتىس توپچى ،ئويناش ئۇسلۇبى ئوخشىمايدۇ .مېسسى يارىلاندى .شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى يەنىلا مېسسى !
توپ تەپكۈچى
|
|