پۇتبول كۇلۇبى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: پائالىيەت دوستلىشىش discuz
نىيە ۋاسكىتبول كۇلۇبى
كۆرۈش: 1118|ئىنكاس: 51

9-نۇمۇرنىڭ رىۋايىتى ( يىڭىلاندى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئالەم كوماندىسى ئالغا!

88

تېما

6

دوست

1437

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12581
يازمىسى: 1437
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 21928
تۆھپە: 148
ۋاقتى: 411
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 18:42:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
u=2042050670,2635882325&fm=56.jpg


ئالدىنقى قىتملىق 10-نۇمۇرنىڭ ۋە 7-نۇمۇرنىڭ رىۋايىتى دىگەن تىمىلىرىمنىڭ داۋامى سۈپىتىدە 9-نۇمۇرلۇق توپچىلار توغىرلۇق تېما يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، بۇندىن بۇرۇنقى تىمىلىرىمدىمۇ مۇنبەرداشلار قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئايىماي ، كەمچىللىكلىرىمنى تۈزىتىشكە ياردەم بىرىپ كەلدى ، شۇلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئىيتىمەن !   ئازماس ئىنسان يوق ، نۇقسانسىزلىق پەقەت ئىگىسىگىلا خاس ! مۇشۇ تىمامدىمۇ تۈزىتىشكە تىگىشلىك نۇقتىلار ھىلھەم مەۋجۇت ، مۇنبەرداشلارنىڭ بايقىغان ھامان ، تۈزىتىشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!


1.مۇكەممەل 9-نۇمۇر دى سىتىفانو  (ئارگىنتىنا، ئىسپانىيە )
42e89c261e87045a8b82a16e.jpg

پۇتبول مەيدانىدا «ئالتۇن يائوقى » دەپ ئاتالغان ، 50-يىللاردا پۇتبول ساھەسىدە تىخنىكىسى ئەڭ ياخشى ماھىر دەل دى سىتىفانو . كەسپى ھاياتىدا خان جەمەتى مادىرىت كۇلۇبىدا 11 يىل توپ تەپكەن ،  پۇسكاش بىلەن ئىككىسى پۇتبۇل ساھەسىدە ئاجايىپ بىر دەۋىرنى بىرلىككە كەلتۈرگەن . خان جەمەتى مادىرىت كوماندىسىدا ئۇدا بەش يىل بىرلەشمىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشكەن ، بەش قىتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ۋە بىر قىتىم قىتئەلەر لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشكەن .510قىتىم مەيدانغا چىقىپ ، 418 توپ كىرگۈزگەن ، بەش قىتىم ياۋرۇپادىكى ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچى ، ئىككى قىتىم ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان. مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا ھۇجۇمچى ، ئۇنىڭ تىخنىكىسى ناھايىتتى ئەتىراپلىق  ، توپ كونىتىرول قىلىش ، توپ يەتكۈزۈش ، يىراقتىن توپ ئۇرۇش قاراتلىق تەرەپلەردىمۇ ناھايىتتى ياخشى بولۇپ ، رەقىپلىرى ئۇنى مۇداپىيە قىلىمەن دەپمۇ قىلىپ بولالمايتتى . ئۇ دۆلەت كوماندىسىدا ئارگىنتىنا ۋە ئىسپانىيە ئىككى دۆلەتكە ۋاكالىتەن مەيدانغا چىققان.
979387.jpg

6690ad0f-6652-4f76-843b-42d5defe7a88_o.jpg

دى سىتىفانو 1926-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى ئارگىنتىنادا  تۇغۇلغان بولۇپ ، قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە توپچى . كىشىلەر ئۇنى ھەممە تەرەپتىن يىتىشكەن پۇتبۇلچى دەپ ھۆرمەتلىشەتتى .
u=2958822263,3708463464&fm=21&gp=0.jpg

ئۇ دۆلەت كوماندىسىدا 8 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 6توپ كىرگۈزگەن ،(ئارگىنتىنا)
31 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 23 توپ كىرگۈزگەن .(ئىسپانىيە )
1990-يىلى ئالاھىدە ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

2.        ساداقەتمەن 9-نۇمۇر شىللىر  (گىرمانىيە )
9a504fc2d5628535a49da64590ef76c6a6efce1b9d164b68.jpg

e1fe9925bc315c6061ef1f8b8db1cb1348540923dd545767.jpg

شىللىر بولسا بىلىدىن باشقا ، بىردىنىبىر تۆت نۆۋەتلىك دۇنىيا لوڭقىسىنىڭ ھەممىسىدە توپ كىرگۈزگەن پۇتبولچى . ئۇنىڭ مەيدانىدىكى سىرىكچى دىگەن چىريلىق نامى بار. ئۇ غەربىي گىرمانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولۇپ ، دۆلەت كوماندىسىنى ئۈچ قىتىم يىرىم ھەل قىلغۇچقىچە باشلاپ كىرگەن . ئۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-60-يىلللىردىكى ئىپادىسى ئەڭ تۇراقلىق بولغان ھۇجۇمچى . ئۇ كەسپى ھاياتىنىڭ ھەممىنى گىرمانىيەنىڭ ھامبۇرۇگ كۇلۇبىدا ئۆتكۈزگەن بولۇپ ، ئۇنىڭ ساداقەتمەنلەرنىڭ نەمۇنىسى دىگەن نامىمۇ بار . ئۇ 18 يىللىق كەسپىي ھاياتىدا ،700 مەيداندىن كۆپ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 551 توپ كىرگۈزگەن . 1960،1964،1970-يىللىرى ئۈچ قىتىم غەربىي گىرمانىيە پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان . دۆلەت لوماندىسىدا 72 مەيدان مۇسابقىگە قاتنىشىپ ، 44 توپ كىرگۈزگەن .
شىللىر 1936-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ، گىرمانىيەنىڭ ھامبۇرۇگ شەھرىدە تۇغۇلغان ، ئۇ تۇغۇلۇپا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ قالايمىقانچىلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچىراپ ، تۇرمۇشى قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتكەن .
u=2852311169,2404922949&fm=21&gp=0.jpg


3.تەلەيلىك 9-نۇمۇر  بوبىي چارلىتون  (ئىنگىلاند)
8644ebf81a4c510f54f36c106059252dd52a2834349b85b9.jpg

01300000201162121951458307962.jpg

چارلىتون مانچىستىر بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە شەخىس . ئۇ مەيداندا 9-نۇمۇرلا بوپ قالماستىن ، دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ، چارلىتون 66-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا 9-نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيىپ جەڭگە ئاتلاندى . مۇسابىقە جەريانىدا ئۇ 9-نۇمۇردىن ئىبارەت بۇ ئوتتتۇرا مەيدان نۇمۇرىغا يىڭىدىن مەنالارنى قوشتى . ئۇ كوماندىدىكى يادرولۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، ئىنگىلاد كوماندىسىنى دونيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشتۈردى . دۆلەت كوماندىسىدا 106 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 49 توپ ئۇردى . مانچىستىردا 752 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 249 توپ ئۇردى .  
چارلىتون 1937-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى ئىنگىلانددا تۇغۇلغان.
bd315c6034a85edf50a7702949540923dc54564e925855ad.jpg

مانچىستىردا ئۈچ قىتىم ئىنگىلاند ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقىغا ،  بىرقىتىم ئۇيۇشما لوڭقسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ،بىرقىتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشكەن.
c8ea15ce36d3d5392c2881c93a87e950342ac65c1038989f.jpg

1966-يىلى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشكەن. 1966-يىلى ئىنگىلاند پۇتبول ئەپەندىسى ۋە ياۋرۇپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. 1968-يىلى ياۋرۇپا كۈمۈش توپ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. 1970-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئون ماھىرنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. مانچىستىردا تۆت قىتىم قالقان لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشكەن. 1999-يىلى 20-ئەسىردىكى ئەڭ مۇنەۋەر تەنھەركەتچىلەرنىڭ بىرى دىگەن نامغا ئىرىشكەن ، 2012-يىلى لاۋرىنىس ئۆمۈرلۈك مۇۋاپىقىيەت مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

4.تەجىربىلىك 9-نۇمۇر ئىدىۋارد توستاۋ  (بىرازىلىيە)
9213b07eca8065384970b2d697dda144ac348258.jpg

70-يىللاردىكى بىرازىلىيە كوماندىسىدا گىگانىت چولپانلار تەشكىل تاپقان ھۇجۇم سىپىدە ، توستاۋ كوماندىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى ، شۇنداقلا كۇلۇب تارىخدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچى ئىدى.
ئۇنىڭ تىخنىكىسى ئالاھىدە بولۇپلا قالماستىن بەلكى ، كاللىسى ناھايىتتى بەك ئىشلەيدىغان بولۇپ ، ئورۇن ئىلىش ۋە باشقا تاكتىلاردا ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك ئىدى. 70-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدىكى بىرازىلىيەنىڭ ئۇتۇقلىرى ئۇنىڭسىز روياپقا چىقماس ئىدى.
ئىدىۋارد توستاۋ 1947-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى برازىلىيدە تۇغۇلغان. كەسپى ھاياتنىڭ 11 يىلى كىروسىرۇ كۇلۇبىدا ئۆتكەن. ئۇ بىرازىلىيە كوماندىسى بىلەن ئىككى قىتم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان بولۇپ ، 1970-يىلى چىمپىيۇن بولغان. دۆلەت كوماندىسىدا 52 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 31 توپ كىرگۈزگەن .  كىروسىرۇ كۇلۇبىدا 91 توپ كىرگۈزگەن .

5. ئەقىللىق 9-نۇمۇر  رۇيىد ۋوللىر   (گىرمانىيە )
4ec2d5628535e5ddf3b8ffaf76c6a7efcf1b9d16fdfa4a15.jpg

u=1010875926,2916218296&fm=21&gp=0.jpg

ۋوللىر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىكى گىرمانىيلىك ھۇجۇمچى ، چەكلەنگەن رايۇن قاتىل بولۇپ ، تىخنىكىسى ئەتىراپلىق ،توپ ئۇرۇش ئۇسۇللىرى خىلمۇ-خىل . ئۇ گىرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە 232مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 132 توپ ئۇرغان. ئالدى –كەينى بولۇپ ئۈچ قىتىم توپچى ۋە تىرىنىر سالاھىيىتىدە دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ ، يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىگە قاتناشقان. 1990-يىلى ئۇ ۋە كىلىسمان ئىككىسى ناھايىتتى ئۆتكۈر ھۇجۇم سىپىنى تەشكىل قىلغان. غەربىي گىرمانىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشىشىدىكى ئاساسلىق توھپىكار.
3ac79f3df8dcd100bd977a80728b4710b812c8fcc3ce0f3b.jpg

رۇيىد ۋوللىر 1960-يىلى 4-ئاينىڭ 13-كۈنى گىرمانىيدە تۇغۇلغان. 1984-1988-1992-2004-يىللىرى گىرمانىيەگە ۋاكالىتەن ياۋرۇپا لوڭقىسىغا قاتناشقان،1986-1990-1994-يىللىرى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان. ئىتالىيە بىرلەشمىس ، ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشكەن. دۇنيا لوڭقىسىنى چىمپىيۇنلۇقى ۋە ئىككىنجىلىكىگە ، ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ ئىكىكىنجىلىكىگە ئىرىشكەن. 1983-يىلى دۇنيا پوتبۇل ئەپەندىسى بولغان.


6.قەھىرلىك 9-نۇمۇر  ۋان باستىن ( گوللاندىيە )
01300000201162121921175429040.jpg

10042201055b11918662b9d9b1.jpg

610889_20080612_150294.jpg

1988-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسى مەزگىلىدە بىر جەڭ بىلەنلا نامى چىقىپ كەتكەن ۋان باستىن ، نۆل گىرادۇستىن توپ ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ ، ئۆزىنىڭ نامىنى بىراقلا ھەممە يەرگە تاراتتى . مىلەننىڭ شانلىق تارىخىنى يارىتىپ ، ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى .
ۋان باستىن 1964-يىلى 10-ئاينىڭ 31-كۈنى گوللاندىيىدە تۇغۇلغان . ئىلگىرى-كىيىن بولۇپ ئاجاگىس ۋە ئاس مىلەن كۇلۇبىدا توپ تەپكەن .1988-يىلى گوللاندىيەنى باشلاپ ياۋرۇپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان ، دۇنيا پۇتبۇل ئەپەندىسى ھەم ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان. 1989-يىلى قايتىدىن يەنە ياۋرۇپا پۇتبۇل ئەپەندىسى بولۇپ  باھالانغان. 1989-1990-يىللىرى ئاس مىلان بىلەن ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ، ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە قىتئەلەر ئارا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان. 1992-يىلى يەنە دۇنىيا پۇتبۇل ئەپەندىسى ۋە ياۋرۇپا پۇتبۇل ئەپەندىسى بولغان . 1995-يىلى چىكىنگنلىكىنى ئىلان قىلىپ ، 2004-يىلى گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تىرىنىر ،كىيىن تىرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان . گوللاندىيە كوماندىسىنى باشلاپ 2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسى ۋە 2008-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسىغا قاتناشقان. ئۇ ھازىر گوللاندىيە ئا بىرلەشمىسىدىكى خىرنىۋىن كۇلۇبىنىڭ تىرىنىرى .
ئاجاكىستا 130 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 128 توپ ئۇرغان ،  ئاس مىلاندا 147 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 90 توپ ئۇرغان . دۆلەت كوماندىسىدا 58 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 24 توپ ئۇرغان.
a6c7d717d4b99b37c83d6d63.jpg


7. مۇنەۋەر 9–نۇمۇر  سۇكىر  (كىرودىيە )
01300000201162121671674667304.jpg

10659991_068841.jpg

1998-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر ، كۈمۈش توپنىڭ ساھىبى بولغان سۇكىر ، ئۆزىنىڭ ئالھىدە نەپىس ھەركەتلىرى ۋە ئۇرغان توپلىرى بىلەن دۇنيا لوڭقسى ، ياۋرۇپا لوڭقىسى  ۋە مادىرىت كۇلۇبىدا ئۈچمەس يارقىن ئىزلارنى قالدۇردى .
داۋور سۇكىر 1968-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ ، 1998-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر ، شۇ يىلى كىرودىيە پۇتبول ئەپەندىسى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئىرىشكەن. 1997-يىلى مادىرىتتا ئۈچ شاھلىققا ئىرىشكەن. 1998-يىلى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ، خوندا لوڭقىسىغا ئىرىشكەن.1996-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسىدا 8 كۈچلۈككە كىرگەن ، 1998-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا ئۈچىنجى بولغان.
5d6034a85edf8db1078a84f70923dd54574e9258d00954c1.jpg



8.جەڭگىۋار 9-نۇمۇر باتىستوتا (ئارگىنتىنا )
01300000201162121826650189236.jpg

جەڭ ئىلاھى باتىستوتا ئارگىنىتنا خەلىقىنىڭ پەخرى ، مىلىيونلىغان توپ مەستانىلىرىنىڭ مەبۇدىسى .ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭ باشلامچى توپچىسى ، ئۇنىڭ دۇنيا لوڭقىسدىكى ئون چىرايلىق توپى كىشىلەرنىڭ يادىدىن مەڭگۈ كۆتۈرۈلمەيدۇ.
باتىستوتا 1962-يىلى 2-ئايىنڭ 1-كۈنى ئارگىنتىنادا تۇغۇلغان . ئارگىنتىنا دۆلەت كوماندىسىنىڭى ھۇجۇمچىسى ، كەسپىي ھاياتىدا فىئورىنتىنا  ، رىم ، ئىنتىر مىلان قاتارلىق كۇلۇپلاردا توپ تەپكەن. 1994-يىلىدىن 2002-يىلىغىچە ئۈچ قىتىم ئارگىنتىناغا ۋاكالىتەن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان. 2001-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ، چىرايلىق كىرگۈزگەن بىر توپىغا تايىنىپ رىم كوماندىسىنى بىرلەشمىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشتۈرگەن . دۇنيا لوڭقىسىدا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قالپاق ئۇيۇنى قويۇپ رىكورىت ياراتقان . 1991-1993-يىللىرى ئارگىنتىنانى باشلاپ ، ئامرىكا قىتئەسى لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقىغا ،1996-يىلى فىئورىنتىنا  كۇلۇبىنى باشلاپ ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ ۋە ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چىپىيۇنلۇقىغا ئىرىشتى . 2001-يىلى رىم كوماندىسىنى باشلاپ ئىتالىيە بىرلەشمىسى ۋە ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشتى .
01300000201162121826689705382.jpg

كەسپىي ھاياتىدا ، ئارگىنتىنا بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر ، ئامرىكا قتئەسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر2قىتىم ، جەنۇبى ئامرىكا پۇتبۇل ئەپەندىسى ، فىرانسىيە دۇنيا لوڭقىسى كۈمۈش ئاياغ مۇكاپاتى ، ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچى2قىتىم ، ئارگىنتىنا پۇتبول ئەپەندىسى ، دۇنيا پۇتبۇل ئەپەندىسى تاللاشتا ئۈچىنجى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئىرىشكەن.
1a94b36e767346e580cb4a53.jpg

دۆلەت كوماندىسغا ۋاكالىتەن 78قىتىم مەيدانغا چىقىپ ، 56توپ كىرگۈزگەن.
دۇنيا لوڭقىسىدا 12قىتىم مەيدانغا چىقىپ، 10 توپ كىرگۈزگەن .
ياۋرۇپا ئۈچ لوڭقىسىدا 43 قىتىم مەيدانغا چىقىپ ،13 توپ كىرگۈزگەن .
ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا27 قىتىم مەيدانغا چىقىپ ،8 توپ كىرگۈزگەن .
ئىتالىيە ئادەرىجىلىك بىرلەشمىسىدە  318قىتىم مەيدانغا چىقىپ ،183 توپ كىرگۈزگەن .
جەڭ ئىلاھى تۈغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!

9.تىرىشچان 9-نۇمۇر ۋىررىي (ئىتالىيە )
810a19d8bc3eb135efe64e37a71ea8d3fc1f4134970a6425.jpg

a9d3fd1f4134970a0a5b532195cad1c8a686c9177f3e7daf.jpg

پۇتبۇل ساھەسىدىكى ئالاقانات ، نۇرغۇن كۇلۇپلاردا ئۆزىنىڭ ئۇرغان توپلىرى بىلەن ئەسلىمە ياساپ كىلىۋاتقان قارا كۆك قوشۇننىڭ ھۇجۇمچىسى ۋىررىي ، ئىتالىيەدە ئۆزگىچە تەسىر قالدۇرغانىدى ، ئۇ دۇنيا لوڭقىسىدا 9مەيداندا 9توپ ئۇرۇپ ، 9-نۇمۇرنىڭ سۈر ھەيۋىسىنى نامايەن قىلغان ..
كىرىستىيان ۋىررىي 1973-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىتالىيەدە تۇغۇلغان .
97/98-مۇسابىقە پەسلىدە ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچى بولغان،
2002/2003-مۇسابىقە پەسلىدە ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ھۇجۇمچى بولغان ،
2004/2005-مۇسابىقە پەسلىدە ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان.
1999-يىلى ئىتالىيە پۇتبۇل ئەپەندىسى ، ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر بولغان.
1998-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا كۈمۈش ئاياغ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.

10.تاشقى پىلانىتتىن كەلگەن 9-نۇمۇر  رونالدو  (بىرازىلىيە)
2010061318183450.jpg

تاشقى پىلانىتتىن كەلگەن بۇ تالانتلىق 9-نۇمۇت كوماندىسىنىڭ نۇمۇر ئىلىشنىڭ كاپالىتى ، ئۈچ قىتىملىق دۇنيا پۇتبۇل ئەپەندىسى ، دۇنيا لوڭقىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن .
رونالدۇ  1976-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى بىرازىلىيەدە تۇغۇلغان بولۇپ ، ئۇ بىرازىلىينىڭلا ئەمەس بىلكى پۈتكۈل پۇتبۇل دۇنياسىنىڭ پەخرى ھىساپلىنىدۇ .
ئۇ 96/97/2002-يىللىرى دۇنيا پۇتبۇل ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان .
97/2004-يىللىرى ئىسپانىيەدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر بولۇپ باھالانغان.
97-يىلى ياۋرۇپا ئالتۇن ئاياق مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
97/2002-يىللىرى ياۋرۇپا پۇتبۇل ئەپەندىسى بولۇپ باھالنغان.
1999-يىلى ئامرىكا قتئەسى ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
f31fbe096b63f624c1c591848744ebf81b4ca399.jpg

2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدىكىئەڭ مۇنەۋەر مەرگەن شەرپىگە ئىرىشكەن.
2006-يىلى فىرانسىيە ئالتۇن پۇت مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
2003-يىلى جەنۇبى ئامرىكا پۇتبۇل ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان .
94/2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشكەن.
97/99-يىللىرى ئامرىكا قتئەسى لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشكەن.
129770077715606765032.jpg

97-يىلى بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشكەن.
93-يىلى بىرازىلىيە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ، جەنۇبىي ئامرىكا دەرجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ، 94-يىلى بىرازىلىيە رىقابەت مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ، 95-يىلى گوللاندىيە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ، 96-يىلى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا ، 97-يىلى ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى ، ياۋرۇپا ئۈستۈنلۈك لوڭقىسنىڭ (欧洲优胜者杯) چىمپىيۇنلۇقىغا ، 98-يىلى ئىتتىپاق لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقىغا ، 2002-يىلى خوندا لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقىغا ، 2003-يىلى ئسپانىيە بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقى ۋە ئىسپانىيە دەرجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا ، 2007-يىلى ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى ۋە دۇنىيا كۇلۇپلار لوڭقىسىنڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ، 2009-يىلى بىرازىلىي لوڭقىسى چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشكەن.


11.ئوفسايت سىزىقى ئۈستىدىكى 9-نۇمۇر ئىنزاگى

377adab44aed2e730f0638638601a18b86d6fa96.jpg

ئىنزاگى مىلاننىڭ رىۋايەتلىك چولپانلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، كەسپىي ھاياتىدا ئۈچ قىتىم ئىتالىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى ،2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىۇنى، 2000-يىلى ياۋرۇپا لوڭقىسىدا ئىككىنجى  ، ئىككى قىتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى ، ئىككى قىتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى ، بىر قىتىم دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى ، ئىككى قىتىم ئىتالىيە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى دىگەن شەرەپلەرگە ئىرىشكەن. مىلان مەستانلىرى قەلبىدە ناھايىتتى يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولۇپ ، چەكلەنگەن رايۇن شاھزادىسى ، دىگەن  نام بىلەن ئاتالغان . ئۇ دۆلەت كوماندىسىدا 57 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 25 توپ كىرگۈزگەن ، ياۋرۇپا ئۈچ لوڭقا مۇسابىقىلىرىدە 110 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 70 توپ كىرگۈزگەن ، ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 81 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 46 توپ كىرگۈزگەن . (بىرلەشمىدە كىرگۈزكەن توپ سانىغا قارىتا ئىشەنچىلىك سان-سىفىر تاپالمىدىم. كەسپى ھاياتىدا كىرگۈزگەن ئومومىي توپ سانى 315دىن كۆپ ئىكەن.)
22563_693830_614505.jpg

2012-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى مىلان ئورگان تورى ئىنزاگىنىڭ رەسمى چىكىنگەنلىكىنى ئىلان قىلدى. ئىنزاگى بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالماي ، مىلەننىڭ 17 ياشلىقلار كوماندىسىغا تىرىنرى بولۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى .2013-يىلى 6-ئايدا يىڭى پەسىلدە مىلاننىڭ تەييارلىق كوماندىسىنى تۇتۇشى مۇقىملاشتى.
u=3556094000,3963714740&fm=23&gp=0.jpg

گەرچە ئىنزاگى باش رولچى ئورنىدىن چىكىنگەن بولسىمۇ ، ئەمما رىژىسسورلۇق تايىقىنى قايتىدىن قولىغا ئىلىپ ، مىلەن ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى مەستانىلىرى ئۈچۈن ، يىڭى كىلاسسىك ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا!


12.ھەل قىلغۇچتىكى قاتىل 9-نۇمۇر تورىس
u=949334412,1901403422&fm=21&gp=0.jpg

توررېس 1984-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان. توررېس مادرېد رىقابەتتە 12 يىل توپ تەپكەن بۇلۇپ مادرېد رىقابەت بىرىنجى سەپ كۇماندىسىغا چىققان تۇنجى پەسىلدە 36 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 6 توپ كىرگۈزىدۇ . كىيىنكى يىلى 29 مەيدان مۇسابىقىدە 13 توپ كىرگۈزىدۇ . 03-04-مۇسابىقە پەسلىدە توررېسنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى 20 گە يىتىدۇ ھەمدە دۆلەت كۇماندىسىدا تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقىدۇ .  ئۇ مادرېد رىقابەتتە بىرلەشمىدە  174 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 75 توپ كىرگۈزىدۇ . تورىس مادىرىت دىربىسىدا بىرمۇ توپ كىرگۈزەلمەي ، مادىرىت مەستانلىرىنىڭ مەسخىرسىگە ئۇچىرايدۇ ، ئەمما دائىم بارسا بىلەن بولغان كۈچلۈكلەر ئۇچرىرشىشىدا، توپ كىرگۈزىدۇ. تورىس مادىرىت رىقابەتتىكى ۋاقتىدا بارسىلونا غا 7 توپ ئۇرغان ، كەسپى ھاياتىدا ھازىرغا قەدەر بارسىلونا بىلەن 11 قىتىم ئۇچراشقان بولۇپ ، 8 توپ كىرگۈزگەن ، بۇ جەھەتتە ئۈنۈمى ھەقىقەتەن يۇقىرى .
2007-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى لىۋېرپول تەرەپ توررېسنى كۇماندىغا قۇشۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى . يۆتكىلىش ھەققى 26مىلىيۇن 500مىڭ فوندىستىرلىڭ، توررېسنىڭ ھەپتىلىك مۇئاشى 90مىڭ فوندىستىرلىڭ بولغان  ، بۇ جەھەتتە لىۋېرپولنىڭ رىكورتىنى بۇزغان ئىدى . بىراق توررېس مادرېد رىقابەتتىكى ۋاقتىدا ھەپتىسىگە 100مىڭ فوندىستىرلىڭ مۇئاش ئالىدىغان بۇلۇپ لىۋېرپولغا مۇئاش تۈۋەنلىتىپ قۇشۇلغان دىيىشكە بۇلىدۇ . توررېس لىۋېرپولغا كەلگەندىن كىيىن ئۈزى ئەڭ ئامراق بولغان 9 -نۇمۇرلۇق كىيىمنى كېيدى .
[ 172942_90548213.jpg

لىۋېرپۇل تارىخىدا 9-نۇمۇرلۇق كىيىم رىۋايەتلىك مەرگەنلەرنىڭ كىيىمى ھىساپلىنىدۇ . توررېسنىڭ كىيىنكى ئىپادىسى ئۇنىڭ  بۇ كىيىمگە تامامەن مۇناسىپ كىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى .
  2009-يىلى توررېس ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 46 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 33 توپ كىرگۈزىدۇ .
لىۋېرپۇلدىن ئايرىلىدىغان چاغدا 26ياشقا كىرگەن توررېس بىرلەشمىدە 102 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 65 توپ كىرگۈزگەن . ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 142 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 81 توپ كىرگۈزگەن . 2010-11-مۇسابىقە پەسلىدكى قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا چىلسىغا قۇشۇلۇشتىن بۇرۇن توررېس لىۋېرپۇلدا 26 مەيدان مۇسابىقىدە 11 توپ كىرگۈزۈپ بولغان ئىدى شۇنداقلا 11-ئايدىكى ساھىبخان مەيداندا چىلسىنى كۈتىۋالغان مۇسابىقىدە كىيىنكى ئائىلىسى چىلسىغا 2 توپ ئۇرغان ئىدى .
01300000199483121606352171553.jpg

لىۋېرپۇلدا ياراتقان بىر تۈرلۈك رىكورتلار

1 . توررېس بىرلەشمىدە 24 توپ كىرگۈزۈپ  بۇرۇن ۋەن نېستېرلوي  ياراتقان چەتئەللىك توپچىلارنىڭ تۇنجى پەسىلدە 23 توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان .
2 . توررېس خۇنت نىڭ 1962-1962-مۇسابىقە پەسلىدە ياراتقان لىۋېرپۇلنىڭ ئۆز مەيدانىدا ئۇدا توپ كىرگۈزۈش رىكورتى( 8 مەيدان )  بىلەن تەڭلەشكەن
3 . توررېس 11 يىلدىن بۇيان لىۋېرپۇلدا ھېچكىم بىرلەشمىدە 20 توپ كىرگۈزەلمەسلىكتەك تارخىقا خاتىمە بىرىپ بۇ تۈردە رىكورت ياراتقان  
4 . توررېس قىزىل ئارمىيە لىۋېرپولنىڭ 60يىلدىن كىيىنكى تۇنجى ئۇدا ئىككى ساھىبخان مەيدان قالپاق كىيگەن توپچىسى بۇلۇپ قالىدۇ .
5 . توررېس ئۈزىنىڭ تاق پەسىلدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى يارىتىدۇ . 03=04-مۇسابىقە پەسلىدە توررېس مادرېد رىقابەت ئۈچۈن 21 توپ كىرگۈزگەن ئىدى . بىراق لىۋېرپۇلغا كەلگەن تۇنجى پەسىلدە ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە 33 توپ كىرگۈزىدۇ .
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېنگىلاند زەردارى چىلسى ئورگان تورى لىۋېرپۇلدىكى ئىسپانىيەلىك ھۇجۇمچى توررېسنى كۇماندىغا قۇشۇۋالغانلىقىنى ئىلان قىلدى . توررېسنىڭ يۆتكىلىش ھەققى 50مىلىيۇن فوندىستىرلىڭ بۇلۇپ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى يۆتكىلىش رىكورتىنى ياراتتى . بۇ رىكورت ھازىرغىچە ساقلانماقتا . توررېس چىلسى بىلەن بەش يېرىم يىللىق توختام تۈزگەن . چىلسىغا كەلگەندىن كىيىن ئۇ يەنىلا ئۈزى ئەڭ ئامراق 9-نۇمۇرلۇق كىيىمنى كېيدى . توررېس لىۋېرپۇلدىكى ۋاقتىدا چىلسى بىلەن يەتتە قېتىم تۇتۇشۇپ 7 توپ كىرگۈزگەن ئىدى .
گەرچە توررېس ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ يۇقۇرى يۆتكىلىش رىكورتى يارىتىپ 50مىلىيۇن فوندىستىرلىڭ باھا بىلەن چىلسىغا قۇشۇلغان بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ چىلسىدىكى ئىپادىسى دىگەندەك ياخشى بولمىدى . توررېس 2011-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇنجى قېتىم كۆك ئارمىيە چىلسى ئۈچۈن مەيدانغا چىقتى ، رەقىبى بولسا دەل ئۇنىڭ كونا ئائىلىسى لىۋېرپۇل ئىدى . بىراق بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چىلسى 0-1نەتىجە بىلەن لىۋېرپۇلغا ئۇتتۇرۇپ قويدى . ئۇ چىلسىغا كىلىپ 14-مەيدان مۇسابىقىدە ئاندىن تۇنجى توپىنى كىرگۈزدى . 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى توررېس بىرلەشمىدىكى غەربى ھام بىلەن بولغان مۇسابىقىدە چىلسىغا كەلگەندىن كىيىنكى تۇنجى توپىنى كىرگۈزۈپ ئۇدا 13مەيدان توپ كىرگۈزەلمەسلىك ئەھۋالىغا خاتىمە بەردى . يامغۇرلۇق سىتامفورد كۆرۋرىكى پۇتبول مەيدانىدا غەربى ھام كۇماندىسىغا كىرگۈزگەن توپى توررېسنىڭ شۇ پەسىل چىلسىدا كىرگۈزگەن بىردىنبىر توپى ئىدى .
20121022112511.jpg

  2012-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئارىئان پۇتبول مەيدانىدا بەيرېن مىيۇنخىن بىلەن تۇتۇشقان ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇقنىڭ ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسى 84-مىنۇتقا قەدەم قويغاندا توررېس مەيدانغا چىقىدۇ شۇنداقلا چىلسى 0-1 نەتىجە بىلەن ئارقىدا قالغان ئەھۋالدا توررېس كۇماندا ئۈچۈن بىر بۇلۇڭ توپ يارىتىدۇ ،  88-مىنۇتتا دېروگبا شۇ بۇلۇڭ توپنى كاللا بىلەن ئۈسسۈپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىدۇ . ئەڭ ئاخىرقى نوقتا توپ جېڭىدە چىلسى 4-3 نەتىجە بىلەن بەيرېننى مەغلۇپ قىلىپ بەيرېن مىيۇنخىننىڭ ساھىبخان مەيدانىدا ئۇلارنىڭ قۇلىغا تىگەي دەپ قالغان لوڭقىنى تارتىۋېلىپ چىمپىيۇن بۇلىدۇ . بۇ توررېسنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى تۇنجى قېتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنى شەرىپگە ئىرىشىشى .

دۆلەت كۇماندىسى ھاياتى
172959_89511049.jpg

2009-يىلى قىتئەلەر بىرلەشمە لوڭقىسىدا ئىسپانىيە كۇماندىسى 5-0 نەتىجە بىلەن يېڭى زىللاندىيە كۇماندىسىنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقە باشلىنىپ 17 مىنۇت ئىچىدىلا توررېس قالپاق كىيىشنى تاماملايدۇ . بۇ ئىسپانىيە دۆلەت كۇماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تاماملانغان قالپاق كىيىش بۇلۇپ قالىدۇ .
2012-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىدا  توررېس يەنە دۆلەت كۇماندىسىغا تاللىنىپ  ئىسپانىيە كۇماندىسىنىڭ ئۇدا ئۈچ نۆۋەت چوڭ تۈردىكى مۇسابىقىدە چىمپىيۇن بۇلىشىغا ھەمدەمدە بۇلىدۇ . ئۇ ئىرلاندىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئىككى توپ ۋە ئىتالىيە بىلەن بولغا ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزىدۇ ھەمدە شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ .
815031_w2.jpg

2013-يىللىق قىتئەلەر بىرلەشمە لوڭقىسىدا ئىسپانىيە ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىگە بۈسۈپ كىرىپ بىرازىلىيە تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بۇلىدۇ . بىراق توررېس بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە 5 توپ كىرگۈزۈپ ئالتۇن ئاياغ مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ . توررېس دۆلەت كۇماندىسىدا جەمئى 76 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 24 توپ كىرگۈزىدۇ .
(ئەسكەرتىش: تورىسقا مۇناسىۋەتلىك يازمام ، تۇمشۇقنىڭ «ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە قاتىلى تورىس» دىگەن يازمىسىدىن ئىلىندى . تەپسىلى كۆرمەكچى بولسىڭىز: /forum.php?m ... 1%D8%B1%DB%90%D8%B3)

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
مىراس + 100 قالتىس!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئۆتنە ئالەم بۇ . . . !

220

تېما

28

دوست

5542

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  3470
يازمىسى: 5542
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 1471
تۆھپە: 575
ۋاقتى: 3888
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى ئارگېنتىنا مەستانىسى تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 18:53:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ! جاپا چەكتىڭىز ،
Barcelona

ئۆتنە ئالەم بۇ . . . !

220

تېما

28

دوست

5542

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  3470
يازمىسى: 5542
نادىر تېما: 2
ياۋرۇ: 1471
تۆھپە: 575
ۋاقتى: 3888
h
ھالەت

بارسىلونا لۈكچىكى ئارگېنتىنا مەستانىسى تەشۋىقات ئەلچىسى ئىجاتچان ئەزا ئالاھىدە ئىلگىرلەش تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 18:53:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىرماي ئۇقاي ئەمدى .
Barcelona

ئالەم كوماندىسى ئالغا!

88

تېما

6

دوست

1437

جۇغلانما

پۇتبول لۈكچىكى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  12581
يازمىسى: 1437
نادىر تېما: 6
ياۋرۇ: 21928
تۆھپە: 148
ۋاقتى: 411
h
ھالەت

يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 19:04:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەۋەنداز يوللىغان ۋاقتى  2014-2-1 18:53
ياخشى تېما ! جاپا چەكتىڭىز ،

رەھمەت بۇرادەر!

==ئارسېنال==

130

تېما

8

دوست

3901

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  7817
يازمىسى: 3901
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 728
تۆھپە: 9
ۋاقتى: 1535
h
ھالەت

تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 19:05:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېنگىلاند يېڭى قەلئەدە يەنە بىرسى بارتىغۇ ... ؟ ئىسمى تىلىمنىڭ ئۇچىدىلا...

1

تېما

0

دوست

277

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  13602
يازمىسى: 277
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 1710
تۆھپە: 3
ۋاقتى: 33
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 19:16:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبۇل بىلىملىرڭىزدىن بىزنىمۇ خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت مۇشۇ قىزقىشىڭىز ۋە بىلىملىرڭىز بىلەن ئەمەلى جەھەتتىمۇ ئازراق بولسىمۇ بىرىنجى بولۇپ ئوز جەمەتىڭىزدىن باشلاپ بىرەر پۇتبۇلغا قىزقىشى بار بالىلاردىن ئەمىلى تەربىيلەپ ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقىمىزغا ياراملىق پۇتبۇلچىلارنىڭ يىتىشىپ چىقىشىغا توھپە قوشۇشىڭىنى ئۇمىد قىلمەن

كۆك بايراقلار لەپىلدىمەكتە!

72

تېما

1

دوست

3132

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8866
يازمىسى: 3132
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 4338
تۆھپە: 5
ۋاقتى: 1849
h
ھالەت

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 19:18:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ توققۇزىنچى نۇمۇرمۇ خېلى قالتىس جۇمۇ...

Zirek

23

تېما

6

دوست

1513

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  10264
يازمىسى: 1513
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 198
تۆھپە: 11
ۋاقتى: 734
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 19:38:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ 9-نۇمۇرمۇ چۈشۈپ قاپتۇ
ئ‍ىنزاگى چۈشۈپ قاپتۇ.
قاغا قاق ئېتىدۇ ، ئۆز كۆڭلىنى خوش ئىتىدۇ .

6

تېما

1

دوست

2042

جۇغلانما

مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  8081
يازمىسى: 2042
نادىر تېما: 1
ياۋرۇ: 1522
تۆھپە: 6
ۋاقتى: 692
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 19:43:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوكىنات يوللىغان ۋاقتى  2014-2-1 19:05
ئېنگىلاند يېڭى قەلئەدە يەنە بىرسى بارتىغۇ ... ؟ ئىسمى تى ...

ئالەن شېرىر
دۇنيانى ساراڭلار يارىتىدۇ. غەلىبە تەۋەككۈلچىلەرگە مەنسۇپ. !

0

تېما

0

دوست

141

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9672
يازمىسى: 141
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 955
تۆھپە: 2
ۋاقتى: 362
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 20:01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما !
سۇبھى

0

تېما

0

دوست

141

جۇغلانما

پۇتبول مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  9672
يازمىسى: 141
نادىر تېما: 0
ياۋرۇ: 955
تۆھپە: 2
ۋاقتى: 362
h
ھالەت
يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 20:05:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋان باستىن  8 - نۇمۇرنىلا  كەيگەندۇ ،  9 -  نۇمۇرنى  كىيىپ  باقمىدىغۇ  دەيمەن .
سۇبھى

مەن كەلدىم .نىرى تۇر

69

تېما

30

دوست

4712

جۇغلانما

ئالىي ئەزا

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
ID نومۇرى:  84
يازمىسى: 4712
نادىر تېما: 3
ياۋرۇ: 2816
تۆھپە: 115
ۋاقتى: 3018
h
ھالەت

چېلسىي لۈكچىكى بايرىن لۈكچىكى ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە مۇنبەر قىززىقچىسى تۆھپىكار ئەزا دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-2-1 20:30:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورېسنى  قىتىپ  قويغان بولسىڭىز ئېكلەنمەي نادېرلايتم بۇ تىمىنى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|پۇتبول كۇلۇبى
  
Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For Putbol.Cn ( 新ICP备12001847号 )