بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-1 04:41
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار!
★ مۇنبىرىمىز قىزغىنلىقىنى يەنە بىر بالداق كۆتۈرۈش، مەستانىلەرنىڭ پۇتبول بىلىمىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلىقىنى بىلىپ بېقىش ۋە بىلمىگەنلەرگە بىلىم بېرىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، گەرچە بىر مۇنچە رىيازەت چەككەن بولساممۇ مۇنبەرداشلارغا ئۆزىنى سىنايدىغانغا سورۇن ھازىرلاپ تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراپ سوئالغا جاۋاپ بېرىش مۇكاپاتلىق پائالىيتىنى ئورۇنلاشتۇردۇم.
★ سوئاللارنىڭ سالمىقى خېلى ئېغىر، ئاساسلىقى پۇتبولچىلارنى تونۇش شەرت قىلىنغان. بۇنىڭدا يەنىلا پېشقەدەم پۇتبول مەستانىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ ئوتتۇرغا چىقاردىم، ئەلۋەتتە قورسىقىڭىزدا 20-30 يىللىق پۇتبول بىلىمى بولمىسا نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاپ بېرەلىشىڭىز ناتايىن. شۇڭا ئۆزىڭىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ ئاندىن پائالىيەتكە قاتناشسىڭىز بولىدۇ.
پائالىيەت قائىدىسى:
1. پائالىيەتكە قاتنىشىش ھەركىمنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقىدا بولىدۇ. بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلار چوقۇم ئەجىرىمگە لايىق بەدەل پۇلى تاپشۇرۇش كېرەك (ئەلۋەتتە مۇنبەر ياۋروسى). تېما باھالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق 50 ياۋرو تاپشۇرسىڭىز ئاندىن پائالىيەتكە قاتنىشىش سالاھىيتىگە ئېرىشكەن ھېساپلىنىسىز. تېما باھالاش ئۇسۇلىدا 50 ياۋرو تاپشۇرمىغانلارنىڭ جاۋابى بىردەك ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ.
2. جاۋاپنى ئىنكاس شەكلىدە يوللىماي ماڭا بىۋاستە قىسقا ئۇچۇر يوللاش شەكلىدە تاپشۇرىسىز. ئىنكاس شەكلىدە جاۋاپ يوللىغانلار قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ھېساپلىنىپ، ئىنكاسى ئۆچۈرۈلىدۇ ھەمدە بىر قېتىم ئەسكەرتىش بېرىلىدۇ. ئەسكەرتىش بېرىلىپمۇ يەنە قائىدىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار مۇنبەردىن چەكلەش جازاسىغا ئۇچىرايدۇ. (بىلەرمەنلەر بەكراق دىققەت قىلارسىلەر.)
3. سوئاللار شەكىل جەھەتتىن 4 چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ھەر بىر تۈرگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا نومۇر ئۆلچىمى، جاۋاپ يېزىش قائىدىسى توغرىسىدا ئىزاھات بېرىلىدۇ.
4. پائالىيەت ۋاقتى 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە جەمئىي 10 كۈن بولىدۇ. مۇشۇ 10 كۈن ئىچىدە مەن قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە تاپشۇرۋالغان جاۋاپلارنى رەسىم شەكلىدە كېسىپ يىغىۋېلىپ، 2-ئاينىڭ 11-كۈنى مۇشۇ تېمىدا ئېلان قىلىمەن.
5. تولۇق نومۇر جەمئىي 100 نومۇر. دەرىجىگە ئېرىشىدىغان سان چەكلىك. مۇكاپات سوممىسى يۇقىرى.
مۇكاپات ئۆلچىمى:
1-دەرىجە: 1 نەپەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئۆلچىمى: تولۇق نومۇرغا ئېرىشىشى كېرەك. مۇكاپات: 3000 ياۋرو مۇنبەر پۇلى. بىر دانە كۇلۇپ مېدالى، بىر دانە دۆلەت مېدالى، بىر دانە موللا تاپقاق مېدالى.
2-دەرىجە: 2 نەپەر. ئۆلچىمى: 100 نومۇردىن 90 نومۇرغىچە ئېرىشىشى كېرەك. مۇكاپات: 2000 ياۋرو مۇنبەر پۇلى. بىر دانە كۇلۇپ مېدالى. بىر دانە ئالاھىدە ئىلگىرلەش مېدالى.
3-دەرىجە: 3 نەپەر. ئۆلچىمى: 90 نومۇردىن 80 نومۇرغىچە ئېرىشىشى كېرەك. مۇكاپات: 1000 ياۋرو مۇنبەر پۇلى.
پۇتبول مۇنبىرى 2014-يىللىق مۇكاپاتلىق سوئال-جاۋاپ پائالىيتى
(1-قېتىملىق)
1. تاق تاللاش سوئالى: (45 نومۇر)
ئىزاھات: جەمئىي 15 سوئال بار. ھەر بىر سوئالدا پەقەت بىرلا جاۋاپ توغرا.
(1) تۆۋەندىكىلەردىن دۇنيا لوڭقىسىدا «قالپاق ئويۇنى» ئويناپ باققان پۇتبولچىغا تەۋە بولمىغىنى قايسى؟
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(2) تۆۋەندىكىلەردىن تىپىك سول مۇداپىيەچىگە تەۋە بولمىغىنى قايسى؟
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(3) تۆۋەندىكىلەردىن ئەڭ كۆپ كۇلۇپ ئالماشقان پۇتبولچى كىم؟
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(4) تۆۋەندىكىدىن قايسىسى مانچېستېر شەھىرىنىڭ ساھىبىخان مەيدانى؟
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(5) تۆۋەندىكىلەردىن قايسى پۇتبولچى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ باققان؟
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(6) تۆۋەندىكىلەرنىڭ ئىچىدە دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان قېتىم سانى ئەڭ كۆپ پۇتبولچى قايسى؟
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(7) ئېنگىلانىد بىرلەشمىسىگە تەۋە بولمىغىنى قايسى؟
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(8) تۆۋەندىكىلەردىن قايسى پۇتبولچى رىم كوماندىسىدا توپ تەپمىگەن؟
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(9) تۆۋەندىكىلەردىن قايسى پۇتبولچى بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسىدا توپ تەپمىگەن؟
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(10) تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە ئەزەلدىن 7-نومۇرلۇق كىيىم كىيىپ باقمىغان پۇتبولچى قايسى؟
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(11) تۆۋەندىكىلەر ئىچىدە ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ باقمىغان پۇتبولچى قايسى؟
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(12) كەسپىي ھاياتىدا يۇۋېنتۇس، AC مىلان، ئېنتىر مىلان قاتارلىق 3 كۇلۇپتا توپ تەپكەن پۇتبولچىغا تەۋە بولمىغىنى قايسى؟
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(13) تۆۋەندىكىلەردىن قايسى پۇتبولچىنىڭ لەقىمى «بۈدىرە تۈكلۈك ئىت» ؟
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(14) تۆۋەندىكى مۇسابىقە مەيدانلىرىدىن تاماشىبىن سىغىمى ئەڭ كىچىك بولغىنى قايسى؟
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(15) تۆۋەندىكىلەردىن 94-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ باقمىغان پۇتبولچى قايسى؟
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
2. توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىش سوئالى: (15 نومۇر)
ئىزاھات: جەمئىي 5 سوئال بار. ھەر بىرىگە 3 نومۇر بېرىلىدۇ. رەسىمگە قاراپ توغرا ياكى خاتا دەپ ھۆكۈم قىلىڭ.
(1)
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(2)
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(3)
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(4)
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(5)
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
3. رەسىمگە قاراپ تونۇش سوئالى: (30 نومۇر)
ئىزاھات: تۆۋەندىكىلەر نام قازانغان پۇتبولچىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى سۈرەتلىرى بولۇپ، جەمئىي 6 پارچە رەسىم بار. ھەر بىر پارچە رەسىمدە 8 نەپەر پۇتبولچىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى سۈرىتى بار، بىر پارچە رەسىم بىر گۇرۇپپىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. بىر گۇرۇپپىغا 10 نومۇر بېرىلىدۇ. خالىغان 3 گۇرۇپپىغا جاۋاپ بەرسىڭىز بولىدۇ. شەرت: ھەر بىر گۇرۇپپىدىكى پۇتبولچىلارنى چوقۇم بىرنىمۇ خاتا تونۇپ قالمىغان ئاساستا جاۋاپ بەرسىڭىز ئاندىن 10 نومۇرغا ئېرىشەلەيسىز. جاۋاپ بەرگەندە ئوڭدىن سولغا تەرتىپ بويىچە جاۋاپ يازىسىز.
مەسلەن:
1- گۇرۇپپا:(ئۈستۈنكى رەت ئوڭدىن سولغا: رونالدو، مېسسى، مارادونا، پېلى) (ئاستىنقى رەت ئوڭدىن سولغا: رىۋالدو، پۇلاتىنى، بېكىنپاۋىل، چارلىتون).
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(1-گۇرۇپپا)
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(2-گۇرۇپپا)
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(3-گۇرۇپپا)
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(4-گۇرۇپپا)
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(5-گۇرۇپپا)
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
(6-گۇرۇپپا)
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
4. رەسىمگە قاراپ جاۋاپ بېرىش سوئالى: (10 نومۇر)
ئىزاھات: تۆۋەندىكى 4 نەپەر پۇتبولچىدىن خالىغان ئىككىسىگە سورالغان سوئالغا ماس ھالدا جاۋاپ يازىسىز. ھەر بىرىگە 5 نومۇر بېرىلىدۇ. جاۋاپ يازغاندا ئۈستۈنكى رەت ئوڭىدىكى ياكى سولدىكى، ئاستىنقى رەت ئوڭدىكى ياكى سولدىكى دەپ ئېنىق شەرىھلەپ قويۇڭ.
سوئال: تۆۋەندىكىلەردىن خالىغان ئىككىسىنىڭ ئىسىمى، دۆلەت تەۋەلىكى، قاتناشقان خەلقئارالىق چوڭ مۇسابىقىسى، قازانغان شەخسىي ئۇتۇقلىرىنى قىسقىچە ئىزاھلاڭ؟
〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓〓
سوئال تامام! ھەممىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
|