- تىزىملاتقان
- 2013-6-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 619
- نادىر
- 0
- يازما
- 619
|
بۈگۈن يەنە خوتەن ئەلقەلىپ كوماندىسى قەشقەرu17ياشلىقلار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئويناپ 2-1نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى. بۇ مۇسابىقە ئاجايىپ قىززىپ كەتتى. ئالدىنقى يىرىم مەيدان باشلىنىپ ئەلقەلىپ كوماندىسى توپنى كونتۇرۇل قىلىپ ئوينىدى، 10مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن ئىككى تەرەپ بىر- بىرسىگە قاتتىق ھۇجۇم قىلىپ كەتتى . ئەلقەلىپ كوماندىسدىكى ئالىمجان(شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتىكى) ناۋاتتەك كەلگەن توپنى ئۇرالمىدى. قەشقەر كوماندىسدىكى باللارنىڭ ھۇجۇممۇ ناھايىتى كۈچلۈك بولدى، ئۇلارمۇ 3قىتىم نۇمۇر ئالدىغان پۇرسەتنى قولدىن بىرىپ قويدى. شۇنداق قىلىپ ئالدىنقى يىرىم مەيدان0-0 ئاياغلاشتى . كىيىنكى يىرىم مەيداندا مۇسابىقە تىخىمۇ قىززىپ كەتتى ،20مىنۇتقىچە توپ چۈشمەي ،ئىككى تەرەپ تىخىمۇ كۈچەپ ئويناشقا باشلىدى. قەشقەر كوماندىسى بىر قىتىم كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ 10-نۇمۇرلۇق ئابدۇۋەلى(يەنى ئەلقەلىپ كوماندىسنىڭ تىرنىرى ئابدۇكىرىمنىڭ ئىنسى) يىراق ئارلىقتىن بىرنى تىپىپتى ئەلقەپ كوماندىسنىڭ مۇداپىئەچىسنىڭ بىشغا تىگىپ توپنىڭ يۆلنىشى ئۆزگىرىپ ۋارتاغا كىرىپ كەتتى.نەتىجە 1-0بولدى. 1 توپ چۈشۈپ مۇسابىقە تېخىمۇ قىززىپ كەتتى، ئەلقەلىپ كوماندىسى ھۇجۇم قىلۋاتقاندا قەشقەر كوماندىسى توپنى تارتىۋىلىپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلدى، 17-نۇمۇرلۇق يۈسۈپچان توپنى 9-نۇمۇر نەبىجانغا بەردى ئۇ توپنى توختۇتۇپ تەپسە ئەلقەپ كوماندىسدىكى مەخمۇتجان(شىنجاڭ كوماندىسدىكى) قولىدا توپنى توسۋىلىپ قىزىل كارتا يەپ مەيداندىن ئايرىلدى. قەشقەر كوماندىسغا نوقتا توپ قويۇپ بەردى، بۇنى يەنە 10-نۇمۇرلۇق ئابدۇۋەلى ئۇرۇپ كىرگۈزدى. نەتىجە 2-0 بولدى. مۇسابىقە تۈگەشكە ئازقالغاندا ئەلقەلىپ كوماندىسدىكى ئابلەت ماركو 1توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2-1 قىلدى، ئاخىردا توپ كىرمەي 2-1ئاخىرلاشتى.
مۇسابىقە رەسىمى :
|
|