- تىزىملاتقان
- 2008-5-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2560
- نادىر
- 0
- يازما
- 2560
|
ئىسپانىيە ماركا گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مادرىد ئوتتۇرا بىكى راموس ، زىيارەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ مادرىتتا تۇرغان ۋاقتىنىڭ ئون يىلغا يەتكەنلىكىنى زىكرى قىلىپ ئۆتتى . راموس 2004 يىلى ئىسپانىيە سەۋىللا كۇلۇبىدىن مادرىد كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ كەلگەن ئىدى .
راموس ئەينى چاغدىكى ئىشلارنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى : مېنىڭ مادرىتقا قوشۇلۇپ تۈنجى مۇسابىقەم ريازور مەيدانىدا بولغان ، ئۇ چاغدا مەن ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن ، كۆڭلىگە يۈكسەك ئارزۇ ئارمانلارنى پۈككەن بىر ياش ئىدىم . مەن ئەينى چاغدىلا مادىرىتتا ئۇزاق ۋاقىت تۇرىمەن دەپ خىيال قىلغان ، مانا مەن بۇنى قىلالىدىم .
زىيارەت جەريانىدا راموس ، مەن كونا خىيالنى يانا سۈرۈشكە باشلىدىم ، مەن مادرىتتا يەنە ئون يىل توپ تېپىمەن دېدى .
راموس بىر خىل تاتلىق ھېسياتلار بىلەن ئۆز ھىسياتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى : ئون يىل نېمە دېگەن تېز ئۆتكەن . مەن بۇ ئون يىلدا كوماندا بىلەن كۈلىكىدە ۋە يېغىلاردا بىللە بولدۇم . مەن پەقەت كوماندىنىلا ئويلايمەن ، ھەر قېتىم ئۇيقىدىن ئويغانغاندا ، ھە! مەن تېخى ھايات ئىكەنمەن ، مېنى نۇرغۇن ئىشلار كۈتۈۋاتىدۇ دەپ ئورنۇمدىن قوپىمەن . مەن كۇمانداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە كۇماندىمىزنى غەلبىگە باشلاشقا تىرىشىمىز . مەن ئون يىل مادرىتنىڭ ئادىمى بولدۇم ، ئەگەر بەدەن قۇۋۋىتىم يار بەرسە مادرىد ئۇچۇن يەنە ئون يىل جەڭ قىلىمەن ، ئۇ چاغدا مەن 37 ياشقا كىرگۇدەكمەن دېدى .
|
|