ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2258 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shevchenko تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-31 09:56

جۇڭگو ئاخبارات تورى، 29 - يانۋار خەۋىرى، بۇ يىلنىڭ بېشىدا دېروگبا «شېنخۇا» كوماندىسىنىڭ مائاش بەرمەسلىك ئىشىنى
خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىگە ئەرز قىلغان. يېقىندا بۇ دەۋادىن ئاخىرى خەۋەر كەلدى. تۈركىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى چىقارغان كېسىمدە «شېنخۇا كوماندىسى» مەغلۇب بولغان، كېسىمدە دېروگباغا كوماندا 12 مىليون ياۋرو تۆلەم بېرىش بەلگىلەنگەن.
ئۆتكەن يىلى 1 - ئايدا بىرلەشمە مۇسابىقە ئاياقلاشقاندىن كېيىن، دېروبا ئۆز ئادىغا تۈركىيە گالاتا ساراي كوماندىسىغا قاتناشقانلىقىنى ئېلان قىلغان، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن «شېنخۇا» كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت خەلقئارالىق كۇلۇب يۆتكىلىش ئىسپاتى سەۋەبىدىن دەرھال ئۈزۈلۈپ قالمىغان. ئارقىدىنلا جۇڭگو پۇتبول جەمئىيىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا دېروگبا ۋە شاڭخەي «شېنخۇا» كوماندىسى ئەۋەتكەن ئىككى پارچە فاكسنى تاپشۇرۇۋالغان، دېروگبا ئەۋەتكەن فاكىستا جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ خەلقئارالىق كۇلۇب يۆتكىلىش ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىش تەلەپ قىلىنغاندىن سىرت، دېروگبانىڭ خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىگە «شىنخۇا» كوماندىسىنىڭ مائاش بەرمىگەنلىك ئىشىنى ئەرز قىلغانلىقىغا چۈشەنچە بېرىلگەن.
شاڭخەي «شېنخۇا» كوماندىسى تور بېكىتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ كېسىم چىقىرىش سەۋەبى ۋە ئاساسىنى تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە خەلقئارا تەنتەربىيە كېسىم سوتىغا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەنبە: نۇر تورى |
|