ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1704 |
تۆھپىسى: سەر |
|
سىنا تەنتەربىيەسى 30-يانۋار خەۋىرى،ئىتالىيە تاراتقۇلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋەرلىرىگە قارىغاندا ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى ئايال پادىشاھ كوماندىسىدا توپ تىپىۋاتقان ماراكەش دۆلەت كوماندىسىنىڭ ماھىرى تارابىت تۈنۈگۈن كەچتە مىلانغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ،ئۇ سالامەتلىك تەكشۈرشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن رەسمىي مىلاننىڭ بىر ئەزاسى بولىدىكەن.
ئىگىلىنىشچە،تارابىت مىلانغا ئىجارە شەكلىدە قوشۇلغان بولۇپ،مىلاندا ئالتە ئاي توپ تېپىدىكەن،ئەگەر ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولسا مىلان 7 مىليۇن ياۋرو بىلەن ئۇنى سېتىۋالىدىكەن.
تارابىت،1989-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ،مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا مەيدان،2007-يىلى ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى رېس كوماندىسىغا قوشۇلغان، كېيىن ئۇ ئايال پادىشاھ چەۋاندازلار كوماندىسىغا ئىجارىگە بېرىلگەن. 2010-يىلى ئايال پادىشاھ كوماندىسى ئۇنى سېتىۋالغان، ھازىرغا قەدەر ئۇ ئايال پادىشاھ كوماندىسىدا 152 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 34 توپ كىرگۈزگەن، 44 قېتىم ھۇجۇم پاس بەرگەن. بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن بىرى ئۇ فۇلىنھام كۇلۇبىغا ئىجارىگە بىرىلگەن.ھازىرغا قەدەر تارابىت ماراكەش دۆلەت كوماندىسىدا 15 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 4 توپ كىرگۈزگەن. |
|