ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1701 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ۋاڭيى تەنتەربىيىسى 29-يانۋار خەۋىرى قاتاردىكى مەلۇم بىر داڭلىق كوماندا مۇرىچنى قوشۇۋالماقچى، يېقىندا برازىلىيىلىك بۇ ھۇجۇمچى زىيارەت قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلدى، لېكىن گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى مۇرىچنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان توپچىنى تېخى تاپمىغانلىقى قاتار تەرەپمۇ باھا ئوتتۇرىغا قويمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ھازىرچە گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىدا داۋاملىق توپ ئوينايدۇ، مۇرىچ مۇنداق دېدى: ھازىرچە مەن گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسىدىن ئايرىلمايمەن، بۇ يەردە ئاز دېگەندە يېرىم يىل تۇرىمەن.
مۇرىچ يەنە مۇنداق دېدى: مەن دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىغا قاتنىشىۋاتقان چاغدىلا نۇرغۇن كوماندىلار مېنى قوشۇۋېلىش تەكلىپىنى بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە قاتار كۇلۇبلىرىمۇ بار، لېكىن دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى مۇسابىقىسىغا قاتنىشىۋاتقانلىقىم ئۈچۈن كوماندا ئالمىشىش توغرىسىدا
مۇزاكىرە قىلىشنى خالىمىدىم، ھازىر بولسا قاتاردىكى مەلۇم بىر كۇلۇب يەنە مېنى ئىزدەپ كەلدى، ھەم كوماندا ئالمىشىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن ئەپسۇسلىنارلىقى گۇاڭجۇ خېڭدا كوماندىسى ئولار ئوتتۇرىغا قويغان باھانى قوبۇل قىلمىدى. مۇرىچ مۇنداق دېدى: ئەگەر قاتار بىرلەشمىسىگە قوشۇلسام بۇ مەن ئۈچۈن ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ يەر يۇرتۇم برازىلىيىگە تېخىمۇ يېقىن ھەم بىۋاستە برازىلىيىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار تېخىمۇ كۆپ.
|
|