- تىزىملاتقان
- 2013-4-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1437
- نادىر
- 6
- يازما
- 1437
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-29 21:51
ئالدىنقى قىتىمقى تىمامدا 10-نۇمۇرلۇق توپچىلارنىڭ رىۋايىتىنى مۇنبەرداشلارغا سۇنغان ئىدىم ، بۈگۈن يەنە مەستانىلەرنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلماس رىۋايەتلەرنى يىزىپ ، نۇرغۇن ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغا 7-نۇمۇرلۇق قەھىرمانلارنى ئەسلىتىش نىيىتىدە ئۇشبۇ تىمامنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن !
مۇنبەرداشلارنىڭ ياقتۇرشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
1.ئەڭ مۇكەممەل 7-نۇمۇر زاگوللو (بىرازىلىيە)
زاگوللو ئەڭ بۇرۇنقى 7-نۇمۇرلۇق يان ھۇجۇمچىمۇ ئۇنى ئىنىق بىلمەيمەن ، ئەمما ئۇ تۇنجى 7-نۇمۇرنىڭ رىۋايىتىنى يازغان يان ھۇجۇمچى ، پۇتبۇل مەيدانىدىكى قابىل يان تەرەپ توپچىسى .ئۇنىڭ مەيداندىكى ئورنى يان ھۇجۇم، ئۇ ۋە گالىنچا (加林查) بىرازىلىيەنىڭ ئالۋاستى سەپ شەكلىنى تەشكىل قىلغان .ئۇ كەسپى ھاياتىدا پۇتبۇلچى ھەم تىرىنىر بولغان ، تىخى ھىچكىم ئۇنىڭدەك كەسىپتە مۇۋاپىقىيەت قازىنىپ باقمىدى . زاگوللو مەڭگۈ بىرازىلىيلىكلەرنىڭ پەخىرى .
زاگوللو 1931-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان ،فىلامىنگو كۇلۇبىدا توپ تەپكەن ، بىرلەشمىدە بەش قىتىم چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشكەن ، پۇتبۇلچى ۋاقتىدا 1958-يىلى ۋە 1962-يىلىدىكى دۇنىيا لوڭقىسىدا ئىپادىسى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە بولغان . بىرازىلىيەدە پىلى ، رومارىئو ، رونالدودەك دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلار بار دەمسىز ؟ شۇلارنىڭ ھەممىسىگە زاگوللو تىرىنىرلىق قىلغان . ئۇ كەسپى ھاياتىدا يەتتە قىتىم بىرازىلىيە كوماندىسىنى باشلاپ خەلىقئارا چوڭ مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان بولۇپ ، 1958-يىلى دۇنىيا لوڭقىسىغا (7-نۇمۇر ) ، 1962-يىلى دۇنىيا لوڭقىسىغا (21-نۇمۇر) ، 1970-يىلى دۇنىيا لوڭقىسىغا (باش تىرىنىر )، 1974-يىلى دۇنىيا لوڭقىسىغا (باش تىرىنىر )، 1996-يىلى ئولىمپىك پۇتبۇل مۇسابىقىسىغا ، 1997-يىلى بىرلەشمە لوڭقىسىغا ، 1998-يىلى دۇنىيا لوڭقىسىغا (كىيىنكى ئۈچ قىتىملىقى ياردەمچى تىرىنىر ۋەزىپىسى بولۇشى مۇمكىن ) قاتناشقان بولۇپ، 1970-يىلى دۇنىيا لوڭقىسى چىمپىيۇنى ، 1998-يىلى دۇنىيا لوڭقىسىدا ئىككىنجى ، 1997-يىلى ئامرىكا قىتئەسى لوڭقىسى چىمپىيۇنى ، 1997-يىلى بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولغان . كۇلۇپتىكى تىرىنىرلىق ھاياتىدا فىلامىنگو ، پورتۇگالىيلىكلەر .... قاتارلىق كۇلۇپلاردا 13قىتىم بىرلەشمە چىمپىيۇنى بولغان .
2.كۆك رەڭلىك 7-نۇمۇر مازولا (ئىتالىيە )
ئۇ ئىتالىيە ئىنتىر مىلان كوماندىسىنىڭ رىۋايەتلىك چولپىنى ، مازولا كوماندىنى باشلاپ ئىككى قىتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ، ئىككى قىتىم قىتئەلەر لوڭقىسى ، بىر قىتىم ياۋرۇپا ئۈستۈنلۈك لوڭقىسى (欧洲优胜者杯) ، تۆت قىتىم ئىتالىيە ئادەرىجىلىكلەر بىرلەشمىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشكەن .ئۇ ئىنتىر مىلەننىڭ يادىرولۇق توپچىسى بولۇپ ، ئۇ ئىنتىر مىلاننىڭ ئالتۇن دەۋرىنى بەرپا قىلىشتا زور كۈچ چىقارغان .بولۇپمۇ مادىرىت ياۋرۇپا پۇتبۇل ساھەسىنى كونتىرول قىلۋالغان ۋاقىتلاردا ، مازولا بۇ قامالنى بۇزۇپ تاشلاپ ، ئىتالىيلىكلەرنىڭ مەبۇدىسىغا ئايلانغان.
مازولا 1942-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ ، مەيداندىكى ئورنى ئالدى بەل، ئوڭ پۇتىدا توپ تىپىدۇ ، دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 70قىتىم مەيدانغا چىقىپ ، 22 توپ كىرگۈزگەن ، ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا 39 قىتىم مەيدانغا چىقىپ ، 17 توپ كىرگۈگەن ، ياۋرۇپا ئۈچ لوڭقىسىدا 63 قىتىم مەيدانغا چىقىپ ، 18 توپ كىرگۈزگەن . 1966-1970-1974-يىللىرى ئىتالىيەگە ۋاكالىتەن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان .
3.پولاتتەك 7-نۇمۇر روبىنسون (ئىنگىلاند )
بەلكىم مانچىستىر بىرلەشمىسىگە 7-نۇمۇر يادىرولۇق توپچى بولۇش بۇرۇندىن بەلگىلەنگەن بولۇشى مۇمكىن ، ئەينى يىللىرى چارلىتون ، ئۇندىن كىيىن كانتونا قاتارلىقلار مانچىستىرنىڭ شاھلىرى ئىدى ، روبنسونمۇ 80-يىللاردا ئىنگىلاند ۋە مانچىستىر بىرلەشمىسىدە 7-نۇمۇرلۇق كىيىمنى كىيىپ ، كوماندا باشلىقلىقنى ئۈستىگە ئىلىپ ، ئۇنتۇلغۇسىز خاتىرىلەرنى قالدۇرغا ئىدى .
روبىنسون 1957-يىلى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ ، مەيداندىكى ئورنى ئوتتۇرا مەيدان . ئۇ كۇلۇپتا 465 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 98 توپ كىرگۈزگەن ، دۆلەت كوماندىسىدا 90 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ، 26 توپ كىرگۈزگەن . دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى . چىكىنگەندىن كىيىن تايلاند دۆلەت كوماندىسى ۋە باشقا دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى كۇلۇپلاردا تىرىنىرلىق قىلغان.
4.زىرەك 7-نۇمۇر لىتىبارسىك (غەربى گىرمانىيە )
گىرمانىيە كوماندىسىنىڭ توپ مەستانىلىرى غەربى گىرمانىيە كوماندىسىنىڭ 7-نۇمۇرلۇق توچىسىنى تىخى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق . لىتىبارسىك مەيلى كۇلۇپتا بولسۇن ، مەيلى دۆلەت كوماندىسىدا بولسۇن ، ئۇ كىلاسسىك 7-نۇمۇرنىڭ نامايەندىسى . بۆسۈپ ئۆتۈش ، توپ يەتكۈزۈش ، توپ ئۇرۇش ،ھەممىسىدە لىتىبارسىك 7-نۇمۇرنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ۋە باشلامچىلىق رولىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن .لىتىبارسىك 1960-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى بىرلىندا تۇغۇلغان .پاكار يان ھۇجۇمچى . 1982-يىلى دونيا لوڭقىسدا يان تەرەپىتىن ئەپچىللىك بىلەن بۆسۈپ كىرىپ ئىككى توپ كىرگۈزگەن . 1986-يىلىدىكى مىكسىكا دۇنيا لوڭقىسىدا ئىپادىسىدىگەندەك ياخشى بولمىغان . 1990-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشكەن .2010-يىلىدىن ھازىرغىچە گىرمانىيە ئا دەرىجىلىك بىرلەشمىسىدىكى ۋولفىسبۇرگ كوماندىسىنىڭ ياردەمچى تىرىنىرى بولۇپ كىلىۋاتىدۇ.
5. تىپتىنىچ 7-نۇمۇر بىبىتو (بىرازىلىيە )
بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسدا ئەزەلدىن چولپان كەم بولۇپ باققان ئەمەس ، بىبىتونى كىشىلەر كىچىك جىك دەپ ئاتايدۇ .ئۈچ قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسى تەجىربىلىرى ئۇنىڭ پۇتبۇل دۇنياسىدىكى ئورنىغا ئاساس سالغان. ئالاھىدە تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدىغنى 1994-يىلىدىكى دۇنيد لوڭقىسىدا ئۇ ئىنتايىن چەپدەسلىك بىلەن بۆسۈپ كىرىپ ، چىرايلىق بىر توپ ئۇرۇپ ، دۇنيا لوڭقسى چىمپيۇنلۇقىغا زور دەرىجىدە ئاساس سالغان. شۇ ۋاقىتتىكى تەبىركلەش ھەركىتى پۇتبۇل مەيدانىدىكى كىلاسسىك ئەسەرگە ئايلانغان.
بىبىتو 1964-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇغۇلغان . 1983-يىلى دۇنيا ياشلار پۇتبۇل مۇسابىقىسنىڭ چىمپىيۇنى ، 1998-يىلى ئولىمپىك پۇتبۇل مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنجىلىكىگە ، 1989-يىلى ئامرىكا قىتئەسى لوڭقىسى چىمپىيۇنى ، 92-93-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر ، 1994-يىلى دۇنىيا لوڭقىسى چىمپىيۇنى قاتارلىق شەرەپلەرگە ئىرىشكەن .
1994-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسىدا رومارىئو بىلەن قورقۇنۇشلۇق سەپ شەكلىنى ھاسىل قىلىپ ، مەستانىلەر قەلبىدە ئۇنتۇلماس خاتىرلەرنى قالدۇرغان.
6.سوغۇققان 7-نۇمۇر دىسچامپىس (德尚) (فىرانسىيە)
دىسچامپىس 1998-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى ۋە 2000-يىلىدىكى ياۋرۇپا لوڭقسى پۇتبۇل مۇسابىقىسىدىكى فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ھەم فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ يادىروسى . ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەيداندا توپ توسۇشى ۋە يىراققا توپ يەتكۈزۈش ماھارىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ . دىسچامپىس باشقىلارغا 7-نۇمۇرنىڭ پەقەت تىخنىكىغلا ۋەكىللىك قىلماستىن بەلكى ، كوماندىنىڭ يادىروسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويدى.
دىسچامپىس 1968-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ ، 1992-1996-يىللىردىكى ياۋرۇپا لوڭقسى ، 1998-يىلىدىكى دۇنىيا لوڭقىسى ، 200-يىلىدىكى ياۋرۇپا لوڭقسىغا قاتناشقان .ئاساسلىقى مارسىل يۇۋىنتۇس ، چىلسى كۇلۇپلىرىدا توپ تىپىپ ، ئۇنتۇلماس خاتىرلەرنى يىزىپ چىققان . چىكىنگەندىن كىيىن يۇۋىنتۇس ، موناگو ، مارسىل ۋە فىرانسىيە دۆلەت كوماندىلىرىدا تىرىنىرلىق قىلغان.
7.ساداقەتمەن 7-نۇمۇر راھول (ئىپانىيە )
راھول كېم ؟ راھول ئىسپانىيە خان جەمەتى مادىرىت كوماندىسىنىڭ سىمولى ، شۇنداقلا ساداقەت دىگەن سۆزنىڭ ئوبىراز ۋەكىلى . يىقىنقى 10يىلدىكى مادىرىت ۋە ئىسپانىيە دكلەت كوماندىسىنىڭ يادىروسى . راھولنىڭ سەزگۈسى ، تىخنىكىسى ، تەجىربىسى مادرىت مەستانىلىرنىڭ ئالقىش سادالىرى نەتىجىسىدە كەلگەن . (ھەممەيلەنگە تونۇش بولغاچقا كۆپ توختالمىدىم .)
8. قامەتلىك 7-نۇمۇر بىكخام (ئىنگىلاند )
كىم دۇنيادىكى توپ مەستانىلىرىنى ئۆزىگە ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان 7-نۇمۇر ؟ ئەلۋەتتە بىكخام. كىم ئوڭ يولدىن ئەڭ ياخشى توپ تىپىپ يەتكۈزەلەيدىغان 7-نۇمۇر ؟ بۇمۇ بىكخام .يۇقارقى ئىككى ئالاھىدىلىكى بىكەن بىكخام پۇتبول تارىخىدا ئۆزىنىڭ ئۆلمەس تارىخىنى ياراتتى . (بۇنىمۇ ئۇقمايدىغانلار يوق ، ئاتىكاچىلىق قىلمىدىم .)
9. ئازاپلىق 7-نۇمۇر فىيگو (پورتۇگالىيە )
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە فىيگو پۇتبۇل ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ خائىن ، ئەمما نەزىرى ئوچۇق ، ھەققانىي پۇتبۇل مەستانىلىرى ئۈچۈن ئۇ ، پورتۇگالىيە ئالتۇن دەۋرىنىڭ مەھسۇلى .ئۇنىڭ تىخنىكسى ئالاھىدە ۋە ئۆزگىچە . مەيلى قانداق جايدا بولسۇن ، سىز ئىتىراپ قىلىڭ قىلماڭ ، فىيگو 21-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە بىكخام بىلەن شانلىق تارىخ يازغان ئۆلمەس 7-نۇمۇر. ( بۇ توغۇرلۇقمۇ كۆپ توختالماي)
10.قورقۇنۇشلۇق 7-نۇمۇر شىفىچىنكو (ئوكرائىنا )
يادىرو ئوق بىشى ، ئاڭلاشقىلا ئادەمنى قۇرقۇنىچ بىسىپ تىتىرەك ئولىشىدىغان ئىسىم ، قارشى تەرەپنىڭ مۇداپيە ۋە ۋارتارىغا قۇرقۇنۇچ ئىلىپ كىلىش بىلەن بىرگە ، توپ مەستانلىرىغا چەكسىز خۇشاللىق بەخش ئىتىدغان ئىسىم .ئۇكرائىنادا 7-نۇمۇرلار كەم بولغان ئەمەس ، شىفچىنكو بولسا ئۇلارنىڭ تارىخى ۋەكىلى ، شىفىچىنىكونىڭ ھۇجۇم ئىقتىدارىنى كۆرسىڭىزلا ئاندىن ھەممىنى بىلىسىز.
شىفىچىنكو 1976-يىلى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى تۇغۇلغان . 2004-يىلى ياۋرۇپا پۇتبول ئەپەندىسى بولغان ، 2005-يىلى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن . ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ھۇجۇم ئىقتىدارى ناھايىتتى كۈچلۈك ھەم قورقۇنۇشلۇق. كەسپى ھاياتىدا مىلاندا نۇرغۇن شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ ، كاكا بىلەن بىرلىكت ئەڭ قورقۇنۇشلۇق سەپ شەكلىنى بەرپا قىلىپ ، مىلاننىڭ شانلىق تارىخىنى ياراتقان .
11.رىۋايىتىنى داۋاملاشتۇرۋاتقان 7-نۇمۇر كىرىستىيان رونالدو (پورتۇگالىيە )
رونالدو توغىرلۇق كۆپ توختىلىش مەن ئۈچۈن ئارتۇقچە ، چۈنكى مۇنبەردىكى چوڭدىن تارتىپ كىچككىچە ھەممەيلەن پىششىق بىلىدۇ ، شۇنداق بولسىمۇ تىما يازغانكەنمەن ئىككى ئىغىز ئىزاھلاي . رونالدو مەيلى مانچىستىر بولسۇن مەيلى مادىرىت بولسۇن ھەممە يەردە ئۈزلۈكسىز رىكورىتلارنى يىڭىلاپ ، مەستانىلىرگە يىڭىچە زوق ئاتا قىلماقتا ، ئۇنىڭ يىراقتىن ئۇرغان توپلىرى ، ئىختىيارى توپلىرى ، كاللا توپلىرى ۋە تۇيۇقسىز ھۇجۇملىرى كىشىلەرنى يىڭىچە ھىس تۇيغۇلارغا چۆمدۈرىدۇ . راھول كەتكەندىن كىيىن مادىرىتتىكى ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىپ يادىرولۇق رولىنى جارى قىلدۇردى ھەمدە ھەقىقى 7-نۇمۇر رىۋايىتىنى داۋاملاشتۇردى .
كەسپى ھاياتىدا يىقىندا 400 توپلۇق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى ، ئىككى قىتىم ئالتۇن توپ ساھىبى بولۇپ ، مەستانىلىرنىڭ يۈرىكنى لەززىگە سالدى . رىۋايەتلەر سىنى كۈتىۋاتىدۇ !
يۇقارقى شەخسلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرى قىسقارتىپ ئىلىندى ، بىر قىسىم توپچىلارنىڭ بەزى ماتىرياللارنى توردىن ئىزدەپ پايدىلانغاچقا ، تەرجىمىدە ، بولۇپمۇ كىشى ئىسىملىرىدا خاتالىق بولۇشى مۇمكىن ، تەكلىپ-پىكىرلىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى سورايمەن!
نادىر 7-نۇمۇرلار يەنە بار ئىدى ، قەلەم قۇۋىتىم سەۋەپلىك شۇنچىلىك يازالىدىم ، توغىرا چۈشىنەرسىلەر!
|
|