- تىزىملاتقان
- 2013-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 15
- نادىر
- 0
- يازما
- 15
|
سىنا تەنتەربىيە تورىنىڭ 27-يانۋار بەرگەن خەۋىرى؛ جۇڭگۇ ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى دۆلەت 17 ياشلىقلار قىزلار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۇرىدىغان ئەزالار چوڭ تىزىملىگىنى رەسمىي ئىلان قىلدى. ئۇيغۇر ئوتتۇرا ھۇجۇمچى دىلارە دىلشات بۇ قىتىم ئاساسلىق باشلامچى ئەزاسى سۈپىتىدە دۆلەت 17 ياشلىقلار قىزلار ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللاندى. بۇ تىزىملىككە كىرگەن كۆپ سانلىق تەنھەركەتچىلەر 2013-يىلدىكى 16 ياشلىقلار قىزلار دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان.
16 ياشلىقلار قىزلار دۆلەت كوماندىسى 2013-يىلى سرىلانكا پايتەختى كولومبو شەھرىدە ئىلىپ بىرىلغان 3-نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار قىزلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدە چىممپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۇپ، 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان17 ياشلىقلار دۇنيا قىزلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىرىشكەن. ئۇيغۇر ئوتتۇرا ھۇجۇمچى دىلارە دىلشات ئوتتۇرچە 13.4 نۇمۇر، 6.3 قىتىم گاردىن قايتقان توپقا ئىرىشىپ، « ئاسىيا ۋاسكىتبول تورى » تەرىپىدىن ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچى ۋە ئەڭ ياخشى بىرىنچى سەپ شەكلى بۇلۇپ باھالىنىش شەرىپىگە ئىرىشكەن.
ئۇيغۇر قىزى دىلارە دىلشات 1997-يىلى 1-ئاينىڭ7-كۈنى تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىكى 1.92 مىتىر، بەدەن ئىغىرلىقى 85 كىلوگىرام، ئوتتۇرا ھۇجۇمچى، 2013-يىلى دىكابىردىن باشلاپ جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمسىنىڭ شەنشى كوماندىسىدا توپ ئويناۋاتىدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php
|
|