ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2386 |
تۆھپىسى: سەر |
|
گىرمانىيە زەردارى بايرىن مىيۇنخىن كۇلۇبىنىڭ ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى كىروسنىڭ توختامى 2015-يىلى يازدا تۇشىدىغان بۇلۇپ، كىروس ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسى قايتا-قايتا 2 قېتىم كۇلۇپنىڭ توختام ئۇزارتىش تەكلىۋىنى رەت قىلىۋەتكەن.
« رەسىملىك ژورنىلى » نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا بايرىن كولۇبىنىڭ رەئىسى رومىنگى كىروس بىلەن بولغان سۆھبەتنىڭ مەغلۇپ بۇلغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ « ئالدىنقى سۆھبەت ياخشى ئېلىپ بېرىلمىدى، سەۋەبى يەنىلا پۇلغا بېرىپ تاقىشىدۇ. توختامدا ئىنىق ئىش ھەققى توغرىسىدا بىرلىككە كىلىنمىدى » دەپ جاۋاپ بەرگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە ئىككىنجى قېتىملىق توختامدا بىرىنجى قېتىمدىكىگە قارىغاندا يىللىق ئىشى ھەققىدە ئىتىبار بىرىش ئەھۋالى بولغان. بىراق كىروسنىڭ ۋاكالەتچىسىنىڭ قارىشىچە بۇ باھا كىروسنىڭ ھازىرقى ئىپاسىسىگە قەتئى ماس كەلمىگەن، قۇبۇل قىلىشقا ئامالسىز دەپ قارالغان.
« رەسىملىك ژورنىلى » مۇخپىرى كىروسنى زىيارەت قىلغاندا كىروس ئىپادە بىلدۈرۈپ « كۇلۇپ بىلەن مىنىڭ ئوتتۇرامدىكى توختام ئۇزارتىش ئىشىدا ھىچقانداق ئىلگىرلەش يوق، مەن ھەرقانداق ئىشنىڭ يۈز بىرىش مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاقمايمەن. مەن پەقەت گىرمانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىنىڭ كىيىنكى مۇسابىقىلىرىگە دىققەت قىلىمەن » دەپ جاۋاپ بەرگەن.
تاراتقۇلارنىڭ تەھلىلىگە ئاساسلانغاندا كىروسنىڭ يىللىق ئىش ھەققى 3مىليۇن بىلەن 4 مىليۇن ياۋرو ئارىسىدا بولغان. كىروسنىڭ ۋاكالەتچىسى كۇلۇپنىڭ كىروسنىڭ مائاشىنى 8 مىليۇن ياۋرۇغا ئۆستۈرپ بىرىشىنى ئۈمۈد قىلغان. بۇ ئىستىراتىگىيە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا 7 مىليۇن ياۋرۇلۇق مائاشنى نىشان قىلغان. كىروس ئۈزىنىڭ يىللىق ئىش ھەققىنىڭ بايرىن كۇلۇبىدىكى توپچىلارنىڭ مائاشى ئىچىدە 2 پەلەمپەي رېتىدە ئالدىنقى قاتاردا بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلغان. بۇ رەتتە روبىن، ئالابا، نويىر، مۇللېر، گوتزى قاتارلىقلار بۇلۇپ يىللىق مائاشى 5 مىليۇن ياۋرۇدىن 7 مىليۇن ياۋرۇ ئەتراپىغىچە بولغان.
|
|