ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3587 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا c.ronaldo77 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-28 23:29
بەيرىن ئالدىنقى يىلى ئالاھىدە بولغان ئىپادىسى بىلەن ‹‹ئۈچ شاھ›› بولۇپ ھەممىنىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە تارتقان ئىدى. ئەمما بۇ يىلقى بەيرىن مېيونخىن تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق بولۇپ كەتتى. گۇتزى بىلەن لەيۋەندوۋېسكىدەك داڭلىق ماھىرلارنىڭ كوماندىغا قېتىلىشى ئۇلارغا تېخىمۇ كۈچ قوشقان بولسا، گۇدۋايالانىڭ تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرىشى ئۇلارنى تېخىمۇ قورقۇنۇشلۇق قىلىۋەتتى.ھازىر ھەرقاندا بىر كۇلۇب بەيرىن بىلەن ئۈچرىشىپ قېلىشنى خالىمايدۇ. ھەتتا زەردار كۇلۇبلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس.
بىز ھازىر بايرىننىڭ توپ ئويناش ئۇسۇلىغا قارايدىغان بولساق نۇرغۇن ئالاھدىلىكلەرنى كۆرىۋالالايمىز.بەيرىننىڭ ھازىرقى توپ كونترول قىلىشى ‹‹توپ كونترول قىلىش شاھى›› بولغان بارسلونا كوماندىسىنى بېسىپ چۈشتى.ئەگەر ھازىر كۇلۇبلارغا نومۇر قويۇش توغرا كەلسە بايرىن ئەڭ يۇقىرى بولغان 10 نومۇرغا ئېرىشىدۇ.
ئۇنداقتا بىز توپ كونترول قىلىشى ئەڭ ياخشى بولغان 10 كوماندىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى!
دەرېجىسى كۇلۇب نامى بىرلەشمىسى توپ كونترول قىلىشى
1 بەيرىن گېرمانىيە %71.1
2 بارسلونا ئىسپانىيە %66.6
3 پارىژ سانت گېرمان فىرانسىيە %64.3
4 بالىكانو ئىسپانىيە %60.7
5 مادرىد ئىسپانىيە %60.7
6 سىۋانسى ئېنگىلاند %59.7
7 acمىلان ئىتالىيە %59.6
8 رىم ئىتالىيە %59.2
9 فىلورېنسا ئىتالىيە %58.7
10 مۇناكۇ فىرانسىيە %58.1
|
|