akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 884|ئىنكاس: 24

ئىنگىلانددىكى سادىق جەڭچىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن بۈگۈن مۇنبەرداشلارغا ئىنگىلانددىكى ئەڭ سادىق تۆھپىكارلارنى ئەسلىتىپ ئۆتمەكچى ، بۇلارنىڭ كوماندىدىكى تەسىرى بىر قەدەر چوڭ بۇلۇپ ، ئەڭ قىسقا توپ تەپكەنلىرىمۇ شۇ كۇلۇپتا 10 يىلدىن ئارتۇق توپ تەپكەن .
مەن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ تونۇش بولغانلىرىدىن ، تىرىك تاش قاتما گىگىس ، مەڭگۈلۈك كاپىتان جىراد ، ئىنگىلادلىقلارنىڭ پەخىرى تىررى ۋە سھىرلىك چىراغ لەمپاردلارنىڭ سىماسىنى ئىلىپ كەلدىم . مۇنبەرداشلارنىڭ ياقتۇرشىنى ئۈمىد قىلىمەن!



1. گىگىس    1990-يىلىدىن ھازىرغىچە

1.jpg
2013-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ، گىگىس 40ياشقا كىردى ، مانچىستىر بىرلەشمىسىگە بارلىقىنى بىغىشلىغان بۇ چولپان ھازىرمۇ ئالۋاستى مەستانىلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى بىغىشلاشقا تەييار تۇرماقتا . بۈگۈنكى كۈندە گىگىسنىڭ ھەر قىتىملىق توپ يەتكۈزۈشى ، ھەر قىتىملىق يۈگۈرۈشلىرى  ھەممىسى ئالۋاستى مەستانىلەر ئۈچۈن ئۆلمەس بىر رىۋايەت!


2.jpg
1990-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ، گىگىس 17 ياشقا توشقاندىن كىيىن ، رەسمى ھالدا مانچىستىر بىرلاشمىسى بىلەن توختام ئىمزالاپ قىزىل ئالۋاستى توپچىسىغا ئايلاندى .بۈگۈنگە قەدەر ساق 23 يىل بولدى .
سۈرەتتىكىسى 1989-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ESFA لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە كاپىتانلىقنى ئۈستىگە ئالغان گىگىس .


3.jpg
1992-يىلى ، گىگىس ۋە بىكخام ، باشقا سەپداشلىرى ياشلار ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇقىغا ئىرىشكەن ، شۇنداقلا «92-يىلىنىڭ ئالتۇن دەۋىر ياشلىرى» دەپ ئاتالغان.


4.jpg
گىگىس كەسپىي ھاياتىدا 925 قىتىم مەيدانغا چىققان بولۇپ ، ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە  626 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ ، 13 قىتىم بىرلەشمە چىمپىيونلۇقىغا ئىرىشكەن.
1993-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى  گىگىس ماندىلا بىلەن كۆرۈشتى .


5.jpg
گىگىس 23 يىللىق لەسپى ھاياتىدا 166 توپ كىرگۈزگەن .
1994-يىلى گىگىس مۇسابىقىدە توپ ئۇرۇپ بولۇپ سەبدىشى بىلەن تەبرىكلەۋاتىدۇ.


6.jpg
گىگىس 37 توپىنى مۇسابىقىنىڭ 75-مىنۇتىدىن كيىن كىرگۈزگەن بولۇپ ، ئومومىي كىرگۈزگەن توپىنىڭ 22 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ ، مانچىستىردىكى ھالقىلىق پەيىتتە ئىشىنىشكە بولىدىغان ماھىردۇر.
1995-يىلى 2-ئاي ، لوندۇندا تاتىلغان سۈرىتى .


7.jpg
1997-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ، گىگىس ۋە «92-يىلىنىڭ ئالتۇن دەۋىر ياشلىرى » بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەندە ، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت.


8.jpg
1999-يىلى 4-ئاينىڭ14-كۈنى ، ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، گىگىس قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتتا ئارسىغالغا ئىنتايىن يۇقىرى ماھارەت بىلەن بىر توپ ئۇرۇپ بوغۇزلاپ ، كوماندىنى غەلبىگە ئىرىشتۈردى ، ئۇنىڭ بۇ توپىمۇ ئويۇشما لوڭقدى 100 يىل تارىخىدىكى ئەڭ يەخشى ئۇرۇلغان توپ بولۇپ باھالاندى.


9.jpg
1999-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ، گىگىس ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ، شۇ پەسىللىك ئەڭ مۇنەۋەر توپ كىرگۈزگۈچىسى بولۇپ باھالاندى.


10.jpg
1999-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ، گىگىس ، پاۋۇل سىكولىس بىلەن غەلبە تەنتەنىسى قىلماقتا.

11.jpg
2000-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ،گىگىس بىلەن فۇرگۇسىن لاۋىرىنىس مۇكاپتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋەر كوللىكىتپ مۇكاپاتىنى تاپشۇرۋالدى.


12.jpg
2001-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ، گىگىس ، سىكولىس ۋە سولىسكىجار  ۋودافىڭ ئۈچۈن ئىلان رەسىمىگە چۈشتى.


13.jpg
2001-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ، مانچىستى بىرلەشمىسى بىلەن دىربىي ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە ، گىگىس  بىرلەشمە لوڭقىسىنى لوڭقىسىنى كۆتۈردى.


14.jpg
2001-يىلى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى ،  فۇلھام بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، گىگىس بىلەن بىكخام توپ كىرگۈزگەنلىكىنى تەبىرىكلەۋاتىدۇ.


15.jpg
2003-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى ، «ئالتۇن دەۋىر 92» نىڭ ياشلىرى ، كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە ، بىرلەشمە لوڭقىسىدا يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەنلىكىن تەبىرىكلەشمەكتە.


16.jpg
2003-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ، ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 10يىللىقىدا ، گىگىس ، سىكولىس ، گالىي نىۋىر لار ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ مۇنەۋەر ماھىر مۇكاپاتىغا ئىرشتى . ئىككىنجى قىتىملىق ئىنگىلاندى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنڭ ئون يىللىقىدا ،گىگىس  يەنە بىر قىتىم بۇ شەرەپكە ئىرىشىپ ، بۇ شەرەپكە ئىككى قىتىم ئىرىشكەن بىردىنىبىر توپچى بولۇپ قالدى .


17.jpg
2004-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى ، ئۇيۇشما لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسدە ، مانچىستىر مىرۋور كۇلۇبىنى يىڭىپ چىمپىيۇن بولدى ، گىگىس لوڭقىنى ئىگىز كۆتۈردى.


18.jpg
2004-يىلى 10-ئاينىڭ 4-كۈنى ، مانچىستىر 0:2 ئارسىنالنى ئۇتتى ، گىگىس بىلەن فىرنانىد يامغۇردا تەبىرىكلىمەكتە .


19.jpg
2004-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ، ئىنگىلانىد بىلەن ۋىلىش دۆلەت كوماندىلىرى تۇتۇشتى ،  گىگىس بىلەن بىكخام قارمۇ-قارشى سەپتە ئوينىدى.


20.jpg
2004-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ، ئىنگىلانىد بىلەن ۋىلىش دۆلەت كوماندىلىرى تۇتۇشتى ،  گىگىس گالىي نىۋىرنى مۇداپىيە قىلماقتا .


21.jpg
2004-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ، ئىنگىلانىد بىلەن ۋىلىش دۆلەت كوماندىلىرى تۇتۇشتى ،  گىگىس بىلەن گالىي نىۋىر  قارمۇ-قارشى سەپتە ئوينىدى.


22.jpg
2005-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ، گىگىس ۋىلىش دۆلەت كوماندىشىغا ۋاكالىتەن ئاخپارات ئىلان قىلىش يىغىنغا قاتناشتى .


23.jpg
2005-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ، مانچىستىر بىلەن فۇلھامنىڭ مۇسابىقىسدە ، گىگىس ئالمىشىپ مەيداندىن چۈشكەندە ، قىرى سىر بىلەن قول سىقىشتى .


24.jpg
2005-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ، دۇنيا لوڭقىسى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە ، گىگىس رەقىبى شىمالى ئىرلاندىيە كوماندىسىغا توپ ئۇردى .


25.jpg
2006-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ، مانچىستىر ۋە ۋىگان رىقابەت بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، گىگىس مۇسابىقە جەريانىدا قارشى تەرەپ ئەزاسى بىلەن سۈركىلىشىپ قالدى.


26.jpg
2007-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ، ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ توتىنخام بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ، گىگىس يان رىپىرىنىڭ ئورۇندى ھالقىش (ئوفسايىت) ھۆكۈمىگە قايىل بولماي ، پىكىرىنى بايان قىلماقتا.


27.jpg
2007-يىلى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ،بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇقىنى ئالغاندا ، گىگىس بىلەن گالىي نىۋىر چىمىپيۇنلۇق لوڭقىسىنى نامايەن قىلماقتا!


28.jpg
2007-يىلى 8-ئاينىڭ 5-كۈنى ، چىلسىي بىلەن بولغان قالقان لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ، گىگىس كاپىتانلىق سالاھىيىتى بىلەن ، بىپىر بىلەن سۆزلەشمەكتە.


29.jpg
2008-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى ، گىگىس مىيۇنخىن بوشلۇق ئاۋاتسىيسىڭ 50 يىللىق خاتىرە مۇراسىمىغا قاتناشتى.


30.jpg
2008-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى ،  گىگىس ۋە س رونالدو ئۇيۇشما لوڭقىسىدا توتىنخامغا بىلەن بولغان مۇسابىقىدە.


31.jpg
2008-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى، مانچىستىر ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇقىغا ئىرىشتى ، گىگىس لوڭقىنى كۆتۈرۈپ مانچىستىرغا قايىتىپ كەلدى ،  بۇ گىگىسنىڭ مانچىستىر ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن ئىككىنجى ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى .


32.jpg
2009-يىلى 5 -ئاينىڭ 27-كۈنى ، مانچىستىر ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ، چىمپىيۇنلۇقنى بارسىلوناغا تاتقۇزۇپ قويدى ، گىگىس بىلەن سىكولىس كۈمۈش مىدال ئىلىشنى ساقلاۋاتىدۇ.


33.jpg
2010-يىلى 4 -ئاينىڭ 24-كۈنى ،  گىگىس مانچىستىر بىلەن توتىنخام ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە .


34.jpg
2011-يىلى 5 -ئاينىڭ 24-كۈنى ،  گالىي نىۋىرنىڭ خوشلىشىش مۇسابىقسى ،  «ئالتۇن دەۋىر 92» نىڭ ياشلىرى كونا تىرانفورىددا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.


35.jpg
2011-يىلى 10 -ئاينىڭ 10-كۈنى ، گىگىس ئالتۇن پۇت مۇكاپاتىغا ئىرىشتى ، ئۇ مۇشۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەن تۇنجى ئەنگىلىيىلىك پۇتبۇلچى ئىدى.


36.jpg
2012-يىلى 7 -ئاينىڭ 29-كۈنى ، لوندون ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ پۇتبۇل مۇسابىقىسىدە ، گىگىس ئەنگىلىيەگە ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقتى ، بۇ گىگىسنىڭ تۇنجى قىتىم (بىردىنبىر ) قىتئەلەر ئارا چوڭ مۇسابىقىگە قاتنىششى ئىدى.


37.jpg
2013-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنى ، ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ مانچىستىر دىربىسىدا ، گىگىس بىلەن باررىي تۇتۇشۇپ قالدى.


38.jpg
2013-يىلى5-ئاينىڭ 19-كۈنى ،قىرى سىر فۇرگۇسۇننىڭ مانچىستىردىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان   مۇسابىقىسى ،  گىگىس ئۇستازىغا ئەگىشىپ ، توپ مەستانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشماقتا.


39.jpg
گىگىس ھازىرغا قەدەر يىشىل چىملىقتا 68 مىڭ مىنۇتتىن كۆپ يۈگۈردى ، يىشى 40 قا ئۇلاشتى ، قىزىل ئالۋاستىنىڭ سادىق جەڭچىسى يەنىلا كونا تىانفورىددا قەددىنى كىرىپ تۇرماقتا ! ئۇ يەنە ئالۋاستى مەستانىلىرى ئۈچۈن بارلىقىنى بىغىشلاشقا ھەر ۋاقىت تەييار ، بۇ مانچىستىر بىرلەشمىسىدىلا بولىدىكەن ، ئۇنىڭ رىۋايەتلىرى مەڭگۈ داۋاملاشقۇسى !



2. جىراد     1997-يىلىدىن ھازىرغىچە

1.jpg
ئىھتىمال ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئەڭ بەك يىرىم قىلىدىغىنى ئۇزۇندىن بىرى كۈتىۋاتقان چىمپىيۇنلۇقنى قولدىن بىرىپ قويۇش ئەمەس بەلكى ، سەن بىلەن ھايات-ماماتتا بىللە بولغان سەپداشلىرىڭنىڭ بىر-بىرلەپ سەندىن يىراقلارغا كىتىشى....


2.jpg
سىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمىراھلىرىڭ لىۋىرپولدا ،ئۇلار ساڭا لازىم بولسا ھەتتا جىنىنىمۇ ئايىمايدۇ !


3.jpg
ھاياجانلىق مىنۇتلاردا سەن بىلەن بىللە ...


4.jpg
قايغۇ ھەسىرەتتە سەن بىلەن بىللە ........

5.jpg
ۋىسال شاتلىقىدا سەن بىلەن بىللە ......


6.jpg
سەن سۆيگەننى ئۇلارمۇ سۆيىدۇ !


7.jpg
ھەش-پەش دىگۈچە 14 يىل ئۆتۈپ كەتتى ، ئىلگىرى ئۈنىڭ ئۈچۈن مەبۇد ھىساپلانغانلار رەھىمسىز تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆز يولىغا راۋان بولدى .

8.jpg
ئىستانبولدىكى غەلبە تەنتەنىسى !

9.jpg
ئەتىراپىڭدا پەقەت كارراگىرلا بار !

10.jpg
ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە مۈرىنى-مۈرىگە تىرىگەن قەھىرمانلار .

11.jpg
ئەمدىكىسى ئەسىر دىربىسىدىكى ئەشەددىي رەقىپلەر .

12.jpg
سەپداشلىرى ئالمىشىپ تۇرىدۇ ..يەنە ئالماشتى .

13.jpg
سەككىز يىشىدا بىرىككەن بىرجۈپ ئۆچمەس يۇلتۇز ، 2004-يىلىغا كەلگەندە بۇرۇنلا تۈتەككە ئايلىنىپ كەتتى !


14.jpg
مانا بۇ ھەممە بىردەك تىلغا ئىلۋاتقان ئەسىر خاراكتىرلىك بىرلىشىش !


15.jpg
قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ، گۈزەل چۈشلەرنىڭ ھامان ئاخىرلىشىدىغانلىقنى، لىكىن ئۇزاققا قالماي يەنە كىلىدىغانلىقىغا ھەممەيلەن ئىشىنىمىز!

16.jpg
ستانفورىت كۆۋرۈكىدىكى چاقىرىشلاردىن توختىغان قەدەم !


17.jpg
سىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تاللىشىڭ يەنىلا ئەنفىرلىد ئىدى.

18.jpg
سەن نۇرغۇن يوقىتىشلار بەدىلىگە چىدامچانلىقنىن ئۈگەندىڭ ، قىرىنداشلارغا ناتونۇشلاردەك بىقىشقا ئادەتلىنىپ قالدىڭ!


19.jpg
رەقىپنىڭ مۇھاسىرسىنى يالغۇز بىتچىت قىلىش .

20.jpg
ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئۇ ،مۇسابىقىدىكى مەغلۇبىيەت ئىلىپ كەلگەن روھى چۈشكۈلىككىمۇ ئادەتلىنىپ قالدى.

21.jpg
رەقىبىنىڭ غەلبە تەنتەنىسىگە سۈكۈت قىلىشنىڭ ئۆزى بىر چىمىيۇنلارغا قىلىنغان ھۆرمەت!

22.jpg
ئەمما خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى- سەن يالغۇز ئەمەس!

23.jpg
ئەنفىرلىددە ساداقەتتە سەن بىلەن بىرگە چاپقانلار يالغۇز كالاگىرلا ئەمەسكەن!

24.jpg
ئوخشاشلا يىڭىلمەسلىككە ئىرادە باغلىغان جەڭگىۋار كۇلۇپ!

25.jpg
ئۇنىڭدىكى بارلىق جاسارەت مۇشۇ يەردىن كەلگەن !

26.jpg
سەپداشلار ئىلگىركىدەك بىر-بىرگە ئىشىنىدۇ!

27.jpg
يىراقتىكى دوسلىرىڭمۇ سىنىڭ تەرپىڭنى قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ!

28.jpg
يەنە بىر قىتىم تەكىرارلايمىز- سەن يالغۇز ئەمەس!

29.jpg
بەلكى ، سەن مەڭگۈ يالغۇز قالمايسەن !!!




3. تىررىي   1999-يىلىدىن ھازىرغىچە

1.jpg
تىررىي- مۇھەببەت ۋە نەپىرەتنىڭ چىگىرسى .

2.jpg
جوھان تىررىي زادى قانداق ئادەم !

3.jpg
ئۇ كۆك قوشۇننىڭ كاپىتانى .

4.jpg
مۇداپىيەدىكى يىمىرلمەس قورغان!

5.jpg
شۇنداقلا ئىنگىلاند  دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسى كۈچى ، شۇنداقلا بىكخامدىن كىيىنكى شىر قوشۇنىنىڭ كاپىتانى.

6.jpg
پۇتبۇل مەيدانىدا ئۇ  ئىشىنىشكە بولىدىغان بىر توپچى !

7.jpg
مۇداپىيەسى مۇستەھكەم، كەسىپچانلىقى كۈچلۈك .

8.jpg
يارلىنىش خەۋىپىدىن قورقماي ، ئۆز ۋەزىپىسىنى بىجاندىللىق بىلەن ئورۇنلايدۇ.


9.jpg
ئۇمۇ بىر لاياقەتلىك كاپىتان !

10.jpg
زىممىسىدىكى يۈك ناھايىتتى ئىغىر ، ئۇنىڭ ۋەزىپىسى قارشى تەرەپنىڭ يادىرولۇق ھۇجۇمچىلىرىنى مۇداپىيە قىلىش .


11.jpg
مەشقاۋۇلنىڭ يوليورۇقىنى مەيداندىكىلەرگە يەتكۈزۈپ ، ئۆزىنى ھەقىقىي رولىنى جارى قىلدۇردۇ .

12.jpg
سەپداشلىرى بىلەن بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ، قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ .


13.jpg
ھالقىلىق ۋاقىتتا مەيدىسىنى كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ، ۋەزىيەتنى ئوڭلىيالايدۇ.

14.jpg
ئۇنىڭمۇ ئۇھسىندىغان ۋاقىتلىرى بار!

15.jpg
زىددىيەتلەرگە تولغان فىلىملەردە ئومۇ رول ئالغان!

16.jpg
ئۇ بولغانلىقى ئۈچۈن ، كوماندىدا بىر خىل ئەسەبىي كۈچ مەۋجۇت !

17.jpg
قارشى تەرەپنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا يوقۇققاندا ئۇ قانداق قىلىشنى بىلىدۇ.

18.jpg
ئۇنىڭدىكى روھ بىر رەڭگە ۋەكىللىك قىلىدۇ!


19.jpg
ئۇنىڭ ئۈستىگە يامان ئادەم دىگەن نام يۈكلەگلىك !

20.jpg
بۇنداق كۆرۈنۈشلەر ناھايىتتى جىق !

21.jpg
ئۇ ئۆزىگە سۇئال قويماقتا .

22.jpg
لوندوندا تۇغۇلۇپ ، 14يىشىدا كۆك قوشۇنغا قوشۇلغان بۇ قەھىرماننىڭ  قىىنىڭ رەڭگىمۇ كۆك !


23.jpg
بەزى چاغلاردا ئۇ كىمگە ئىشىنىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ!

24.jpg
ئۇ ناھايىتتى تىزلا دۆلەت كوماندىسىغا تاللاندى .

25.jpg
ئۇستازلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۇنىڭ قەدەملىرى ناھاتتى تىزلا  ئاۋىدى .

26.jpg
داڭلىق تىرىنىرلارنىڭ قولىدا ئۇ ناھايىتتى تىزلا ۋايىغا يەتتى !

27.jpg
ھەر قىتىملىق مۇسابىقلەردە ئۇ ھەر خىل رەقىپلەرگە دۇچ كىلەتتى .

28.jpg
بەزىدە بويى ئىگىزگە ،

29.jpg
بەزىدە سىمىزگە ،

30.jpg
بەزىدە تىخنىكىسى يۇقىرىسىغا ،

31.jpg
بەزىدە ھەم ئىگىز ، ھەم تىخنىكىسى يۇقىرسىغا ئۇچىراپ قالاتتى .

32.jpg
ئەمما ئۇ ھىچقايسىسىدىن قورقۇپ باقمىغان !

33.jpg
قەھىرمانلىقتا ئۇ ھەممىگە ئۈلگە !

34.jpg
ئۇ يارلىنىپ يىقىلدى .

35.jpg
يۈزى يارلانغاندا نىقاپ تاقاپ جەڭگە چۈشتى .


36.jpg
ئەمما ئۇ ھەر قاچان قەيسەرلىك بىلەن تىك تۇردى .


37.jpg
كوماندىدىكى دوسلىرى يەڭگۈشلىنىپ تۇردى .

38.jpg
ھايات-ماماتلىق جەڭلەرنى تەڭ باشتىن ئۆتكۈزگەن يىگىتلەرمۇ ، بۈگۈنكى كۈندە ئايرىلدى .

39.jpg
ئەڭ يىقىن كونا سەپداشلىرىدىن پەقەت لەمپاردلا قالدى .

40.jpg
ھىچقىسى يوق ، تىررىي يەنىلا بار !   كۆك قوشۇننىڭ ھەيۋىسى يەنلا بار!

41.jpg
ئەمما ھەرقانداق قەھىرمان ئازاپنىڭ دەردىنى يەتكىچە تارتىۋالغان .

42.jpg
دۆلەت كوماندىسىدا ئارقى-ئارقىدىن كەلگەن مەغلۇبىيەتلەرگە شاھىت بولۇپ قالدى.

43.jpg
نۇرغۇن كۆز ياشلىرى ئاچىچىق ئازاپلارغا خاتىرە بولۇپ قالدى !

44.jpg
2008-يىلى ، موسكىۋادىكى يامغۇرلۇق كىچە ، ئۇمۇ كەتكۈزۈپ قويغان ، ئەمما بۇنداق ئىشلار بىز قىزىقىۋاتقان دۇنيادا دائىملىق ئادەتتىكى ۋەقە ھىساپلىنىدۇ.

45.jpg
مەستانىلىرى بىلەن يامغۇرغا جۆر بولۇپ ، ياش تۆكمەكتە !

46.jpg
شۇ قىتىملىق قىزىل كارتا ، بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇنى جىنايەتچىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى .


47.jpg
ئۇلار ھەققىدىكى رىۋايەتلەر ھىلىھەم يىزىلىۋاتىدۇ !


48.jpg
بۇ چادىكى  ھىسىياتىنى پەقەت شۇلارلا بىلىدۇ !


49.jpg
بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە  ئۇ دۆلەت كوماندىسىدىن ئاللىقاچان خوشلاشقان .

50.jpg
بەلكىم ، بۇندىن كىيىن بۇنىڭغا ئوخشاش تىز سىزما ئەمدى سىزىلماسلىقى مۇمكىن !


51.jpg
ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلار داۋاملاشتۇرۇڭلار !


52.jpg
ئۇنى تىللايدىغانلارمۇ داۋاملاشتۇرۇڭلار !

53.jpg
باشقىلار قانداق باھا بىرىشىدىن قەتئى نەزەر ، ئۇ يەنىلا سىتانفورىد كۆۋرۈكىنىڭ مەڭگۈلۈك رىۋايىتى !


54.jpg
پۇتبۇلنىڭ  ھايات-مامات بىلەن مۇناسىۋىتى يوق ، ئەمما ئۇنىڭدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ ، كىملەر شۇنداق قىلالىغاندۇ؟


55.jpg
داۋاملىق ئالغا ! جون تىررىي !



4. لەمپارىد   2001-يىلىدىن ھازىرغىچە

1.jpg
سىھرىلىك چىراغنىڭ نۇرى ھەممىنى يۇرۇتتى !

2.jpg
لەمپارد  تىلغا ئىلىنسا بىرىنجى بولۇپ قايسى سۆز ئىسىڭىزگە كىلىدۇ؟

3.jpg
ئۇ بىر تۆمۈر ئادەم ، ئۇ بىرلەشمىدە ئارقىمۇ –ئارقا 164 مەيدان توپ باشلاپ بەردى .

4.jpg
ئۇ بىر تالانىت ئىگىسى ، ئۇنىڭ ئەقىل بۆلۈنمىسى 150دىن يۇقىرى .

5.jpg
ئۇ بىر كۆپ ئىقىتىدارلىق جەڭچى ، ئارقىمۇ –ئارقا 9 مۇسابىقە پەسلىنىڭ ھەر پەسلىدە  10دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزدى ، ئارقىمۇ –ئارقا 16 مۇسابىقە پەسلىنىڭ ھەر پەسلىدە   5دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزدى .

7.jpg
ئۇ بىر سىھىرلىك چىراغ ، ئەتىراپىدىكىلەر بىر-بىرلەپ ئۇنىڭدىن ئايرىلغان بولىسىمۇ ، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ خاسىيەتلىك نۇرى بىلەن سىتانفورىد كۆۋرۈكىنى داۋاملىق يۇرۇتماقتا!

8KIGLBLI00D80005.jpg
يازدا 35 ياشقا توشقان لەمپارد ناھايىتتى ئاسانلا يەنە يىڭى توختامغا ئىرىشتى ، ئۇنىڭ بارلىقى چىلسىغا مەنسۇپ.


8.jpg
لەمپارىد پۇتبۇلچى ئائىلىسىدىن كىلىپ چىققان ، ئۇنىڭ داداسى غەربى ھام بىرلەشمىسىنىڭ رىۋايەتلىك پۇتبۇل چولپىنى بولۇپ ، يان مۇداپيەچى ئىدى .

9.jpg
ئۇنىڭ يىزىنىسى ئىنگىلانددىكى داڭلىق تىرىنىر رىدىكناپ ئىدى .

10.jpg
شۇڭا ئۇ ناھايىتتى ئاسانل اغەربى ھامنىڭ ياشلار مەشىق بازىسىغا مەشىققە قاتناشقان.

11.jpg
دەسلەپكى چاغلاردا ئۇنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولمىغان ، شۇسەۋەپلىك ئۇنىڭ يىزىنىسى كىشىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچىرىغان .

ئۇنىڭ قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرلەش روھى بارلىق كەمچىللىكلىرىنى يوق قىلدى .


13.jpg
ئۇ يۈز تۇرانە تەنقىدلەشلەرگىمۇ پەرۋا قىلماي ، ئىزچىل مەشىق قىلىپ ئاخىرى پارتىلاش خاراكتىرلىك ئۆزگىرىش ياسىدى(ئۆزىدە)  .

14.jpg
2001-يىلى يازدا ئۇ غەربى ھامدىن ئايرىلىپ لوندۇندىكى يەنەبىر كۇلۇپقا –چىلسىغا كەلدى . ئۇ بۇيەردە ھايات-ماماتلىق دوستىنى تىپىۋالدى .

15.jpg
ئۇ بۇيەردە كۆيۈمچان ئۇستازغا يولۇقتى .

16.jpg
يەنە بۇيەردە پۈتۈن ئىنگىلاند پۇتبۇلچىلىقىنىڭ ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان يىڭى خوجايىنغا يولۇقتى .

17.jpg
شۇنداق قىلىپ خاسىيەتلىك چىراغ چىلسىدا شۇ يورۇغانچە ھازىرغىچە ياندى .

18.jpg
ئۇ ھەرقىتىملىق چىمپىيۇنلۇق ئۈچۈن ناھايىتتى مۇھىم رول ئوينايىتتى .


19.jpg
2005-يىلىدىكى ئالتۇن توپ سايلمىدا ، رونالدىنىخو تەرپىدىن مەغلۇپ بولۇپ ئىككىنجىلىككە ئىرىشتى .


20.jpg
شۇنداق بىر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بار، 2005-دىن 2010-يىلىغىچە ئۇدا بەش پەسىل ھەرپەسىلدە 20دىن ئارتۇق توپ كىرگۈزدى .


چىلسىدىكى كەسپىي ھاياتىدا ، 2 قىتىم رايۇنلار ئارا قالقان لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى ،  ئىكى قىتىم بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى ، تۆت قىتىم ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى ، 3 قىتىم بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنى ، بىرقىتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىيۇنى بولدى .


22.jpg
21-ئەسىرنىڭ دەسلەپكى 10 يىلىدا ئۇ ئىككى تۈردە بىرىنجى (مەيدانغا چىقىش قىتىم سانى ۋە غەلبە قىلىش قىتىم سانى ) بىر تۈردە ئىككىنجى (ياردەمچى پاس سانى ) بىر تۈردە تۆتىنجى (كىرگۈزگەن توپ سانىدا )  دىگەندەك نەتىجىلىرى بىلەن ، ئىنگىلانىد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە ئۆتۈپ كەتكەن 10 يىلدا بىرىنجى ئورۇنغا تىزىلدى .

23.jpg
ئۇ قىران ياشلىرىنى ۋە ئەڭ ياخشى ھالىتىنى كۆك قوشۇنغا بىغىشلىدى

24.jpg
2008-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ، ئۇنىڭ ئانىسى كىسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى ، 30-چىسلا ئوينالغان ئۇزغۇنلۇق يىرىم ھەل قىلغۇچتا ، لەمپارىد شۇ روھى ھالىتى بىلەنمۇ ، ياخشى ئويناپ ، نۇقتا توپنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى ، ھەم بۇ توپىنى جەننەتتىكى ئانىسىغا سوغا قىلدى .

25.jpg
يۇقارقى كۆرۈنۈش چىلسى لىۋىرپولىن ى4: 3 نەتىجە بىلەن شاللىۋىتىپ ،ھەل قىلغۇچقا كىرگندىكى كۆرۈنۈش .(قارا رەختنى سۆيگەن كۆرۈنۈش )

26.jpg
ئۇنىڭ جەڭلەردىكى جاسارىتى ھەممىنى قايىل قىلاتتى .

27.jpg
كۈلكە بىلەن قايغۇ بىر تۇققان دىگەندەك ، دۆلەت كوماندىسىدا لەمپارد ئاز بولمىغان ئاچچىق- ئەلەملەرنى يۈدىۋالغانىدى .


28.jpg
2006-يىلى دۇنىيا لوڭقىسىدا ، لەمپارد نۇقتا توپنى ئۇرالمىدى ، بەختىكە قارشى ئىنگىلانىد پورتۇگالىيە تەرپىدىن شاللىۋىتىلدى .

29.jpg
2010-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدا لەمپارد دۇنياغا داڭلىق ۋاراتار سىزىقى تالاش-تارتىشىغا يولۇقتى .

30.jpg
ئىنگىلانىد ئەپسۇسلانغان ھالدا مەيداندىن چىقىپ كەتتى .


31.jpg
ئىككى قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسىدا جەمئى 41 قىتىم ۋارتارغا قارتىپ توپ تەپتى ، بىردىنبىر چۈشكەن توپىمۇ ناھەق ئىناۋەتسىز قىلىۋىتىلدى ، تەقدىرنىڭ بۇ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن كىممۇ مەيۈسلەنمەيدۇ ؟


32.jpg
ئۇنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدى  ئىپادىسى ھەرگىزمۇ مەستانىلىرنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنى تۆۋەنلىتەلمەيدۇ .


33.jpg
ئۇ ئاۋالقىدەكلا مەستانىلەر قەلبىدىكى رىۋايەت!

34.jpg
ئۇ بىر مىھرىبان دادا .

36.jpg
ئۇ كوماندىدىكى يولباشچى .


37.jpg
ئۇلار جەڭگاھتىكى ھەققى دوستلار!

38.jpg
ئىشەنچىلىك قىرىنداشلار!


39.jpg
ئۇنىڭ ھۆكىرشى ھەممىگە شىرنىڭ ھەيۋىسىنى ئەسلىتىدۇ!


40.jpg
ئۇ مەڭگۈ مەستانىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان سەنئەتكار!

41.jpg
ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ ، ئەمما مەستانىلەر ئۈچۈن ئۇنى ،ئۇنىڭ ئۈچۈن مەستانىلىرىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.


ھەممە يەر كۆك، ئۇمۇ ، ئۇلارمۇ .


42.jpg
ئۇلار ئۈچۈن كۆك رەڭ نەقەدەر گۈزەل !


43.jpg
كۆك قوشۇن ئۈچۈن ھازىرلانغان سورۇنمۇ كۆك.


44.jpg
ئۇلار يەنە كەلگۈسىنى يازىدۇ !

45.jpg
بىز ھەممىمىز ئوخشاش!


44444444444.jpg

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +165 تۆھپە +5 شۆھرەت +5 تەجرىبە +5 يىغىش سەۋەبى
daxxat + 10 قوللاش!
alimran + 5 قالتىس!
پەخرىي + 50 قالتىس!
WiRoS + 50 قوللاش!
باھادىر + 50 + 5 + 5 + 5 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-28 21:08:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي قىرىندىشىم قانداق يىزىپ بوغانسىز ماۋۇ ئىسىل تىمىنى مەن يىرىمىگىچە ئوقۇپلا كوزلىرىم تالغىلى تۇردى شۇنىڭ بىلەن سائىتىگە 200سۇرئەت بىلەن سۇرەتلەرنى كورۇپلا ئاياغلاشتۇردۇم ئەجىرڭىزگە بارىكاللا بىرەر يىڭى كۇلۇپ قۇرۇپ قالساق مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلغۇدەك بىلمىڭىز بار ئوخشايدۇ پۇتبۇل توغرىسىدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-28 21:16:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويگە كىرىپ ئالدىرىماي ئوقۇپ چىقىمىسام
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-28 21:17:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىگىس مانچىستىرنىڭ سادىق جەڭچىسى،تۈھپىكارلىرىدىن بىرى ،  ئۇمۇ قىرىپ قالدىدە  …ۋاي………قىرىلىق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-28 21:40:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل  تېما  ....تۇللۇق ئۇقۇپ چىقتىم ......نادىر تېما بۇلۇشقا لايىق ....  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-28 21:40:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاز بولسىمۇ 100 ياۋرۇ كەتتى  ئەمسە ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-28 21:50:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە ئاپرىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-28 21:53:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسىلا مەن بەك ھۆرمەتلەيدىغان، قايىل بولىدىغان توپچىلار ئىكەن، بولۇپمۇ گىگىس. يېشى شۇنچە چوڭىيىپ قالغان بولسىمۇ  ئۇنىڭ ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. مانچىستىرنىڭ ھەقىقىي قەھرىمانى .  ئەپسۇسلىنارلىقى خەلىقئارالىق مۇسابىقىلەردە ئۇنىڭ سىماسى يوق، تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىنگىلاند ئۈچۈن توپ تەپكەن بولسا تېخىمۇ ئۇتۇق قازىنالايدىكەن بۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-28 21:59:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-28 21:59:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن  .جاپا چىكىپسىز قېرىندىشىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-28 22:19:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل تېمدىن بىرنى يوللاپسىز ئەجىرڭىزگە كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر قېرىندىشىم   يەنە مۇشۇنداق نادىر تېمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-28 22:23:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۇجۇن نەچچە سائەتتە يىزىپ تەھرىرلەپ رەسىملەنى  چىقرىپ بولغانسىز ھەقىقى ئەجىر تۆھپە دەيمىز بۇنى باشقۇرغۇچىلا قىنى بامۇ سىلە؟  لەببەي خانزادەم  ھە سىلەرگە بۇيرۇق تىما ئىگسىنى تارتۇقلاڭلا تىمىسىنى نادىرلەڭلا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 02:12

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش