ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 550 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fiko تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-28 14:00
شىنلاڭ تەنتەربىيىسى خەۋىرى:
خەلىقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، رونالدو مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئۆزىنى تۇتىۋالالماي كۆز ياش قىلدى، ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرىمۇ تۆۋەندە تۇرۇپ ياش تۆكتى، رونالدو ئۈچۈن خوش بولۇشتى. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئالتىسى، مادرىدنىڭ بوناۋۇدىكى ساھىپخان مۇسابىقىسىدە رونالدو ئۆزىنىڭ ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى نامايان قىلىپ توپ مەستانىلىرىگە رەخمەت ئېيتتى. بۇ كۆرنىشىنى كۆرگەندە رونالدونىڭ ئانىسى دولىرىس يەنە بىر قىتىم ياش تۆكتى. شۇ كۈنى دولىرىس ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئوغلىنىڭ مادرىدنىڭ كېيىمىنى كەيگىنىنى كۆرمىسە، ئۆلسىمۇ كۆزى يۇمۇلمايدىغانلىقىنى دېدى. ھازىر رونالدو ئاللىبۇرۇن مادرىدقا قوشۇلدى، ھەمدە ئىپادىسمۇ ئىنتايىن قالتىس، بۇنىڭغا نىسبەتەن دولىرىسنىڭمۇ كۆڭلى شۇنداق خاتىرجەم ئىكەن.
رونالدۇنىڭ ئانىسىلا بولماستىن، ئۇنىڭ قىز دوستى ئېلىننامۇ رونالدودىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدىكەن. يىقىندا ئېلىننا بارسىلوناغا كېلىپ بىر پائالىيەتكە قاتناشقان، « دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئىپادە بىلدۈرۈپ ئالتۇنتۇپ تارقىتىش مۇراسىمى ئىنتايىن تەسىرلىك بىر مۇراسىم، ئالتۇنتۇپنى بۇرۇنلا كىرىستىيانغا بېرىشى كېرەكتى دېگەن. ھەمدە ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا نىسبەتەن ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ ئۆزىنىڭ خىزمىتى، ئۆيدىكىلىرى ۋە كىرىستىيان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكن.
« دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» نىڭ مۇخپىرى ئېلىنناغا« بارسىلونا ياشىسۇن، بارسىلونا ياشىسۇن !»دەپ ئۈنلۈك توۋلاشنى دېگەندە، لېكىن روسىيلىك مودىلنىڭ كەسكىن رەت قىلىشىغا ئۇچراپ، ئېلىننا ئۇنىڭغا : «بۇلمايدۇ، بولمايدۇ ! مەن ئۇنداق دېمەيمەن» دېگەن. |
|