ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 550 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fiko تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-28 12:55
شىنلاڭ تەنتەربىيىسى خەۋىرى:
كولۇپنىڭ يۆتكىلىش رىكوتىنى بۇزۇپ تاشلاپ ماتا بىلەن توختام ئىمزالاش، قىزىل ئالۋاستىنىڭ مەيلى تىخنىكا ۋە ياكى ئىرادىسىنى بىر بالداق يوقىرى كۆتەردى. ئەمدىلىكتە رونىنىڭ توختام ئۇزارتىشى ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە بۇلۇپ قالدى. « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى » نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رونىنىڭ توختام ئۇزارتىش ئىشىدا زور بۆسىش بولغان بولۇپ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە بىر تەرەپ بولىشى مومكىنكەن.
«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى »نىڭ ئاشكارلىشىچە، ھەپتىلىك ئىش ھەققى 300.000 فونىستىرلىڭ بولغان توختام ئۇزارتىشقا قارىتا، رونى يىقىن كەلگۈسىدە توختام ئۇزارتىشى مومكىنكەن، بۇنداق بولغاندا ئۇ ئىنگىلانىت بىرلەشمىسىدىكى مۇئاشى ئەڭ يوقىرى توپچى بولۇپ قالىدىكەن. رونى قىزىل ئالۋاستى ئۈچۈن 10 يىل ئەتراپىدا كۈچ چىقاردى، كولۇپمۇ نۇرغۇن ئىسسىق سوغوقنى بىشىدىن كەچۈردى، رونىمۇ نۇرغۇن قېتىم كوماندىدىن ئايرىلىشنى ئوتتۇرغا قويدى، لىكىن كولۇپنىڭ زۇر مەبلەغ بىلەن ماتانى يۆتكەپ كېلىشى، 28ياشلىق رونىنى باشقا بانىلار بىلەن رەت قىللمايدىغان دەرىجىگە ئېلىپ باردى. كولۇپنىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن پۇل چىقىرالايدىغانلىقىنىمۇ بىلىپ يەتتى.
توختام ئۇزرتىش مۇۋەپىقىيەتلىك بولۇپلا قالسا، رونى يەنە بىر قېتىم ئېنگىلانىت بىرلەشمىسىنىڭ ھەپتىكىك مۇئاش رىكوتىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، ھەمدە يېڭى بىر دەۋىرنى ئېلىپ كېلىدۇ.
ھەپتە ئارلىقىدا مانچېستىر بىرلەشمىسى ساھىپخان ھالەتتە كادىف بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئەمدىلا ئەسلىگە كەلگەن رونىنىڭ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن تۆۋەن. ھەپتىنىڭ 6-كۈنىدىكى سېتوك شەھىرى بىلەن بولغان مۇسابىقىگە چىقىشى مومكىنكەن. |
|