akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 893|ئىنكاس: 19

پارىژ مىسسىنى يازدا قېتىۋالماقچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   beckham تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-26 21:16  

900x600_99QFNSRN00DE0005.jpg

    دىيارىمىز ۋاقتى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى « ماركا گىزىتى » ئىسپانىيە بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ مىسسى بىلەن توختام ئۇزارتىش ئىشىدا بىرلىككە كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى. بىراق فىرانسىيە تەرەپتىن كەلگەن خەۋەر « ماركا گىزىتى » نىڭ خەۋىرى بىلەن پۈتۈنلەي قارمۇ-قارشى بولغان. « كوماندا گىزىتى » نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا فىرانسىيە زەردارى پارىژ سانت گىرمان كۇلۇبى بۇ يىل يازدا مىسسىنى كوماندىغا قېتىۋېلىش ھەركىتىنى باشلىغان، شۇنداقلا مىسسىنىڭ ۋاكالەتچىسى يەنى دادىسى بىلەن ئۇچراشقان.

  پارىژ سانت گىرمان كۇلۇبى يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە قاتار بىرلەشمىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سېلىشى ئارقىسىدا شىددەت بىلەن زورىيىپ، فىرانسىيە قورۇقلىقىدىلا كوماندىلارغا خىرىس قىلىپلا قالماي ياۋرۇپادىكى باشقا كوماندىلارغا تەھتىت كەلتۈرۈپ زەردارلىق يۇلىغا قاراپ ماڭدى. ئىلگىرى كىيىن پاستورى، ئىبراھىموۋىچ، كاۋانى، سېلۋا قاتارلىق دۇنياۋى چولپانلارنى كوماندىغا قېتىۋالدى.  ئالدىنقى يىلى ئۇلار خانلىق مادرىد كۇلۇبىنىڭ پورتىگالىيەلىك توپچىسى، دونياۋى چولپان، قاتىل ھۇجۇمچى كىرىستىيانو رونالدونى قېتىۋېلىش ئۈچۈن خانلىق مادرىد كۇلۇبىغا غايەت زور باھا قويغان. بىراق خانلىق مادرىد يۇقىرى قاتلىمىنىڭ بىر ئاۋاز بىلەنلا رەت قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئارقىدىن خانلىق مادرىد كۇلۇبى كىرىستىيانو رونالدو بىلەن توختام ئۇزارتقان. بىراق ئۇلارنىڭ قەدىمى توختاپ قالغىنى يوق. ئۇلار ئەمدىكى نىشان ئۇبىكتىنى مىسسىغا قاراتقان.

   پارىژ سانت گىرمان كۇلۇبى يۇقىرى قاتلىمىنىڭ قارىشىچە بۇ يىل ياز مىسسىنى قۇشىۋېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئىكەن. بىرى: بارسېلونا يۇقىرى قاتلىمى مالىمانچىلىققا تولغان. يەنە بىرى: مىسسى ئۈزى ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىغا ئۆچ بۇلۇپ كەتكەن. باج ئوغرىلاش، پۇل يۇيۇش دىگەندەك خەۋەرلەر مىسسىنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر دەخلى تەرۇز قىلغان.

  « كوماندا گىزىتى » نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا پارىژ تەرەپ مىسسىنىڭ دادىسى ( ۋاكالەتچىسى ) بىلەن كۈرۈشكەن. بىراق مىسسىنىڭ دادىسى « مەن بىر قىسىم ئۆسەك سۆزلەرنى ئاڭلىدىم، بۇ خەۋەرلەرنىڭ قەيەردىن پەيدا بولغانلىقىنى بىلمىدىم. ھازىرغىچە ھېچ ئىش يۈز بەرگىنى يوق. مىسسى بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ئادىمى، 2018-يىلغىچە توختامى بار. پارىژنىڭ مىسسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىشى بىزنى خۇشال قىلىدۇ. بىراق ئەڭ مۇھىمى بىز تېخى بۇ ئىشنى مۇزاكىرە قىلمىدۇق » دەپ جاۋاپ بەرگەن.

   مىسىسى كىيىنكى پەسىلمۇ يەنە بارسېلونا كۇلۇبى ئۈچۈن توپ تىپەمدۇ دىگەن سۇئالغا قارىتا مىسسىنىڭ دادىسى مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: مىسسىنىڭ بارسېلونا كۇلۇبى بىلەن تۈزۈشكەن توختامى بار. بىراق پۇتبول دۇنياسىدا ھىچكىممۇ ئەتە نىمە بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. مەن ئەتە قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. بۇنى بىر تەڭرى بىلىدۇ.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-26 21:34:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر كەتكىنە !!!!ۋوجون ۋوجون
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-26 21:36:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-26 21:39:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرۋەر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-26 21:36
تۈزۈك بىر دەڭلا كەمپۈتۈم، تارىخنى قايتا يىزىپ قالامس ...

نو نو مۇشۇ ئاخپىراتچىلار تۈكى يوق گەپنى جىق قىلىپ بەك جىلە قىلىۋەتتى مىنى
  1. 12
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-26 21:40:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بايا بۇ تىمىنى ھىچكىم يازماپتىكەن. كۆپچىلىك خەۋەردار بولسۇن دەپ يوللاپ بۇلۇپ قارىسام باشقىلار يېزىپ بۇلۇپتۇ. قانداق قىلىشىمنى بىلمىدىم. بۇلۇپمۇ بۇ تىمىنى يازغان قېرىندىشىمنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بولمىسا مىنىڭكىنى ئۈچۈرۋەتسەڭلار بۇلىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-26 21:47:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ شۇ  مەن يوللاپ بولغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-26 21:48:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-26 21:50:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
beckham يوللىغان ۋاقتى  2014-1-26 21:40
بايا بۇ تىمىنى ھىچكىم يازماپتىكەن. كۆپچىلىك خەۋەردار ...

مىنىڭمۇ نەتچە تېمام ئاشۇنداق بولدى.مۇنبەرگە قارغان ۋاقتىمدا يوقتى سىز يېزۋاتقان ۋاقىتتا مەن يوللاپ بوپتىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-26 21:51:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈبھى يوللىغان ۋاقتى  2014-1-26 21:48
گىراماتىكا بويىچە قىلىپ ئېيتقاندا پارىژ يازدا مېسسىنى ...

   ئەقلىڭىزگە ئاپىرىن. شۇنداق ئېلىنىشى كىرەك. بىراق ھازىر قىشلىق بازار ۋاقتى بولغاچقا ئالاھىدە ئەسكەرتىش يۈزىسىدىن شۇنداق ئاپتىمەن. توغرا چۈشۈنۇپ قۇياڭ ئەمدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-26 21:52:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولسىغۇ قالساڭ بولاتتى مىسسى ، لىكىن پارىزدا پۇل جىقدە ، مائاشىڭدا بولسىمۇ بىرىنجى بولاتتىڭ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-26 21:53:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
土耳其2 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-26 21:47
شۇ شۇ  مەن يوللاپ بولغان.

   مەن يېزىۋاتقان ۋاقىتتا تېخى يوق ئىكەنتۇق. تەستىقلىنىش باسقۇچىدا بولسا كىرەك. بولدى، مىنىڭكىنى ئۈچۈرۋېتىڭلا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-26 21:55:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مومكىن بولامۇ بۇ سودا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 22:09

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش