بۇ يازمىنى ئاخىرىدا totti تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-26 12:46
بالوتولى : مۇرىنئو ئۈچۈن توپ تىپىش مىنىڭ ئارزۇيۇم ..... بىز ياخشى دوسلاردىن .
acمىلەن ھۇجۇمچىسى بالوتولى يىقىندا ئەينەك گىزىتى مۇخبىرلىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ، ئۆزىنىڭ مورىنئو بىلەن يىقىن ئوتىدىغانلىقىنى ھەمدە مورىنئو ئۈچۈن توپ تپىشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلدىغانلىقىنى ئىيتىپ ئۆتتى .
بالوتولى ئىلگىرى مورىنئو بىلەن ھەمكارلىشىپ باققان ، بالوتولنىڭ مورىنئو ئۈچۈن يەنە بىر قىتىم توپ تەپكۈسى بارلىقىنى ، ئىلگىرى ئىنتىر مىلەن كۇلۇبىدا ۋاختىدا ئىككىسى ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن مەسىللەرنىڭ ئادەتتىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى ، كىيىنچە بارا بارا قەلبىدە مورىنئوغا نىسپەتەن ھۆرمەتلەش تۇيغۇسىنىڭ ئويغانلىقىنى ، شۇنىڭ باشلاپ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى دىدى .
بالوتولى يەنە تەكىتلەپ مانچىستىر شەھرىدىن ئايرىلغان بولساممۇ ئەينى ۋاقىتتا مانچىستر شەھرى مەستانلىرى مىنى ئىنتايىن ياقتۇراتتى ، ئەينى ۋاقىتتا مەن مانچىستىر شەھرى كۇلۇبىدا توپ تىپۋاتقان ۋاختىمدا ئىنگىلادنىڭ باشقا كۇلۇپلىرىدا توپ تىپىشنى قەتئى ئويلاپ باقمىغان ، شۇ ۋاقىتتا مانچىستىر شەھرى مەستانلىرى مىنى قوللايتتى ھەم مەنىۋى كۈچ ئاتا قىلاتتى، مەن مەڭگۈ ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىمەن . |