ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5460 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-26 09:49
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
دورتمۇند 2 - 2 ئاگسۇنبۇرگ
2013-2014- يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 18 - ئايلانما مۇسابىقىسى 25 - چىسلا چۈشتىن كىيىن باشلاندى ، گىرمانىيە سېرىق ھەرە قوشۇنى - دورتمۇند كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ئاگسۇنبۇرگ كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 5 مىنۇت بولغاندا دورتمۇند توپچىسى بىندىر بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1 - 0 قىلدى ، كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ دورتمۇند توپچىسى بىندىر خائىن توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1 - 1 قىلدى ، 66 مىنۇت بولغاندا شاھىن ئىختىيارى توپتىن بىرنى ئۇرۇپ نەتىجە 2 - 1 بولدى ، 72 مىنۇت بولغاندا كورىيەلىك جىدوڭۋون بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2 - 2 قىلدى ... كىيىنكى مىنۇتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي دورتمۇند كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا تەڭلىشىپ قالدى ...
فىرۇنبۇرگ 3 - 2 لىۋىرىكسۇن
كۈچلۈك بولغان لىۋىرىكسۇن كوماندىسى مىھمان مەيداندا فىرۇنبۇرگ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 5 مىنۇت بولغاندا لاس.بىندىر بىر توپ ئۇرۇپ لىۋىرىكسۇن ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى ، كىيىنكى مىنۇتلاردا مۇسابىقە تىخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتتى تاكى 90 مىنۇت بولغىچە ھەر ئىككىلى كوماندا توپ ئۇرشۇپ نەتىجە 2 - 2 بولدى ، مۇسابىقە داۋاملىشىپ 90 مىنۇت بولغاندا فىرۇنبۇرگ توپچىسى بىر توپ ئۇرۇپ لىۋىرىكسۇن كوماندىسىنى بوغۇزلىۋەتتى ، بۇنىڭ بىلەن نەتىجە 3 - 2 بولۇپ فىرۇنبۇرگ غەلبە قىلدى ، لىۋىرىكسۇن مەغلۇب بولدى ...
ۋولسۇنبۇرگ 1 - 3 ھانۋېر96
ۋولسۇنبۇرگ (بۆرە قەلئەسى) كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا ھانۋېر96 كوماندىسىنى كۈتىۋالدى ، ۋولسۇنبۇرگ كوماندىسى قىشلىق يۆتكىلىشتە كوماندىغا داڭلىق توپچىلارنى ئەككىرگەن ئىدى ... بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ۋولسۇنبۇرگ كوماندىسى ئويلىمىغان يەردىن ھانۋېر96 كوماندىسىغا 1 - 3 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويدى ، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ھانۋېر96 كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى كۆرنەرلىك ياخشى بولدى ...
سىتۇگارت 1 - 2 مايىنىز
كۈچلۈك بولغان سىتۇگارت كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا مايىنىز كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، مۇسابىقە باشلىنىپ 11 مىنۇت بولغاندا سىتۇگارت بىر توپ ئۇردى ، 39 مىنۇت بولغاندا مايىنىز توپچىسى ئوكازاكى بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا ئاز قالغاندا يەنى 90 مىنۇت بولغاندا مايىنىز كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ مىھمان مەيداندا غەلبە قىلدى ...
نىرۇنبۇرگ 4 - 0 خوفىنھام
2013-2014- يىللىق گىرمانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە نىرۇنبۇرگ كوماندىسى 11 مەيدان تەڭلىشىپ 6 مەيدان ئۇتتۇرپ بىر مەيدانمۇ غەلبە قىلالماي ئالدىنقى پەسىللىك مۇسابىقە ئاياغلىشىپ كەتكەن ئىدى ، كىيىنكى پەسىللىك مۇسابىقە باشلىنىپ نىرۇنبۇرگ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا خوفىنھام كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ رەقىبنى يۇقىرى پەرىق بىلەن مەغلۇب قىلدى ۋە تۇنجى غەلبىنىڭ تەمىنى تىتىدى ...
مۇسابىقە فىلىمى تەھىرلىنىدۇ ...
|
|