akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 995|ئىنكاس: 26

ئىنگىلات بىرلەشمىسىدىكى كىشىنى ئۈمۈتسىزلەندۈرگەن 10 توپچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بېرنابۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-24 21:39  

ئىنگىلات بىرلەشمىسىدىكى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن 10 توپچى
بۇيىل ئىنگىلات بىرلەشمىسى باشلىنىپ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆرۈنۈشلەر مەيدانغا كەلدى ، بەزىلىرى كىشىنى بەك خۇشال قىلسا ، بەزىلىرى كىشى بەكلا ئۈمۈتسىز ئەھۋالدا قويدى ، شۇنداق ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدىن ئەنگىلىيىنىڭ «تەنتەربىيە 365» تورى ئىنگىلات بىرلەشمىسىنىڭ مۇشۇ پەسىل ئىچىدىكى كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن 10 توپچىسىنى تىزىپ چىققان .
ئەمسە بىز بۇ ئۈمۈتسىز توپچىلار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى ..

1.  ياپونىيىلىك ماھىر كاگاۋا ..
كاگاۋا گېرمانىيە دۇرتمۇنىد كوماندىسىدىن مانچىستىر بىرلەشمىسىگە قۇشۇلۇپ دەسلەپكى ئىپادىسى ، يەنى فۇرگۇسىننىڭ قولىدا خىلىلا ياخشى بولغان ، ئەپسۇس يىڭى ترېنېر مۇيىسنىڭ قۇلىغا كەلگەندە كوماندىدىكى ئورنىنى يوقۇتۇپ قويدى . ھازىر كاگاۋا يىڭى تېرىنىرنىڭ تازلاش تىزىملىكىدىكى توپچىلار قاتارىدا تۇرماقتا . بەلكىم ئەسلىدىكى ئائىلىسىگە قايتىشىمۇ مۇمكىن ..

2 . كىرىستىيان بىنتىك .
كىرىستىيان بىنتىك ھازىر ئاستۇنۋىللادا تۈزۈك ئورنىنى تاپالمايۋاتىدۇ ، بۇلتۇر 25 مىليونلۇق يۆتكۈلۈپ بىلەن كەلگەن بۇ بىلگىيىلىكنىڭ بويى ئېگىز 1.90 بولۇپ ھەركىتى ناھايىتى چاققان ئىدى ،بىراق ئۇ 14 مەيداندا 4 توپ ئۇرۇپ پۇلىغا چۇشلۇق ئىشى يوق بوپ قالدى ..

3. كورتىنخۇ .
كورتىنخۇ ئىنتىر مىلەندىن لىۋىرپۇلغا يۆتكىلىپ كىلىپ تا ھازىرغىچە تۈزەك بىر ئىپادىسىنى تاپالمىغان توپچى ، ئالدىنقى پەسىلدە 13مەيداندا 3 توپ ئۇرۇپ 5 ياردەمچى پاس بەرگە ، بۇيىل بولسا تېخىمۇ ناچار ، 59 قېتىم ۋارتاغا توپ تىپىپ 2 توپ ئۇرالىغان ، بۇ نەتىجە ئەلۋەتتە ترېنېر ھەم مەستانىلىرىنىڭ قاتتىق ئۈمۈتسىز ئەھۋالدا قويماقتا ،مۇشۇ ئىپادىسىدە ماڭسا 2014 بۇ بالىنى بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىغا كۆرەلىشىمىز 2 - مەسىلە بوپ قالىدۇ .  ھەنىم بولسا سۇيارىس بۇ يوچۇقنى زاماسكىلاپ چىقىپ كېتىپ باردۇ ..

4. كازۇلا .
بۇ پەسىل باشلىنىش ئالدىدىكى يازلىق يۆتكىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى ئۇزىلنىڭ ئارسىنالغا قۇشۇلىشى بىلەن كازۇلا كوماندىدىكى ئاساسلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قالدى ، ئۇنىڭ ھازىر بىردىن بىر تاللىشى زاپاس ئەزا بولۇش ..

5 .مانۇئېل لامىلا ..
پۇلى يۇقىرى بولۇپ كەتسىمۇ بىسىم بوپ قالىدىغان ئوخشايدۇ ، تۇتىنھام بىلنى ساتقاندىن كېيىن رىمدىن 30 مىليونلۇق يەنى فوندستېرلىڭ باھا بىلەن كەلگەن بۇ بالىنىڭ رىستىكى ھازىرقى كۈنلىرى تازا كۆڭىللىك ئەمەس ..

6. سوردادۇ .
بۇمۇ بۇئاسنىڭ قاتتىق ئىشىنىشى بىلەن 26 مىليۇن فوندستېرلىڭ بىلەن قۇشۇلغان ، بۇمۇ پۇلىغا چۈشلۈق ئىشى يۇق چىقىپ قالدى .

7. ئوسۋاردۇ ..
جەنۇبى ئەمپىتۇن (نەن ئەمپىتۇن ) غا قۇشۇلغان بۇ توپچى بورا ئۇۋىسىدىن چىقاندا ياخشى ئىدى ، ھازىرقى ئىپادىسى تازا كۆڭىلدىكىدەك ئەمەس ..

8. ۋولىفسىنكىل (范沃尔夫斯文克尔 Wolfswinkel) ئىسمى سەل ئۇزۇنكەن بۇ ئاداشنىڭ ..
بۇ گوللاندىيىلىكنىڭ چىرايىدىن كىچىك بالىدە تۇرغان بىلەن 25 نىڭ قارىسىنى ئالاي دېدى ، ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك ئەمەس ، نورۋىچ كۇلۇبى بەلكىم ئاللا بۇرۇن بۇنىڭدىن ئۈمىد ئۈزگەن بولىشى مۇمكىن ..

9. ئاشلى ۋىليامىس
سىۋانىس شەھرى كۇماندىسى ھازىر بىرلەشمىسىدە 15 ئورۇندا ، ئەسلىدىكى ئىنگىلات بىرلەشمىسىدىكى قىزىق نۇقتىلىق بۇ شەخىسنىڭ ھازىرقى ئىپادىسى كىشىلەرنى بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈردى ..

10. نولەن ..
غەربى ھام كۇلۇبىنىڭ بۇ كوماندا باشلىقىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بىراق بۇنىڭ ئەڭ زور كەمچىلىكى قىزىل كارتىغا ئامراق ، مۇشۇ تەرىپى كۆپ كىشىلەرنى بەكلا ئۈمۈتسىز قويماقتا ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-24 20:38:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى رەسىملەر چىقماپتۇ، يەنە بىر قانچە يەردە ئىملا خاتالىقى باركەن، دەرھال ئوڭشىۋېتىڭلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-24 20:42:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېلنى سېتىپ  كىرىم قىلغان پۇلغا ئالغان توپچىلىرى ئەسقاتماپتۇدە توتىنھامنىڭ ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-24 20:48:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توتتىنھامنىڭ يۇقىرى باھادا  قوشۇۋالغان توپچىلىرى  كۆڭۈلدىكىدەك چىقماي قالدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-24 21:18:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-24 21:23:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كازولانىڭ ئىپادىسىنى ياخشى دىگىلى بولمىسا ،ئۇنداقتا كىمنىڭ ئىپادىسىنى ياخشى دەيمىز ئارسىنالدا؟بۇنىڭ شۇنداق ئېچىلىپ ئويناۋاتقىنى كۆرىۋاتىمەنغۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-24 21:23:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كازولانىڭ ئىپادىسىنى ياخشى دىگىلى بولمىسا ،ئۇنداقتا كىمنىڭ ئىپادىسىنى ياخشى دەيمىز ئارسىنالدا؟بۇنىڭ شۇنداق ئېچىلىپ ئويناۋاتقىنى كۆرىۋاتىمەنغۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-24 21:24:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 21:18
ئۈزەڭ ئىجادى قىلىپ يازدىڭمۇ  يا بۇنى.......... تەرجىمە قىلى ...

زاپچاسلارنى ئەنگىلىيە 365 تەنتەربيە تورى تەمىنلىگەن ، تىڭشۇن تورىنىڭ ۋاكلەتچىلىكىدە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ، ئانچە مۇنچە ئىقتىدارلارنى قوشۇپ چىقىرىپ قويدۇم بۇنى ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-24 21:42:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eliborisi يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 21:24
زاپچاسلارنى ئەنگىلىيە 365 تەنتەربيە تورى تەمىنلىگەن ،  ...


ماۋۇ تېمىدىكى قىسمەن ئىملا خاتالىقىنى ئوڭشاپ قايتا يوللىغانلىقىڭىزدىن خوش بولدۇم، ئەمما بەزى رەسىملەر يەنىلا نورمال كۆرۈنمەيۋاتىدۇ، يالغۇز مېنىڭكىدىلا شۇنداق چىقىۋېلۋاتامدۇ بىلمىدىم، رەسىم يوللىغاندا ئىمكان بار كومپىيۇتېرغا ساقلىۋالغان رەسىملەردىن چىقارساق، بەزى تور بېكەتلەردىن رەسىم ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش ئارقىلىق چىقارغان رەسىم تازا ئىشەنچىلىك ئەمەس، ئاشۇ تور بەت رەسىمنى قاچان ئۆچۈرۋەتسە تېمىڭىزدىكى رەسىممۇ شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا يوقاپ كېتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-24 21:46:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لامىلا بىلەن كورتىنخو ياش ،شۇڭا بۇلاردىن ئۈمىد ئۈزمەسلىك كېرەك،كازولانىڭ شەخسىي تېخنىكىسى ياخشى .ئەڭ مۇھىم ئادەم قىپ قاپتۇ،ئۆزىل. ئارسىنال ھازىر بۇنى سىتىۋالغانغا پۇشايمان قىپتىغۇ،تۈنۈگۈن خەۋەردىن كۆرگەنىدىم،مەن ئەزەلدىن بۇ بالىنىڭ تىخنىكىسىدىن گۇمانلىنىپ كەلگەن،پۇت ئاستى تىخنىكىسى ياخشى ئەمەس،ھەم چەپدەس ئەمەس،ۋىلشىر ،كازولا ئۆزىلدىن مىڭ ياخشى ،ئۆزىل 45مىليون بولغان يەردە،ۋېلشىر 70مىليونغا يارىشى كېرەك،بۇ مىنىڭ شەخسىي قارىشىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-24 21:47:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرنابۇ يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 21:42
ماۋۇ تېمىدىكى قىسمەن ئىملا خاتالىقىنى ئوڭشاپ قايتا ي ...

رەسىمنى كومپىيۇتىرغا ساقلاپ يوللىغان ئىدىم بىراق چىقماي قويدى ، يا مەن قاملاشتۇرالىمىدىممۇ ، بىراق مىنىڭكىدە رەسىملەر ئىنىق چىقىۋاتىدۇ .. تىمىنى قايتا قايتا تەھرىرلەۋەرسەم بولامدۇ ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-24 21:57:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 22:17

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش