- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7997
- نادىر
- 19
- يازما
- 7997
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-24 20:08
چېلسى ھوجۇمچىسى ماتانىڭ مانچېستىر بىرلەشمىسىگە كېلىشى بۇ بىر ياخشى خەۋەر ! بىراق بۇ ماتانىڭ ئۆزى يالغۇز مانچېستىرنىڭ ھازىرقى ناچار نەتىجىسىنى بىراقلا ئوڭشاشتىن دېرەك بەرمەيدۇ .ئەنگلىيە « قۇياش گېزىتى » نىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشچە ،كوماندىدىكى مېكسىكىلىق داڭلىق ھۇجۇمچى « كىچىك پۇرچاق » ئىرنەندىس ئۇدا زاپاس ئولتۇرۇشتىن قاتتىق زېرىككەن .ھەمدە قىشلىق توپچى يۆتكەش بازىرىدا كوماندىدىن رەسمىي ئايرىلىش قارارىغا كەلگەن .
ئەگەر ۋان پېرسى بىلەن رۇنىنىڭ سالامەتلىك جەھەتتىكى ئىشلاردا باشقىچە ئۆزگىرىش بولماي داۋاملىق ياخشى ھالىتىنى ساقلاپ كەلسە ئىرنەندىسنىڭ ئايرىلىش قەدىمى تېخىمۇ تېز بۇلىدىكەن .يۇقۇردىكى ئىككىسىدىن باشقا ، كۆز ئالدىدا يەنە بىر ھۇجۇمچى ۋېلبېكنىڭ ئوخشاشلا ئاساسلىق ئەزا قاتارىدا مەيدانغا چىقىۋاتقانلىقىدىن ئىرنەندىسنىڭ قاتتىق سەپرايى ئۆرلىگەن .ئەڭ قىزىقارلىقى شۇكى : يېقىنقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ئىرنەندىس توپ ئۇردى .بىراق يەنىلا زاپاس ! بۇ ئېنىقلا ئىرنەندىسنى زاڭلىق قىلغانلىق بولماي نېمە ؟ مەيدانغا چىقىشتا ۋېلبېكنىڭ كەينىدە ،ئۆزىگە بېرىلگەن قىسقىغىنا ۋاقىتتا توپ ئۇرۇدىغىنى ئىرنەندىس ......
كىچىك پۇرچاق بۇ پەسىل مانچېستىر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن جەمئىي 35 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان .ئاساسلىق بولۇپ مەيدانغا چىققان قېتىم سانى پەقەت 10 ،ئىگىلىنىشچە ،ئىرنەندىسنىڭ يەنە ئىككى يېرىم يىللىق توختامى بولۇپ ، باھاسى 15 مىليون فوند سىتىرلىڭ ئەتىراپىدا ئىكەن .تېرىنىر مۇيىس كوماندىدىكى توپچىلارنى جايىدا ئىشلىتەلمەيۋاتمدۇ ؟ ياكى زادى قايسى سەپ شەكلىنى ئىشلەتسە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلمەي گاڭگىراپ قېلىۋاتامدۇ ؟ مانچېستىر بىرلەشمىسىنى تەرتىپكە سېلىش بەك ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ كېتەمدۇ ؟ مۇنبەردىكى مانچېستىر مەستانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوستلارنىڭ ئەستايىدىل تەھلىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
توپ تەپكۈچى
|
|