ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 5399 |
تۆھپىسى: سەر |
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بايرېن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-23 11:34
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ...
پارىژ سانت گىرمان 1 - 2 مۇپتىلىر
2013 - 2014 - يىللىق فىرانسىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ داۋامى 22 - چىسلا كەچ باشلاندى . فىرانسىيە بىرلەشمىسىدە ئىپادىسى ياخشى كىتىپ بارغان كۈچلۈك پارىژ كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا مۇپتىلىر كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ... مۇسابىقە باشلىنىپ 20 مىنۇت بولغاندا مۇپتىلىر بىر توپ ئۇردى ، 30 مىنۇت بولغاندا كاۋانى نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى ، كىيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ 69 مىنۇت بولغاندا مۇپتىلىر بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 1 - 2 قىلدى ، كىيىنكى مىنۇتلاردا نەتىجە ئۆزگەرمەي پارىژ سانت گىرمان كوماندىسى بۈتۈردىكى مۇسابىقىدە شاللىنىپ كەتتى ... مۇپتىلىر كوماندىسى ئوڭۇشلۇق 16 كۈچلۈككە كىرىپ كەتتى ...
بىنولەس 0 - 3 موناگو
فىرانسىيە بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈك بولغان موناگو كوماندىسى مىھمان مەيداندا بىنولەس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە داڭلىق ھۇجۇمچى فاركاۋ بىر توپ ئۇردى ، كىيىنكى مەيدان موناگو كوماندىسى ئىككى توپ ئۇرۇپ مىھمان مەيداندا 0 - 3 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلىپ ئوڭۇشلۇق 16 كۈچلۈككە كىرىپ كەتتى ...
مۇشۇ تۈردىكى قالغان مۇسابىقىلەرنىڭ نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە :
كىلوۋ 0 - 3 لىر
مارسىل 4 - 5 نىس
لىرلۇس 0 - 0 پوردو ( نوقتا توپ 4 - 3 )
يىزىر 1 - 3 لىئون
مۇلان 2 - 1 تولىس
|
|