- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8184
- نادىر
- 16
- يازما
- 8184
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-22 23:11
بوشلۇقتا كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ كەينىچە توپ تېپىش توغۇرىسىدىكى پاراڭلار ............
مۇنبەردىكىلەرنىڭ ئېسىدە بۇلۇشى مۇمكىن ! 9 كۈننىڭ ئالدىدا خان مادرىد 1 : 0 ئىسپانىيەلىكلەرنى يەڭگەن مۇسابىقە جەريانىدا رونالدو قارشى تەرەپكە 10 نەچچە قېتىم توپ تېپىپ ھوسۇل ئالالمىغان .شۇ مۇسابىقىدە توپ يەتكۈزۈش جەھەتتىمۇ بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلغان ئىدى .شۇ چاغ دەل « ئالتۇن توپ » تارقىتىشقا بىر كۈن قالغان ۋاقىت .بۇ رونالدوغا نىسبەتەن جىددى كەيپىيات .توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ .شۇ مۇسابىقىدە رونالدو چەكلەنگەن رايون ئىچىدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ كەينىچە توپ تەپمەكچى بولۇپ ،بۇ ھەرىكەت مەغلۇپ بولغان .ئەمدى بۈگۈن سەھەردىكى مۇسابىقىدمۇ رونالدو شۇنداق ھەرىكەتتىن يەنە بىرنى ئىشلەپ ئوخشاشلا قاملاشمىدى .
رونالدو يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان مۇشۇنداق توپ تېپىشكە قاتتىق ئىنتىلىۋاتىدۇ .ھەر پەسىلدە بىر نەچچە قېتىم بۇ ھەرىكەتنى ئىشلەيدۇ .كىشىلەرگە مەلۇم .باشقىسىنى قۇيۇپ تۇرايلى .رونالدو پۇتىنىڭ كەينىدە ،مەيدىسىدە ،قۇرسىقىدا ،مۈرىسىدە دىگەندەك ھەر خىل شەكىلدە توپ ئۇرۇپ باققان .ھەتتا دۈمبىسدە توپ يەتكۈزگەن ۋاقىتلىرىمۇ بار .( قول توپ ئۇرۇپ باقمىدى ) كەسپىي ھاياتىدا ھازىرغا قەدەر كىرگۈزگەن 400 نەچچە توپىنىڭ ئىچىدە قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى توپلىرى خېلى كۆپ .ئۇنداقتا رونالدونىڭ بوشلۇقتا كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ كىرگۈزگەن توپى بارمۇ ؟ ئېھتىمال بۇنى نۇرغۇن مەستانىلەر بىلمەسلىكى مۇمكىن ! بار .ئېسىمدە قېلىشىچە نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا پورتۇگالىيە كوماندىسدا شۇنداق توپتىن بىرنى ئۇرغان .ھەرىكەت چىرايلىق چىققان .بىراق ئوفسايىت قىلىۋېتىلگەن .
كەينىچە توپ تېپىپ كىرگۈزۈش بۇ ئاسان ئىش ئەمەس .مېسسىمۇ بۇنىڭدىن يىراق .ئېنگىلادتا رۇنىنىڭ بۇ جەھەتتە نامى بار .ئەينى چاغدا رونالدىنخومۇ بارسېلونادا تەپكەن .ئالدىنقى يىلى ئىبرايىموۋىچ بۇ ۋەزىپىنى تاماملاپ « پوسكاش مۇكاپاتى » غا ئېرىشتى .بىر ئىشنى تەكىتلەش مۇھىم .يەنى داڭدار ھۇجۇمچىلارنىڭ بەزىلىرى پۈتۈن كەسپىي ھاياتىدا بىر قېتتىمۇ شۇنداق توپ تېپەلمەي چېكىنىپ چىقىدۇ .بۇنداق مىسال كۆپ ! ھازىر شۇنداق ھەرىكەتنى ئەڭ قاملاشتۇرۇپ ئىشلەيدىغان توپچىنى بىلەمسىز ؟ بۇ ھەقتە مەن ھىچقانداق خەۋەر ئۇچىراتمىدىم .ئەمما مىنىڭ قارىشىمدا ئىتالىيەنىڭ رىم كوماندىسدا توپ تەپكەن ئوسۋالدو ( ھازىر جەنۇبىي ئامپىتوندا ) ئىتالىيە بىرلەشمىسى دائىم كۆرۈپ تۇرۇۋاتقانلار بىلىدۇ .مۇشۇ توپچى دەسلەپتە ئىسپانىيەلىكلەردە توپ تەپكەندە شۇنداق توپتىن بىرنى ئۇرغان .كېيىن رىمدا ئالدىنقى يىلى ئۆلچەملىك ھەرىكەتتىن جەمىي بەش قېتىمدەك ئىشلەپ بۇنىڭ ئۈچى كىرگەن .بىراق بىرسىنى خاتا ھالدا ئوفسايىت قىلىۋەتتى .توپ ناھايىتى بېسىملىق كىرگەن .بۇ توغۇرسدىمۇ نۇرغۇن ئەيىبلەش خەۋىرى چىقىپ كەتكەن .
ئېھتىمال كۆپچىلىك ، قانداق تەپسە تەپمەمدۇ ..بۇنىڭ ھاجتى يوق دىيىشى مۇمكىن ! بۇمۇ پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ جەلىپكار توپ ئۇرۇش تۈرىنىڭ بىرسى ...ئەگەر قاملاشمىسا دەرھال نەق مەيداندا كۈلكە پەيدا قىلىدۇ .بۇنداق توپنى تېپىش ئۈچۈن ئىشەنچ ۋە جۈرئەت لازىم . يىغىنچاقلىغاندا : كەينىچىلەپ توپ تېپىش ماھارىتى قالتىس « ئەڭ » توپچى بولسا پارمادىكى ئاسپىرىللا ( چېكىندى .بۇ جەھەتتىكى ئەسلىمە خاراكتىلىك پاراڭ يېقىندا مۇنبەرداشلارنىڭ ھوزۇرىدا بۇلىدۇ ) تۆۋەندىكى رەسىم .ئوسۋالدو ۋە ئاسپىرىللا .ئەسكەرتىش : تېما پۈتۈنلەي ئۆزەمنىڭ كۆز -قارىشى ئاساسىدا يېزىلدى .توغرا چۈشەنگەيسىلەر ....
توپ تەپكۈچى
|
|