ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2048 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ئىتالىيەلىك داڭلىق رىياسەتچى ،يۆتكىلىش مۇتەخسىسى دىمارزىئونىڭ ئاشكارىلىشىچە گواڭجۇ خىڭدا كوماندىسى سابىق ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى ئەزاسى دىيامانتى بىلەن ئالاقىلەشكەن بولۇپ،ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن 4 يىللىق توختام تۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
30 ياشقا كىرىپ قالغان دىيامانتى ھازىر ئىتالىيەنىڭ بولوگىنا كولۇبىدا توپ تىپىدۇ،ئالدى بەل ئوينايدىغان بۇ توپچى بۇ پەسىل باشلىنىپ ھازىرغىچە 17 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 4 توپ كىرگۈزۈپ،5 قېتىم ياردەمچى پاس بەرگەن ،بولوگىنا كوماندىسىنىڭ ھوجۇم سېپىدىكى يادرولۇق ئەزا ھىساپلىنىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئا س مىلەن قاتارلىق ئىتالىيە كولۇپلىرىمۇ ئۇنى سېتىۋېلىشنى خاالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ ،ئەمدى بۇ سەپكە خىڭدا كولۇبىمۇ قوشۇلغان.
دىمارزىئونىڭ ئېيتىشىچە ،خىڭدا باش تىرنىرى لىپى بىۋاستە تىلفۇن ئارقىلىق دىيامانتى بىلەن ئالاقىلەشكەن،خىڭدا كولۇبى 21-چىسلا تۇنجى قېتىم بولوگىنا كولۇبى بىلەن دىيامانتىنىڭ يۆتكىلىش ئىشى توغرىلىق سۆھبەتلەشكەن.بولوگىنا كولۇبىنىڭ دىيامانتىغا قويغان باھاسى 10 مىلىيون ياۋرۇ بولۇپ ،ئۇلار بۇ پۇلنى بىر قېتىمدىلا بىرىشنى تەلەپ قىلغان.دىمارىزو خىڭدانىڭ قويغان باھاسىنى ئاشكارىلىمىغان،پەقەت خىڭدانىڭ بۇ توپچىنى 4 يىللىق توختام بىلەن سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
دىمارىزو:دىيامانتىنىڭ كەلگۈسى جوڭگۇدا بولۇشى مومكىن. |
|