ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2049 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
‹مىيونخىن كۈندىلىك گىزىتى›خەۋەر قىلىشىچە ،بايرىن كولۇبى ھازىر رەسمى ئارىيان پۇتبول مەيدانىنى كىڭەيتىپ قۇرۇش پىلانىنى تۈزىۋاتقان بولۇپ،كىڭەيتىپ قۇرۇلغاندىن كىيىنكى ئارىيان پۇتبول مەيدانىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 75 مىڭ ئادەم سىغىدىكەن.
رومىنىگ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا بۇ پىلاننىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن،رومىنىىگ: ھەقىقەتەن بىز موشۇنداق پىلان تۈزدۇق،بىز يېقىندا مىيوننخىن شەھەرلىك ھۆكىمەت ۋە موناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىمىز،ئارىيان توپ مەيدانىنىڭ كۆلىمىنى كىچىك كۆلەملىك چوڭايتىمىز.
‹مىيونخىن كۈندىلىك گىزىتى› خەۋىرىگە قارىغاندا ،ئارىيان پۇتبول مەيدانىنىڭ ھازىرقى سىغىمى 71137 كىشىلىك بولۇپ،بۇ قېتىم 4000 كىشىلىك ئورۇن كىڭەيتىپ ياسىلىدىكەن،بۇنىڭ ئىچىدە 2000 كىشىلىك ئورۇندۇق،ھەمدە جەنۇبى كۆرۆش سۇپىسىغا 2000 كىشىلىك تۇرۇش ئورنى ياسىلىدىكەن،شۇ بويىچە بولغاندا ئارىيان پۇتبول مەيدانى جەمئىي 75 مىڭ كىشىنى سىغدۇرالايدىكەن.
بايرىننىڭ بۇ قېتىمقى مەيدان كىڭەيتىشتىكى يەنە بىر مەقسىدى بولسا 2020-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ كىچىك گورۇپپا مۇسابىقىسى ھەمدە 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئۆتۆۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئۆلچىمىدە ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان مەيدان چوقوم 70 مىڭدىن يۇقىرى تاماششىبىننى سىغدۇرالىشى كىرەك بولۇپ،بۇ ئۆلچەم تۇرۇش ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ،بۇ بويىچە بولغاندا ئارىيان پۇتبول مەيدانىنىڭ ئۆلچەمگە يىتىشى ئۈچۈن 2000 كىشىلىك كەم ئىدى،ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم كىڭەيتىپ ياسايدىغان 2000 كىشىلىك ئورۇن دەل كەم قالغان ئورۇننى تولدۇرۇىدۇ. |
|