akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 640|ئىنكاس: 11

دېل پېرو تايلانتقا بېرىشى مۇمكىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
4610b912c8fcc3ced66a4c709245d688d53f8794a5c208f6.jpg

   ئىنگىلاند « مۇستەقىللىق گىزىتى » 1-ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى  خەۋىرى:
   
   ئىلگىرىكى ئىتالىيە يوۋىنتىس كۇلۇبىنىڭ رىۋايەتلىك توپچىسى، نۆۋەتتە ئاۋىستىرالىيە سېدنى  FC كۇلىبىدا توپ تىپىۋاتقان دېل پېرو تايلانت ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى رايوڭ پۇتبول كۇلۇبىغا قۇشۇلىشى مۇمكىنكەن.

   بۇ يىل 39 ياشقا كىرگەن دېل پېرو كەسپى ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان شان شەرەپلەرگە ئىرىشكەن. 8 قېتىم ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى، 1قېتىم ئىتالىيە ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى چىمپىيونى (2006-2007)، 4 قېتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چەمپىيونى،  1 قېتىم ياۋرۇپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى چىمپىيونى(1995-1996)،  1  قېتىم دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى چىمپىيونى(1996)، 1 قېتىم ياۋرۇپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى(1996)، 1 قېتىم ياۋرۇپا  قېتىم دونيا لوڭقىسى ( 2006-يىلى ) چىمپىيونى شەرىپىگە ئىرىشكەن.  دېل پېرونىڭ يېشى گەرچە چوڭىيىپ بېرىۋاتقان بولسىمۇ تېخى چىكىنىشنى ئويلاشمىغان.

  شەرقى جەنۇبى ئاسىيا تەرەپتىن كەلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا رايوڭ PPT پۇتبول كۇلۇبىنىڭ رەئىسى ئالماشقان. نۆۋەتتە تايلانتتىكى ئەڭ باي شىركەتنىڭ كونتىروللىقىغا ئۆتكەن. ئۇلارنىڭ دېل پېرودەك شان شۆھرەتلىك توپچىنى سېتىۋېلىشقا قۇربىتى يىتىدۇ. رايوڭ PPT پۇتبول كۇلۇبىنىڭ لېدىرى پېتىر ئىلگىرى ئىنگىلاند نىۋكاستىل كۇلۇبىدا توپ تەپكەن. ئۇ مۇخپىرلارغا دېل پېرو بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دىگەن : دېل پېرو؟ سىلەر راستىنلا مۇشۇ مەسىلىنى مەن بىلەن مۇلاھىزە قىلماقچىمۇ ؟ ئۇنداقتا ئاڭلاپ تۇرۇڭلار، ھازىر مىنىڭ بۇ دوستۇم سېدنىدا، سىلەر سېدنى FC كۇلۇبىنى بىلەمسىلەر؟ مىنىڭ دوستۇم ئۇ جايدا توپ تىپىدۇ. توختامغا قول قۇيۇش قويماسلىقنى دېل پېرو بەلگىلەيدۇ. ئەگەر ئىمزا قويسا، ئۇ بۇ يەرگە كىلىدۇ. ئىمزا قويمىسا، داۋاملىق سېدنىدا قالىدۇ. ئىش مانا مۇشۇنداق!

   رايوڭ PPT پۇتبول كۇلۇبى نۆۋەتتە تايلاند ئا دەرىجىلىكەر بىرلەشمىسىدە 3- ئۇرۇندا بۇلۇپ، شۇنداقلا تايلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىگە چىقىش پۇرسىتىغا ئىرىشكەن. شۇڭا ئۇلار توپچى كىرگۈزۈش ئارقىلىق كوماندىنىڭ ئەمەلى كۈچىنى ئاشۇرماقچى بولغان. تايلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى مۇئاڭ تۇڭ پۇتبول كۇلۇبى يېقىندا جاي بوسرويدنى كوماندىغا قېتىۋالغان. رايوڭ PPT پۇتبول كۇلۇبى دېل پېرونى كوماندىغا قېتىۋېلىش ئارقىلىق كەلگۈسى رەقىبىگە تاقابىل تۇرماقچى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىلگىركى ئارسىنال ھۇجۇمچىسى  جاي سېمپىسۇن، لېۋىرپول توپچىسى روبى فولېر قاتارلىقلارمۇ باشقا كۇلۇپلارغا قېتىلغان.

   رايوڭ PPT پۇتبول كۇلۇبىنىڭ دېل پېرونى يۆتكەن خەۋىرى چىقىشى بىلەن سېدنى تەرەپ بۇ خەۋەرنى رەت قىلغان. كۇلۇپ رەئىسى تونى گەرچە  رايوڭ PPT پۇتبول كۇلۇبىنىڭ دېل پېرونىڭ ئاكىسى ۋە ۋاكالەتچىسى بىلەن بىرازىلىيەدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ ئۈزىنىڭ دېل پېرونى قولدىن بىرىپ قويمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-21 23:56:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇ  تاپقىلى   كەپتۇدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-22 00:08:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە بوپتۇ. تايلاتنىڭ گۇمپىلردىنمۇ ئۈگنىپ قۇيارسەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-22 00:13:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالتۇن كان قازغىلى ماڭدىمۇ يا پىل چىشىغىمۇ؟
777
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-22 00:16:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىرىمايدىغان تاغىل شاھىزادە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-22 00:35:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ياختۇردىغان توپچى بۇ .   لىكىن يۇۋېنتۇس سەل يۈزسىزلىك قىلىپ قالدى بۇنىڭغا .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-22 01:25:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگۇغىلا كەلمەي پۇل ئاسان تاپىتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-22 02:33:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىندىستان بىلەن جۇڭگوغا تايلاندتىكى تاپاۋەتنى تۈگەتكەندە كەلسەڭمۇ چېنىپ قالماسلىقىڭ مۇمكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-22 02:37:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى يۇۋىنتىس بىرەر يىل ئوينۇتۇپ ئاندىن خوشلىشىش مۇراسىمۇ ئۆتكۈزۇپ بەرگەن بولسا ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-22 13:23:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كورىيەگە باسابولا ،ھىلقى    قىرى توپچى با؟؟؟؟؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-22 13:33:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىرە يىل يۇۋىنتۇستا ئوينىسابۇلاتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-22 13:37:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرماس   ئاداش  كەن   بۇ   يەنلا   چېپېپ   يۇرۇپيتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-3 15:45

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش