- تىزىملاتقان
- 2007-5-2
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3412
- نادىر
- 0
- يازما
- 3412
|
شىنجاڭلىق توپچى دىلمۇرات ئومانغا بېرىپ توپ ئوينايدۇ، بۇ جۇڭگو پۇتبولچىسىنىڭ تۇنجى قېتىم غەربىي ئاسىياغا بېرىپ توپ ئوينىشى ھېسابلىنىدۇ، دىلمۇرات ئومان بىرلەشمىسىدىكى ئورۇبا كۇلۇبىغا قوشۇلغان.
ھۇجۇمچى دىلمۇرات شىنجاڭ سوڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ ئىلگىرى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيىسى كوماندىسىدا توپ ئوينىغان . 2003- يىلى سۇڭ چىڭلىڭ فوندى جەمئىيىتى شىنجاڭ بويىچە ئەڭ ياخشى پۇتبول مەكتىپى بولغان سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپىنى قۇرغان، خاڭجۇ يېشىل شەھەر كوماندىسىدا توپ ئوينىغان بارى دەل سۇڭ چىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى تەربىيىلەپ چىققان توپچى ھېسابلىنىدۇ.
2009-يىللىق مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن كېيىن، دىلمۇرات لىياۋنىڭ شەرقىي شىمال يولۋىسى كوماندىسىغا قوشۇلغان. 2011-يىلى ئۇ يەھيا، ئابدۇۋەلى بىلەن بىرگە چېڭدۇ شېفىليەن كوماندىسىغا قوشۇلغان. كېيىن ئۇلار يەنە شېنجىن كوماندىسى بىلەن ئۈچ يىل توختاملاشقان، ھەم جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ماھىرى بولغان، ئۇ مەشقاۋۇل تېرۇسىئېنىڭ قول ئاستىدا 17 قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇرستىگە ئېرىشكەن، دىلمۇراتنىڭ بوي ئېگىزلىكى 180 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 73 كىلوگرام. ئوماندىكى ئورۇبا كوماندىسى ئومان برلەشمىسىدىكى 44 يىللىق تارىخقا ئىگە كۈچلۈك كوماندا، بۇ كوماندا 1970-يىلى قۇرۇلغان، تۆت قېتىم ئومان بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغۇنى بولغان.
مەنبە: http://www.nur.cn/news/2014/01/152551.shtml |
|