- تىزىملاتقان
- 2007-5-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1398
- نادىر
- 1
- يازما
- 1398
|
2012-يىلى يازلىق بازارنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ بىرىدە مادىرىد يۇقىرى قاتلىمى بىلەن ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى توتىنھام رېس كۇلۇبى يۇقىرى قاتلىمى ئوتتۇرسىدا جىددى سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ تىرىشىشى ئاستىدا يەنى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى مۇھىم بىر يۆتكىلىش روياپقا چىقتى.
ئىسپانىيە خانلىق مادىرىد كۇلۇبى ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى توتىنھام رېس كۇلۇبىنىڭ كىرودىيەلىك ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى لوكا مۇدىرىچنى 35مىليۇن ياۋرۇ باھا بىلەن كوماندىغا قېتىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى.
مودىرىچ مادىرىدقا قېتىلغان دەسلەپكى مەزگىلدە ئالونسۇ، سەمى ھېدىرانىڭ تۇراقلىق ئىپادىسى سەۋەپلىك مەيدانغا چىقىش پۇرسىتى ئانچە كۆپ بولمىدى. دەسلەپكى مەزگىلدە مۇدىرىچ تاراتقۇلارنىڭ تىمىسىغا ئايلىنىپ قالغان بۇلۇپ،ئۇنى مادرىدنىڭ مەغلۇپ بولغان سۇدىسى دەپ قاراشتى. ئەمما، تەلۋە تىرنىر مورىنىيۇ مۇدىرىچقا قاتتىق ئىشەنىچ قىلغاچقا بارا-بارا ئۇنىڭ مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىنى كۆپەيتىپ بەردى. كوماندا مۇھىتىغا ماسلىشالماسلىق، تاكتىكىغا كۈنەلمەسلىك قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلى ئىپادىسى تازا كۈرىنەرلىك بولماي كەلدى. بىراق مورىنىيۇ ئىزچىل مۇدىرىچقا بولغان ئىشەنچىسىنى يۇقاتمىدى. 2012-2013-يىلىدىكى ئۇزغۇنلۇق 16 كۈچلۈككە كىرىش باسقۇچىدا مانچىستىر بىرلەشمىسى مەيدانىدا ئۈزىنىڭ ھەقىقى تالانتىنى نامايەن قىلىپ مادىرىد كوماندىسىغا ئىشەنىچ ئاتا قىلدى.
مودىرىچ بارا-بارا پىشىپ يىتىلدى. تېرنىر ئەنچىلودى مۇدىرىچنىڭ خانلىق مادىرىد كۇلۇبىنىڭ غەلبە قىلىش يۇلىدىكى ھالقىلىق رۇلىنى تەكىتلەپ مۇنداق دىدى: بىز كۆپ پۇرسەتلەرگە ئىرىشتۇق، ئوتتۇرا مەيدان توپچىلىرىمىزنىڭ كوماندىغا بولغان رۇلى ئىنتايىن چوڭ بۇلىۋاتىدۇ. بۇلۇپمۇ، مۇدىرىچ! ئۇنىڭ قالتىس ئىپادىسى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.
خانلىق مادىرىد يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرمۇ مۇدىرىچقا يۇقىرى باھا بىرىپ مۇنداق دىگەن: مۇدىرىچنىڭ سەۋىيىسى يۇقىرى باسقۇچتا تۇرماقتا، ئەگەردە كوماندىدىكى رونالدونى تاشقى پىلانىت ئادىمىگە ئوخشاتساق، ئۇنداقتا مۇدىرىچ مادىرىد كوماندىسىدىكى ئەڭ قالتىس يەر شارى توپچىسى ھىساپلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بىز 35 مىليۇن ياۋرۇغا مۇدىرىچنى سېتىۋالغان، بىراق ككپ قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلىنىپ ئۇنى بۇ پۇلغا يارىمايدۇ دەپ قاراشقان. ۋاقىت ھەممىنى ئىسپاتلىدى.
مۇدىرىچنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسى ئىنتايىن قالتىس بۇلۇپ، تەشكىللەش، توپنى ئۈزىۋېلىش، مۇداپىئە، توپ كونتىرول قىلىشقا تۇلىمۇ ماھىر، شۇنداقلا تىزلا ھۇجۇمغا ماسلىشالايدۇ. كىسىپ ئېيتىشقا بۇلىدۇكى ئۇ ئالونسونىڭ ئەڭ قابىل ھەمكارلاشقۇچىسى. بۇگۈنكى مۇدىرىچ كۆپ ئىقتىدارلىق توپچى، ئۇنىڭ خانلىق مادىرىد كوماندىسىدىكى رۇلى بارغانسىرى يۇقىرى كۈتۈرلىۋاتىدۇ.
خانلىق مادىرىد خانلىق بېنتىس بىلەن بولغان مۇسابىقىدىن كىيىن مۇدىرىچ تاراتقۇلارنىڭ تۇلۇق 10 نۇمۇربىرىشىگە ئىرىشىكەن. تاراتقۇلار ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي« مۇدىرىچ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئەڭ قالتىس ماھىر، ئۇ مەيداننىڭ ھەممە جايىدا توختىماستىن چېپىپ، مەيلى ھۇجۇم تەشكىللەش ۋە ياكى مۇداپىئەدە بولسۇن قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلدى. ئۇنىڭ ئىپادىسى ئەڭ قالتىس » دەپ ماختاپ كەتكەن. بېنزىما ئۇرغان توپنى دەل مۇدىرىچ قارشى تەرەپنىڭ ئۈچ ماھىرىنى ئۈزىگە قارىتىپ بۇلۇپ بېنزىماغا بەرگەن. ئىپادىسى ھەقىقەتەنمۇ قالتىس بولغان.
فىلەش:
|
|