- تىزىملاتقان
- 2013-8-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 83
- نادىر
- 0
- يازما
- 83
|
خاۋىنىڭ بارسېلونادىكى سانلىق مەلۇماتلىرى
گەرچە مېسسى خېتافىي بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئىككى توپ كىرگۈزگەن، ھەم ئىككىنجى توپى بەك چىرايلىق چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن مۇسابىقىدىن كېيىن بارسېلونا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ باش رولچىسى مېسسى ئەمەس بەلكى خاۋى بولدى. كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە سەبداشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خاۋى بىلەن سۈرەتكە چۈشىۋالغۇسى بار ئىدى. بارتىلا، پىنتو يەنە مېسسى قاتارلىقلار ھەممىسى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ كامىرانىڭ ئالدىدا گۈزەل، ئەھمىيەتلىك پەيتلەرنىڭ خاتىرىسىنى قالدۇردى. بۇ قېتىم گەرچە خاۋى كېيىن ئالمىشىپ مەيدانغا چىققان بولسىمۇ، لېكىن داۋاملىق تۈردە ئۆزىنىڭ رىۋايىتىنى يازدى: بۇ ئۇنىڭ 700-قېتىم بارسېلوناغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقىشى بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزى ياراتقان بارسېلونا توپچىلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىقىش رېكورتىنى يېڭىلاپ ماڭدى.
بىرىنجى ئايلانمىدا رەقىبىنى 4:0 قىرغىن قىلغاندىن كېيىن، ئىككىنجى ئايلانما مۇسابىقە بارسېلونا ئۈچۈن مۇنداقلا ئويناپ قويسىمۇ بولاتتى، لېكىن ماردىنو تەۋەككۈل قىلالمىدى، ئۇ ئارۋىس، فابرىگاس، مېسسى ۋە نېيمار قاتارلىق يادرولۇق توپچىلىرىنى مەيدانغا چىقاردى. لېكىن مەستانىلەر ئەڭ تەقەززا بولغان خاۋىنى بولسا زاپاس ئەزا قىلىپ قويدى. مېسسى ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 1:0 قىلدى، بۇنداق ئەھۋالدا، كېيىنكى يېرىم مەيداندا مەستانىلەرنىڭ بىردىنبىر قىزىقىدىغىنى خاۋىنىڭ مەيدانغا چىقىش-چىقماسلىقى ئىدى. ئەگەر خاۋى مەيدانغا چىقسا ئۆزىنىڭ بارسېلونادىكى مەيدانغا چىقىش سانى 700 گە يېتەتتى.
مېسسى ئىككىنجى توپىنى كىرگۈزۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي خاۋى ئاخىرى مەيدانغا چىقتى، ئۇ مۇسابىقىنىڭ 70-مىنۇتى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن رىۋايەت تۈسىنى ئالغان بىر رېكورد بارلىققا كەلدى: خاۋى 7000-قېتىم بارسېلوناغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقتى. بۇ ھەم بارسېلونا تارىخىدا بىرىنجى قېتىم بىر توپچىنىڭ 700 مەيدان توپ تېپىشى ئىدى. خاۋى تۇنجى قېتىم 1998-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى بارسېلوناغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىققان ئىدى، ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسىنىڭ مالوركا بىلەن بولغان مۇسابىقىسىدە ۋانجال خاۋىغا تۇنجى قېتىم بارسېلونا بىرىنجى سەپ كوماندىسى ئۈچۈن مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىنى بەردى، خاۋى تۇنجى مەيدانغا چىقىپلا تېخى توپمۇ كىرگۈزدى. شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى مېھمان مەيداندا ۋالۇنسىيە بىلەن مۇسابىقە ئوينىغاندا خاۋى تۇنجى قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە مەيدانغا چىقتى.
شۇنىڭدىن كېيىن خاۋى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەپ، ئاخىرى بارسېلونانىڭ بىر ئەۋلاد رىۋايەتلىك شەخىسىگە ئايلاندى. ئۇ كەسپى ھاياتىنى دەسلەپكى چاغلىرىدا ئا س مىلەننىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان، لېكىن بارسېلونادىكى كۈنلىرىمۇ ئۇنچە ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتمىگەن. دەسلەپتە ئورنى مۇقىم بولمىغان، خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئۇ گۇئاردىئولانىڭ سايىسىدا كۆمۈلۈپ قالغان، ئۇندىن باشقا تىزى ئېغىر يارىلانغان، ئەمما خاۋى بۇ قېيىنچىلىقلارنى بويسۇندۇردى. رېجىكارد، گۇئاردىئولا ۋە بىلانوۋانىڭ قولىدا ئۇ ھەمىشە كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسلىق ئەزابولدى. ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىدىمۇ ئىككى ياۋروپا لوڭقىسى ۋە بىر دۇنيا لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى.
خاۋىنىڭ 700 مەيدان مۇسابىقىسى ئىچىدە 459 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقە، 63 مەيدان پادىشاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسى، 156 مەيدان ياۋروپا چىمپىئونلۇق ۋە ئىتتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىسى،يەنە 22 مەيدان ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسى، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسى ۋە دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى مۇسابىقىسى. بۇ 700 مەيدان مۇسابىقىدا خاۋى بارسېلوناغا ياردەملىشىپ 7 قېتىم ئىسپانىيە بىرلەشمىسى چىمپىئونلىقى، 3 قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق چىمپىئونلىقى، 2 قېتىم ئىسپانىيە پادىشاھلىق لوڭقىسى چىمپىئونلىقى، 6 قېتىم ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسى چىمپىئونلىقى، 2 قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسى چىمپىئونلىقى ۋە 2 قېتىم دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسى چىمپىئونلىقى قاتارلىق كۆپلىگەن چىمپىئونلىققا ئېرىشتى. ئۇ ھەم ئىسپانىيەدىكى ئەڭ كۆپ لوڭقىغا ئېرىشكەن توپچى. مەيدانغا چىققان ۋاقىتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خاۋى بارسېلونا ئۈچۈن 54700 مىنۇت مۇسابىقە ئوينىدى، 700 مەيداننىڭ 615 مەيدىنىدا ئاساسلىق ئەزا بولۇپ چۈشتى، 466 مەيدان مۇسابىقىنى پۈتۈن مەيدان تولۇق ئوينىدى. جەمئىي 79 توپ كىرگۈزدى.
تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىكى شۇكى، خاۋى 2009، 2010، 2011 يىللىرى ئۇدا ئالتۇن توپ نامزاتى بولدى. ھەتتا پىلىمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئەگەر ئۇ خاۋى بىلەن بىرلىكتە توپ تېپەلىگەن بولسا ئۇنىڭ كەسپى ھاياتىدا كىرگۈزگەن توپ سانى ھەرگىزمۇ 1200 بولمىغان، بەلكى 3000 بولغان بولاتتى دېدى.
خاۋىنىڭ مەيدانغا چىققان قېتىم سانى پۇيولدىنمۇ خېلىلا كۆپ، بارسېلونا كوماندا باشلىقى ھازىرغا قەدەر بارسېلونا ئۈچۈن 589 مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى. ئىسپانىيە "ماركا گېزىتى" نىڭ كۆرسىتىشىچە، بارسېلونانىڭ رېكورتىنى بۇزۇشنىڭ گېپى چىققان ۋاقىتتا كىشىلەر ھەمىشە ئالدى بىلەن مېسسىنى ئويلايدۇ، بىراق بارسېلونا ھازىرقى زامان پۇتبول تارىخىنى يازغاندا، يەنە بارسېلونانىڭ نۇرغۇن رېكوردلىرىنى بۇزغان باشقا بىر توپچىغا رەھمەت ئېيتىشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ دەل خاۋى! ھازىر ئۇ يەنە بارسېلونادىكى مەيدانغا چىقىش رېكورتىنى ئۆزگەرتتى. بىر ھەپتە ئىلگىرى بارسېلونا كۇلۇپ رەئىسى روسسېل خاۋىنى ئالاھىدە ماختاپ: خاۋى بولسا ئىسپانىيە تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى، ھېچ بولمىغاندا سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا شۇنداق- دېدى.بارسېلونا رەئىسىنىڭ گېپىنىڭمۇ ئاساسى بار، خاۋى ھازىر بىر كۇلۇپتا ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان توپچى بولۇپلا قالماي يەنە ئېرىشكەن لوڭقىلىرى ئەڭ كۆپ توپچى.
خاۋى يەنە توختىماستىن بۇ رېكورتنى يېڭىلىيالايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بارسېلونا بىلەن يەنە ئىككى يېرىم يىللىق توختامى بار. مۇسابىقىدىن كېيىن سەبداشلىرىنىڭ ھەممىسى خاۋىنى تەبرىكلىدى. ماسچىرانو تىۋىتتىر بىلوگىغا: خاۋىنىڭ 700-مەيدان مۇسابىقىسىنى قىزغىن مۇبارەكلەيمەن، ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ، دەپ يازدى. پېدرو: ياخشى دوستۇم خاۋىنىڭ بارسېلونا ئۈچۈن 700 مەيدان مۇسابىقە ئوينىغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، بۇ بەك قالتىس سان، سەن ھەقىقەتەن بىر ئۇلۇغ "ماشىنا"، دەپ يازدى.
تۆۋەندە خاۋىنىڭ ئىسىل كۆرىنىشلىرىدىن ھۇزۇرلانغايسىلەر!
ياردەمچى پاس
توپ كونترول قىلىش
ئۆسۈپ يېتىلىشى توغرىسىدىكى قىسقا فىلىم
700 مەيدانلىق رېكورتىڭغا مۇبارەك بولسۇن بارسېلونا رىۋايىتى ! بۇندىن كېيىن رىۋايىتىڭىنى داۋاملىق يېزىشىڭغا، بىزگە ئىسىل مۇسابىقىلەرنى تەقدىم قىلىشىڭغا تىلەكداشمەن.
مەنبە: سىنا تورى |
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10
باھا خاتىرىسى
|