- تىزىملاتقان
- 2007-5-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-20
- ھوقۇقى
- 150
- جۇغلانما
- 5703
- نادىر
- 3
- يازما
- 5703
 
|
ئاگويرو : ئەڭ ياخشى ھالىتىم بىلەن بارسلونانى كۈتۋالىمەن
مانچېستېر شەھەر كوماندىسىنىڭ ئارگېنتىنالىق پۇتبول چولپىنى ئاگويرو 2 - ئاينىڭ 18 كۈنى ئۆتكۈزۈلدىغان ئوزغۇنلۇق 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىدىن بۇرۇن ئەڭ ياخشى ھالىتىگە قايتىش ئۈچۈن ئىزچىل يارىسىنى ياخشى كۈتۈش بىلەن بىرگە يىنىك مەشىقلەرنى قىلۋاتقان بولۇپ ئەسلىگە كېلىش سۈرىتى ئىنتايىن تېز بولغان ، بۇ ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئېنگىلاد بىرلەشمە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ كىينكى يىرىم مەيداندا مەيدانغا چىقىپ قىسقىغىنا 50 سېكۇنت ئىچىدە بىر توپ كىرگۈزدى .
مۇسابىقىدىن كېيىن ئاگويرو مۇخبىرلار زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ يارىسىنىڭ ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ تېز ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى ، ئۇتۇش مۇقىملىشىپ بولغان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تېرىنىرنىڭ ئاگويرونى مەيدانغا چىقىرشنى ئۆزنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىۋىلىش ئۈچۈن بولغانلىقىنى لېكىن قىسغىنە ۋاقىت ئىچىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئىيتىپ ئۆتتى ، شۇنداقلا يېشىل چىملىققا قايتىپ كەلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇش بولغانلىقىنى ، كىينكى ۋە مەشىق ۋاختىدا تېخىمۇ تېرىشىپ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ كىينكى مۇسابىقىلەرگە ياخشى تەييارلىق قىلدىغانلىقىنى ، بۇ ھەپتىدىكى مۇسابىقىدە تېخىمۇ ئۇزۇنراق مەيدانغا چىقسام دەيمەن .
مانچېستېر شەھىرى ھازىر 1- ئورۇندا تۇرىۋاتقان ئارسىنالدىن 1 نومۇر پەرق بىلەن 2 ئورۇندا تۇرۋاتىدۇ ، ئارسنال ئۆز مەيداندا 10 مەيدان تولۇق ئۇتۇپ ، 38 توپ ئۇرۇپ ناھايىتى ياخشى ھالىتى بىلەن كېتىپ بارماقتا ، بىزنىڭ قوغلاپ يىتىش پۇرسىتىمىز بار لېكىن قىلچىلىك سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈشكىمۇ بولمايدۇ كەينىمىزدىن قوغلاپ كىلىۋاتقان چىلسى ، لىۋىرپول كۇلۇبلىرى بىلەن بولغان نومۇر پەرقىمىز ئىنتايىن كىچىك ، بىر مەيدان خاتالىق ھەر ۋاقىت ئورنىمىزنى ئۆزگەرتۋىتىشى مۇمكىن .
قىزىق نۇقتا بولىۋاتقان بارسېلونا بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سۇئالىغا : مەن ھازىر ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىدا مەن ۋە كوماندا ئەزالىرى ئەڭ ياخشى ھالىتىمىز بىلەن بارسېلونا كوماندىسىنى ئېتىقاد مەيداندا كۈتۋالىمىز ، بارسېلونا كوماندىسى ئوزغۇنلۇق تەجىربىسى ئېنتايىن مول ھەم ئوزغۇنلۇق تەجىربىسىگە ئىگە چولپانلار توپلاشقان كۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى شان - شەرەپلىرى پەقەت ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بىز بۇنى ئۆزىمىزگە ھەرگىزمۇ بىسىم قىلىۋالمايمىز چۈنكى ئەمەلىيەت ھازىر بىز ھەرگىزمۇ بارسېلونادىن ئاجىز ئەمەس ، بۇ قىتىمقى ئوزغۇنلۇق تۇنجى شاللاش مۇسابىقىسىدىلا بارسېلونا بىلەن ئۇچۇرۇشۇپ قالغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇش بولدۇم ، تېرىنىر پىراگىللى نىڭ ئوزغۇنلۇق تەجىربىسى مەن ۋە سەپداشلىرىم ئۆز - ئارا ھەمكارلىشى بىلەن ئېتىقاد مەيداندا بارسېلونا كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىشقا تېرىشىمىز . |
|