ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 150 |
جۇغلانمىسى: 2048 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بېجىڭ ۋاقتى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئا س مىلەن كولۇبى سىدىروفنى 1-سەپ كوماندىنىڭ باش تىرنىرلىقىغا رەسمى تەيىنلىگەنلىكىنى ئىلان قىلدى،
37 ياشلىق بۇ باش تىرنىر قىزىل قارا قوشۇن بىلەن ئىككى يېرىم يىللىق توختام تۈزگەن بولۇپ،2016-يىلى 6-ئايدا توختام ۋاقتى توشىدۇ.
ھەپتىنىڭ بىرى ئالايگىرى ئىشتىن چۈشكەندىن كىيىن ،سىدىروف مىلەن باش تىرنىر نامزاتلىرىنىڭ ئىچىدە قىزىق نوقتىغا ئايلانغان ئىدى،ھەپتىنىڭ ئىككىسى ئۇ بىرازىلىيەدە توپچىلىق ھاياتىدىن خوشلاشقانلىقىنى ئىلان قىلغان ئىدى،ھەمدە ئۆز ئاغىزى بىلەن ئا س مىلەننىڭ تەكلىۋىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.ھەپتىنىڭ ئۈچى سىدىروف مىلەنگە يىتىپ كىلىپ مىلەننىڭ ئىتالىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى نەخ مەيداندىن كۆرگەن،شۇ يەر ۋاقتى بۈگۈن سەھەر مىلەن باش شىتابىغا يىتىپ كىلىپ كولۇپ بىلەن رەسمى توختام ئىمزالىغان.
مىلەن ئورگىنى بىر پارچە رەسىم ئىلان قىلغان بولۇپ،سىدىروف مىلەن موئاۋىن رەئىسى گالىيانىنىڭ ھەمرالىقىدا توختامغا ئىمزا قويغان،ھەمدە رەسمى ھالدا مىلەننىڭ 1-سەپ كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلىغا ئايلانغان. شۇ يەر ۋاقتى بۈگۈن چۈشتىن كىيىن مىلەن مەشىق بازىسىغا يىتىپ كىلىپ ئۆزىنىڭ تىرنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا باشلىغان،تۇنجى قېتىم كوماندىنى مەشىقلەندۈرگەن. |
|