- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 8184
- نادىر
- 16
- يازما
- 8184
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-16 15:16
بىرازىلىيەلىك چولپان نېيمار بارسېلوناغا يېڭى كەلگەن دەسلەپكى ۋاقىتلاردا بەزىدە زاپاس بولغان .شۇ چاغدا ئاساسلىق مەيدانغا چىقىدىغان ئوڭ -سول ھۇجۇم ئورنىدىكى توپچى سانچېس بىلەن پىدرو ئىدى .كېيىن مۇھىتقا ماسلىشىۋالغان نېيمار كارامىتىنى كۆرسىتىپ ئاساسلىق ئەزا ئورنىنى قايتۇرۋالدى .بۇ چاغدا سانچېس بىلەن پىدىرو ئوڭ ھۇجۇم ئورنىنى تالىشىپ رىقابەتكە چۈشۈپ كەتتى .ئەمما 2014-يىلى كىرگەندىن باشلاپ نېيمار ئاساسلىق ئورنىنى يەنە بىر قېتىم تارتقۇزۇپ قويدى .بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددى ،يەنى ،سانچېس بىلەن پىدرو قاتارلىق ھۇجۇم سېپىدىكى بۇ ئىككى شەمشەرنىڭ ئىپادىسى بەك قالتىس !
يېڭى يىلدىن كېيىنكى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى توپچى تۇلۇق مەيدانغا چىقتى .بىربىرىدىن قالتىس ئوينىۋەتتى .ماسلىشىشى شۇنداق جايىدا .ئىلچى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە سانچېس قالپاقتىن بىرنى كىيىۋەتتى .پىدرومۇ ھۇسۇل ئالدى .گېتاف بىلەن بولغان مۇسابىقىدە پىدىرومۇ قالپاق كىيىۋەتكەن .مادرىد رىقابەت بىلەن ئوينالغان مۇھىم بىر مەيدان مۇسابىقىدە يەنىلا مۇشۇ ئىككى توپچى مەيدانغا چىقتى .نېيمارغا كېيىنكى يېرىم مەيداندا ئويناش پۇرسىتى كەلدى .يېرىم پەسىل ئاخىرلىشىپ ھازىرغا قەدەر ئىككى ھۇجۇمچى راۋرۇس نەتىجە ئالدى .سانچېس 21 مەيداندا 11 توپ ( ئالدىنقى پەسىل 46 مەيداندا 11 توپ ئۇرغان ) پىدىرو 29 مەيداندا 19 توپ ئۇردى .( ئالدىنقى پەسىل 45 مەيداندا 10 توپ ئۇرغان ) كەسكىن رىقابەت ئارقىلىق ، ئاخىردا بىرازىلىيە ئۈمىدى نېيمار قاتتىق ئۇرۇندۇققا مىخىلىنىپ كەتتى ! بىراق ،ئۇيۇن تېخى ئاخىرلاشمىدى ......
توپ تەپكۈچى |
|