- تىزىملاتقان
- 2011-7-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 936
- نادىر
- 0
- يازما
- 936
|
يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ھىچقانداق لوڭقا ئالمىغان ئادەمگە ئالتۇن توپ ياكى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىلىكنى بېرىپ قويىدىغان ئىش سېنېيدىردىن بۇرۇن ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن.
2000-يىلى ئىسىمدە قېلىشىچە ئىسپان بىرلەشمىسى چىمپىيونى لاكرونىيە، ئۇزغۇنلۇق چىمپيونى مادىرىد، ياۋرۇپا لوڭقىسى چىمپىيونى فرانسىيە. شۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بارسلونادا توپ تەپكەن فىگو 1999-2000 پەسىلدە ھىچقانداق چىمپيونلۇققا ئېرىشەلمىگەن. پورتۇگال كوماندىسىمۇ ياۋرۇپا لوڭقىسىدا 4 كۈچلۈكتە توختاپ قالغان. ياراتقان ھىچقانداق رىكورتىمۇ يوق. ئەمما شۇ يىللىق ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2004-يىلى ئىسپان بىرلەشمىسى چىمپىيونى ۋالۇنسىيە، ئۇزغۇنلۇق چىمپيونى بورتۇ، ياۋرۇپا چىمپىيونى گرىتسىيە. رونالدىنىئو توپ تەپكەن بارسلونا كوماندىسى شۇ يىل ھىچقانداق چىمىيونلۇققا ئېرىشەلمىگەن. دۆلەت كوماندىسىدىمۇ چىمپىيونلۇق يوق. ھەم ياراتقان رىكورت ياكى تارىختا قالغۇدەك سان-سىفىرلىرىمۇ يوق. ئەمما شۇ يىللىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى رونالدىنىئو بولغان.
بۇ يىلقى رونالدونىڭمۇ ھىچنىمىسى يوق، ئەمما بىر يىلدىكى 69 توپ كىرگۈزۈش رىكورتى، تارىختا مېسسىنىڭ 91 توپى، مۇلېرنىڭ 84 توپى، پېلىنىڭ 75 توپىدىن قالسىلا پۇتبول تارىخىدىكى تۆتىنجى يۇقىرى رىكورت. شۇڭا بۇ يىل رونالدونىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ئۈستىدىكى ئىككەيلەنگە قارىغاندا بەكرەك ھەقلىق.
مەن پەقەت يېڭى مىڭ يىل كىرگەندىن كىيىنكى تىزىملىككىلا قارىدىم. ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يىللارنى تەكشۈرسەك يەنە چىقىشى مومكىن. |
|