akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2780|ئىنكاس: 94

كىرىستىيانو رونالدو ئالتۇن توپ ساھىبى بولدى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-13 07:52  

      
       ئۈرۈمچى ۋاقتى 1 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كەچ سائەت 11 يېرىمدا شىۋىتسىيەدە خەلقئارا پۇتبول جەمىئىتىنىڭ ئالتۇن توپ تارقىتىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى . خانلىق مادرىد توپچىسى كىرىستىيانو رونالدو رەقىبى مىسسى ۋە رىبىرىلارنى مەغلۇب قىلىپ ئالتۇن توپقا ئېرىشتى ! كىرىستىيانو رونالدو تارىختا ئالتىنچى بولۇپ ئىككى قېتىم ئالتۇن توپ ئالغان توپچى بولۇپ ، تۆت قېتىم ئالغان مېسسى ۋە ئۈچ قېتىم ئالغان  پۇلاتىنى ، ۋان باستىن ۋە كىرويىفلارنىڭ كەينىگىلا تىزىلدى !

       rrrr9IH64B3900DE0005.jpg

       2013 - يىلى كىرىستىيانو 59 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 69 توپ ئۇرۇپ ئۆزىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتتى . گەرچە كۇماندا بىلەن لوڭقا كۆتۈرەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ مەرگىنى بولدى . پورتۇگالىيە دۆلەت كۇماندىسىغا ۋاكالىتەن 9 مەيدان مۇسابىقىدە 10 توپ ئۇردى ، ھەلقىلغۇچ ۋاقىتتا شىۋىتسىيە كۇماندىسىغا ئۆزى يالغۇز 4 توپ ئۇرۇپ دۆلىتىنى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە باشلاپ كىردى .
       2008 - يىلىدىن كېيىن كىرىستىيانو ئاخىرى ئالتۇن توپنى يەنە بىر قېتىم قولغا كەلتۈردى . مۇراسىمدا ئۇ كۆزىگە ياش ئېلىپ مۇنداق دېدى : ‹‹ ھازىرقى كەيپىياتىمنى مەن ئىپادىلەشكە ئامالسىز . مەن مادرىدتىكى ۋە پورتۇگالىيە دۆلەت كۇماندىسىدىكى بارلىق سەبداشلىرىمغا رەھمەت ئېيتىمەن . ئەگەر سىلەر بولمىساڭلار بۇگۈنكى ھاياجانلىنىش مەۋجۇت بولمىغان بولاتتى . بولۇپمۇ فىلورىنتىنو ئەپەندىم ، سىلەر بۇ ئالتۇن توپنىڭ ھەقىقەتەن تەستە قولغا كەلگىنىنى بىلىسىلەر ، شۇڭا مەن ھازىر ئىنتايىن خۇشال ! خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ، ئائىلەمدىكىلەرگە جۈملىدىن ئايالىم ۋە بالامغا رەھمەت ئېيتىمەن . رەھمەت سىلەرگە ، مەن ھازىر ناھايىتى ھاياجانلىنىۋاتىمەن ،رەھمەت ھەممىڭلارغا ! ››.

       ئالتۇن توپتىن باشقا ، يەنە بىرقىسىم باھالاشلار بولدى ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە :
       ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ : نويىر ، لام ، راموس ، دىياگو سېلۋا ، ئالۋىس ئىنىستا ، شاۋى ، رىبىرى ، كىرىستىيانو رونالدو ، ئىبراھىموۋىچ ، مىسسى .
      
       خەلىقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى رەئىس مىدالى : روگى

       يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئايال تېرنىر : نايدې

        يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر تېرنىر  : ھايىنكىس

       ئادىل مۇسابىقە مۇكاپاتى : ئافغانىستان پۇتبول بىرلەشمىسى

       پۇسكاش مۇكاپاتى : ئىبراھىموۋىچ

       خەلىقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى شەرەپ ئالتۇن توپ مۇكاپاتى : بېلى

       دۇنيا پۇتبول خانىشى : ئەنجىل

                  مۇراسىمدىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر :

       b_9IH64DA600DE0005.jpg
a0x600_9IH64BN100DE0005.jpg
b00x600_9IH64BEF00DE0005.jpg
e600_9IH45H6R00DE0005.jpg
h0_9IH2PQT800DE0005.jpg
qqqqqqqq.jpg
r900x600_9IH649KP00DE0005.jpg
rrrrDE0005.jpg
rrrrrr0005.jpg


      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-14 03:50:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەنجەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-13 07:59  

رونالدونىڭ ئالغىنىدىن خۇشال بولدۇم ، ئۇنىڭ ياشلىرىدىن رونالدونىڭ مۇشۇ نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك تىرىشقىنىنى ھېس قىلىغىلى بولاتتى ! تىرىشقان ھامان غەلبىگە ئېرىشىدۇ !   بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىڭگە ئىشىنىمەن ، توختىماي تىرىشقىن ، يەنە نۇرغۇن نەتىجىلەر سىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-14 03:56:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ~virus~ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-14 04:11  

  يارايسەن  رونالدو
  پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ يۇقۇرى شەرەپكە يەنە بىر قېتىم نائىل بولغۇنىڭنى چىن دىلىمدىن مۇبارەكلەيمەن .
مۇراسىم مەيدانىدىكى شۇنچە كىشلەرنىڭ ، نۇرغۇنلىغان كامىرالارنىڭ ئالدىدا يىغلىغىنى كۆرۈپ ، بەك تەسىرلەندىم .
رونالدوغىمۇ ئاسان ئەمەستە ، شۇنچە يىلدىن بۇيان توختىماي تىرىشىپ مەشىق قىلىپ ، ھەر مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن بار كۈچى بىلەن كۈرەش قىلىپ ، ئاخىرى بۇ شەرەپكە مۇيەسسەر بولدى . ئالتۇن توپ ئېگىسىنى تاپتى .
                                 

                                                 ياخشىلارغا قىلغان ساخاۋەتلىرىڭ ئۈزۈلمىسۇن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-14 03:57:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو كۆز يىشى قىلغاندا مەنمۇ تاس قالدىم
مۇبارەك بولسۇن رونالدو
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-14 03:59:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەردىكى رونالدو مەستانىللىرىغا مۇبارەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-14 04:00:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ ئادىل رىقابەتلىشىش مۇكاپاتىنى ئالغان ئاغغانىستان پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسىنىڭ بەزى گەپلېرى ئۇيغۇرچىغا بەك ئوخشايدىكەن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-14 04:05:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرى بېسىقىتى ۋاراڭ -چۇرۇڭ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-14 04:10:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ronaldo mubarak bulsun
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-14 05:38:27 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن رونالدۇ .داۋملىق تىرىشقىن .ئەپسۇس رىبىرى ۋە ئائىلىستىكىلەر .........
ئەممە يەنە  تۆگىنى  قەتئى قىزغىن تەبرىكلەيمەن .ئۇيىشىدا بۇمۇكاپاتقا ئىرىشكۇچىلەردىن مىنىڭچە يۇققۇ دەيمەن ئالغا تۈگە ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-14 05:40:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىلىغا بىرىلگىنى قانداق  ئالتۇن توپ ئەمدى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-14 05:51:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-14 06:17:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۇلۇب تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-14 06:49  

رونالدو ئۈچۈن مەن رونالدونىڭ ئۈزىدىنمۇ بەك خۇشال غەيرەت قىل رونالدو سىنى مەڭگۈ قوللايمىز
رونالدونىڭ ئالتۇن توپ ئالغان كۈرنىشى
http://video.sina.com.cn/p/sports/laliga/v/2014-01-14/030763377963.html?opsubject_id=sports-1856
ئالتۇن توپ تارقىتىش مۇراسىمدىكى ئۈچىنىڭ زىيارەت جەريانى قايتا كۈرۈش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 06:22

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش