بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بىرازىلىيە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-14 00:35
بېيجىڭ ۋاقتى 1- ئاينىڭ 13- كۈنى شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول كۇلۇبى ئورگان تورىدا 2 نەپەر پۇتبولچىنى قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى، بۇلارنىڭ بىرى بىرازىلىيەلىك ئالوسىيۇ يەنە بىرى جاڭ ۋىن جاۋ .
ئالويىسىيونىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى:
تولۇق ئىسمى: Aloisio dos Santos Goncalves
ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى: ئالويىسىيو دوس سانتوس كونسالىۋىس
خەنزۇچە ئاتىلىشى: 阿罗伊西奥•多斯桑托斯•昆萨维斯
1988- يىلى 6- ئاينىڭ 1-كۈنى بىرازىلىيەدە تۇغۇلغان، ئىگىزلىكى 176، ئېغىرلىقى 72 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى: ھۇجۇمچى ، ( ئوڭ، سول ھۇجۇمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ).
2006- يىلىدىن 2009- يىلىغىچە بىرازىلىيە بىرلەشمىسىدىكى گىرىمىنو كۇلۇبىدا توپ تەپكەن، بۇنىڭ ئىچىدە: 2007- يىلىدىن 2008- يىلىغىچە شىۋىتسىيە جىياس كۇلۇبىغا ئىجارىگە بەرگەن.
2010- يىلى بىرازىلىيەنىڭ بىر بۇرجىكىدىكى كاسىلاس كۇلۇبىدا توپ تەپكەن. 2011- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە بىرازىلىيە Tombense FC كۇلۇبىدا توپ تەپكەن.
جاڭ ۋىن جاۋنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
خەنزۇچىسى: 张文钊
يولداش جاڭ ۋىن جاۋ
1987- يىلى 5- ئاينىڭ 28- كۈنى لىياۋنىڭ ئۆكىسىنىڭ ئەنشەن دىگەن يېرىدە تۇغۇلغان، ئىگىزلىكى 177، ئېغىرلىقى 63 كىلوگىرام، مەيداندىكى ئورنى يان ھۇجۇمچى، 2005- يىلى شەرەپ بىلەن دۆلەت ياشلار كوماندىسىغا تاللانغان. 2006- يىلىدىن 2009- يىلىغىچە شىنجىن جىيەنلىباۋ كۇلۇبىدا توپ تەرگەن، 2006- يىلىدىن باشلاپ ئىنتىر مىلان كۇلۇبىدا مەشىقلەندۈرۈلۈپ، 2007- يىلى دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىغا كىرگەن. 2009- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە چاڭچۈن ياتەي كۇلۇبىدا توپ تەرگەن.
http://www.lnts.com.cn/index.php |