ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 374 |
تۆھپىسى: سەر |
|
پىرىسكو توغرىسىدا قىسقىچە بايان
نۇرغۇن پۇتبول مەستانىلىرى مىلان كوماندىسىدىكى گالىيانىنى بىلىدۇ، لېكىن ئېنتىر مىلان مەستانىلىرىدىن باشقا مەستانىلەر بۇ كىشى توغرىسىدا جىق بىلمەسلىكى مۇمكىن، پىرىسكو بولسا ئېنتىر مىلەن كۇلۇبىنىڭ ئەڭ سادىق مەستانىسى ۋە سابىق مۇئاۋىن رەئىسى. 1950 - يىلدىن باشلاپ كۇلۇبنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىدا ئىشلەشكە باشلىغان.
قىسقىچە ئۇچۇر
ئىتالىيە ۋاقتى 2001- يىلى 12 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ئەتىگەن يۈرەك كېسىلى بىلەن 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن، كىشىنى ئەپسۇسلاندۇردىغىنى شۇكى تېخى بىر ھەپتە بۇرۇنلا 80 ياشلىق مەۋلۇت كۈنىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى.
ھاياتلىق كارتىنىسى
پىرسكو كۇلۇبنىڭ پىشقەدەملىرىدىن بۇلۇش سۈپتىدە بىر قانچە ئەۋلات كۇلۇب ئەزالىرى بىلەن ھايات شەجەرىسىنى يازغان ئىدى، ئەلۋەتتە 50 - يىللاردا كۇلۇبنىڭ تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن 60- يىللاردىكى ئېنتىر ئېمپىرىيىسى دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن ھەم ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشقان. ئۇنىڭ ئۆلىمى ئېنتىر ئۈچۈن ئەلۋەتتە زور يوقىتىش
ھايات چېغىدىكى ئۈزىندىلىرى
رونالدوغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنى :‹‹ رونالدو مېنىڭ ئۆز بالامدەكلا ›› ‹‹ دائىم ئۇنىڭ رەسىمىنى كۆزلىرىمدىن ئۈزمەيمەن، ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى مېنىڭ ئەڭ زور ئارزۇيۇم››
مىلان دېربىسىدىكى 0:6 گە مۇناسىۋەتلىك بولغىنى ‹‹ ئەگەر بىز 1دە 0 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرغان بولساق ئۈچ نومۇرنى قولغا كەلتۈرەلمىگىنىمىز ئۈچۈن ئەپسۇسلانغان بولاتتۇق، بۇ نەتىجە بىزگە تېخىمۇ زور ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشىمىزنى بىلدۇرىدۇ ››
رىكوبانىڭ ساختا پاسپورت ۋەقەسىدە ‹‹ رىكوبا ئۆزىنىڭ پاسپورتىنىڭ يالغانلىقىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ۋەقەدە ئەيىبلەنمەسلىكى كېرەك، ھەم بۇنداق جازالانماسلىقى كېرەك، مۇشۇنداق جازالاندى دېگەندە بىز پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ياۋرۇپالىق بولمىغان توپچىلارغا بولغان چەكلەش بەلگىلىمىلىرىدىن گۇمانلانماي تۇرالمايمىز.››
باشقا داڭلىق كەلىمىلىرى :
1. ئەگەر بىر ئېنتىر مەستانىسى ئا س مىلەن كۇلۇبىغا ئۆچمەنلىك قىلمىسا ئۇ ھەققىي بىر ئېنتىر مەستانىسى ئەمەس.
2. مىلان كۇلۇبى بىر قېتىم پۇل تۆلەپ، بىر قېتىم ھەقسىز ئىككى قېتىم دەرىجە چۈشكەن
3. كىچىك چېغىمدا مىلاننىڭ ب دەرىجىلىك بىرلەشمىگە چۈشۈپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلاتتىم، كىيىن ئارزۇيۇمنى ئۆزگەرىتتىم، ھازىر مىلاننىڭ س دەرىجىلىك بىرلەشمىگە چۈشۈپ كېتىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
4. مەن ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىرقى كەمسىتىشكە قارشى تۇرىمەن، لېكىن قىزىمنىڭ مىلان كۇلۇبىدا توپ تېپىدىغان ياكى مىلان كوماندىسىنى ياقتۇرىدىغان بىرسى بىلەن توي قىلىشىغا يول قويمايمەن
5. مېنىڭ ئارزۇيۇم؟ مېنىڭ ئارزۇيۇم مىلان بىلەن بولغان ئەڭ ئاخىرىقى بىر سىكونىتتا بىر توپ كىرگۈزۇپ ئۇتۇشنى يەنە كىلىپ بۇ توپنىڭ ئوفسايىت ياكى قول توپ بولىشىنى، ئەڭ ياخشىسى ھەر ئىككىسى بولىشىنى ئارزۇ قىلىمەن
6. يۇۋېىنتىسلا بولىدىكەن ھامان ھارام مالنى يۇشۇرىدىغانلار بولىدۇ، يۇۋېىنتۇس ئۆزىنىڭ ئوغىرلىۋالغانلىقىنى ئىقرا قىلىدۇيۇ لېكىن ئەزەلدىن ھارام مالنى تاپشۇرمايدۇ.
7. ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە بىزنىڭ قىنىمىزنىڭ د ن ئېي سىدا ساقلانغان شۇنداق بىر ئېلمىنىت بار، بىز ھەرگىز دەرىجە چۈشمەيمىز، شۇنداقلا چىمپىيونلۇقنى ئوغىرلىمايمىز.
8. ئەگەر مەن مىلان كۇلۇبىنىڭ ئادەملىرى بىلەن قول كۈرۈشسەم چۇقۇم قولۇمنى يۇيىمەن، ئەگەر يۇۋېىنتۇس كۇلۇبىنىڭ ئادەملىرى بىلەن كۇرۇشسەم بارماقلىرىمنىڭ بار يوقلىقىنى تەكشۇرۇپ باقىمەن.
9. مىلان شەھىرىدە ئىككى ئۇلۇغ كۇلۇب بار : بىرسى ئېنتىر مىلان كۇلۇبى يەنە بىرسى ئېنتىر مىلان ياشلار كوماندىسى
|
|