ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 403 |
تۆھپىسى: سەر |
|
يەنە بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئىسپان بىرلەشمىسىدىكى بارسىلونا بىلەن مادىرىت رىقابەتنىڭ ۋاقىتلىق بىرىنچىلىك ئورنىنى تالىشىش جېڭى باشلىنىدۇ، مادرىت رىقابەت قاپقىچىسى كورتىۋا ئىسپانىيە ئاس گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئىسپان بىرلەشمىسىدىكى بىرنەچچە چولپانغا بولغان قارىشىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
كورتىۋا ئالدى بىلەن مىسسى ۋە رونالدو ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى:« مەن ھەر ئىككىلىسىدىن قورقمايمەن. ئۇ ئىككەيلەنگە دۇچ كەلگەندە مەن چۇقۇم ئۆزۈمنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادەمنى كۆرسىتىمەن. ئۇلار ئىككىلىسى ئۇلۇغ چولپان ،باشقىلار بىلەن ئوخشىمايدۇ ، ئەمما ئۇلارغا دۇچ كىلىشىم مەن ئۈچۈن بىر ياخشى ئىش ، بۇنداق ۋاقىتتا غەلبە قىلىش ئادەتتىكى ۋاقىتلارغا قارىغاندا كۆپ ئەھمىيەتلىك».
كورتىۋا مىسسىنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا ئىشىنىدىكەن ، ھەمدە يەنە يەنە بىر باسا چولپىنى نىيمارنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان .ئۇ نىيماردىن ئىبارەت بۇ بىرازىلىيە چولپىنىڭ باساغا قوشۇلۇپ قىسقىغىنە ۋاقىتتا باساغا ماسلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ھەيران قالغانلىقىنى ئېيتىپ ، نىيمار توغرۇلۇق يەنە :«نىيمارنىڭ بارسىلوناغا قوشۇلغان قىسقىغىنە ۋاقىت بۇيان ئادىسى ئىزچىل ياخشى بولدى ، ئۇ بولسا بىر ئۇلۇغ چولپان . ئەمما بىز ئۇنىڭ ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قانداق تۇسۇشنى بىلىمىز ، بىز نىيمارغا نىسبەتەن تولۇق تەييارلىق قىلپ قويدۇق» دېگەن. |
|