- تىزىملاتقان
- 2013-8-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 81
- نادىر
- 0
- يازما
- 81
|
ئاق-قىزىل قوشۇن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، ئارگېنتىنالىق ئىلگىرى 20 توپ كىرگۈزگەن ھەم مېسسى ئىلگىرى ئۇدا يەتتە پەسىل مادرىد رىقابەتكە توپ كىرگۈزگەن.
مادرىد رىقابەت بەلكىم مېسسى ئەڭ ئامراق رەقىپ بولۇشى مۇمكىن. بىرىنجى سەپ كوماندىغا چىقققاندىن بۇيان مېسسى مادرىد رىقابەتكە جەمئىي 20 توپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇ باشقا ھەر قايسى رەقىبلىرىگە كىرگۈزگەن توپتىن كۆپ. مېسسى بۇ 20 توپنىڭ 17 سىنى ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە، 3 توپنى پادىشاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە كىرگۈزگەن. 12 توپنى نوكامپۇدا، 8 توپنى كاردېلون توپ مەيدانىدا كىرگۈزگەن.
مېسسى ھەر بىرپەسىلدە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ مادرىد رىقابەتكە بىر توپ كىرگۈزىۋاتىدۇ. گەرچە بۇ پەسىلدە بولسا مېسسىنىڭ مادرىد رىقابەت بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىنى بەك ياخشى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، 2006-2007 مۇسابىقە پەسلىدىن باشلاپ ئىزچىل توپ كىرگۈزىۋاتىدۇ. ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسىنىڭ ئىككى مەيدان مۇسابىقىسىدە ئۇ كورتۇۋا كوماندىسىغا توپ ئۇرالمىدى، تېخى بىرىنجى ئايلانمىدا يارا سەۋەبىدىن تولۇق مەيدان تېپەلمىدى.
لېكىن ئومۇمەن ئېيتقاندا كاردېلون پۇتبول مەيدانى مېسسىغا ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. 2006-2007 مۇسابىقە پەسلىدىكى بارسېلونا 6:0 مادرىد رىقابەتنى قىرغىن قىلغان مۇسابىقىدە مېسسى ئىككى توپ كىرگۈزگەن، ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇ يەنە شاھلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە قالپاق كەيگەن.
مەنبە: بارسېلونا ئورگان تورى |
|