akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4673|ئىنكاس: 46

تەڭداشسىز شاھ – ئۇ مانچىستېرئۈچۈن توغۇلغان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سىرداش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-11 02:08  

قىزىققىلى ئوزۇن بولغان كانتونا توغرىسىدىكى بۇ تىمىغا تۇتۇش قىلغىلى خىلى ئوزۇن بولغان بولسىمۇ ماۋسۇم ئاخىرى بولغاچقا تۈزۈك ۋاقىت چىقىرالماي ئاخىرىنى پۈتتۈرەلمىگەن ئىدىم .مۇنبەرنىڭ يېڭى ئىسلاھاتىنى تەبرىكلەش يۈزسىدىن بۈگۈن بۇ تىمىنىڭ ئاخىرىنى بوغۇپلا يوللاشنى توغرا تاپتىم، بەلكىم بۇ تىما بەلكىم كانتونانىڭ كۆپ قىسىم تارىخىنى يۇرىتىپ بىرەلمەسلىكى مۇمكىن، شۇنداق بولسىمۇ كانتوناغا قىزىققۇچى مۇنبەرداشلارغا كانتونا توغرىسىدا ئازراق چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ بىرەلىسە ئەجەب ئەمەس.
تەڭداشسىز شاھ – ئۇ مانچىستېرئۈچۈن توغۇلغان

مانچىستېر بىرلەشمىسى ئىنگىلانىد دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى تارىخىدا ناھايىتى چوڭ ئوتۇق قازانغان كولۇبلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كولۇب تارىخىدا دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە بولغان چولپانلار كام بولغان ئەمەس، ئېرىك كانتونامۇ ئاشۇ چولپانلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن مانچىستېر كولۇبى تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىغان بىر مۇنەۋەر پۇتبولچى. كولۇبتىن كولۇبقا ئالمىشىپ يۈرۈش، تىنەپ تەمتىرەپ يۈرۈش، ئاخىرىدا ئۈزىنىڭ بىر تارىخىنى دەۋرىنى يارىتىش مانا بۇ كانتونا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئەمىلى جەريان بولسىمۇ لىكىن ئۇ يەنىلا مانچىستېر بىرلەشمىسى كولۇبى ئۈچۈن غەلبىدىن دىرەك بىرىدىغان تەڭداشسىز ھوجۇمچى ھىساپلىنىدۇ.
ئومۇمى ئەھۋالى

ئىسمى : ئېرىك كانتونا
埃里克•坎通纳
Eric Cantona
لەقىمى :شاھ، ئەسكى بالا
دۆلەت تەۋەلىگى : فىرانسىيە
تۇغۇلغان ئورنى: فىرانسىيە مارسىل شەھىرى
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1966-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى
بوي ئىگىزلىكى: 186سانتىمىتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 81كىلوگىرام
شەخسى كۈرۈنىشى
تەنھەرىكەت تۈرى: پۇتبول
تۇرغان پۇتبول كوماندىسى : مانچىستېر بىرلەشمىسى
كەسپى ئالاھىدىلىگى : ئالدى ھوجۇمچى
باشقا ئۇچۇرلىرى

ئېرىشكەن ئاساسلىق شەرەپلىرى: 4قېتىم ئىنگىلانىد دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى چىمپىيۇنى
كولۇبقا ۋاكالىتەن قاتناشقان مۇسابىقە مەيدان سانى: 185
كولۇبقا ۋاكالىتەن قاتناشقان مۇسابىقىدە ئۇرغان توپ سانى: 81
دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان مۇسابىقە سانى: 43
دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىدە ئۇرغان توپى: 19
كىيىم نومىرى: 7
ئىرىك كانتونا 1966-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى فىرانسىيىنىڭ مارسىل شەھىرىدە بىر ئادەتتىكى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. كەسپى ھاياتىدا زور ئوتۇق قازانغان بۇ توپچى فىرانسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولغان، مانچىستېر بىرلەشمىسى كولۇبىدا 4قېتىم بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقى ۋە دەرجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئېرىشىپ «90.يىللاردىكى فىرانسىيىلىك پىلادىنى» دىگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.
كەسپى ھاياتى

چىملىقتىكى «ئەسكى بالا»دەپ نام ئالغان كانتونانىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا يۇقىرى بولغان تۇغما تالانتى كۈرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ دادىسىنىڭ ئىلھامى ئاستىدا پۇتبول تىپىش يۇلىنى تاللايدۇ ۋە ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ فىرانسىيەدىكى بورتۇ كولۇبى، ئاۋسىر كولۇبى، مونبىليېر كولۇبى ۋە مارسىل كولۇبى قاتارلىق پۇتبول كولۇبلىرىدا توپ تەپكەن بولسىمۇ ئانچە چوڭ نەتىجە قازىنالمايدۇ. شۇ ۋاقىتلاردىكى چوڭ نەتىجىسى بولسا مارسىل كولۇبىنى يىتەكلەپ 1990-1991-يىللىق فىرانسىيە Aبىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى بولىدۇ.
1991-يىلى 90تۈمەن ياۋرۇلۇق يۆتكىلىش ھەققى بىلەن ئىنگىلانىد بىرلەشمىسىدىكى لىدىز بىرلەشمىسى پۇتبول كولۇبىغا يۆتكىلىپ كىلىپ ئوزاق ئۆتمەيلا ئۈزىنىڭ يۇقىرى بولغان تالانىتىنى نامايەن قىلىدۇ ۋە 1992-1991-يىللىق ئىنگىلانىد بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. لىكىن بۇ كانتونانىڭ يۈكسەك پەللىگە چىققان ۋاقىتلىرى ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ شانلىق نەتىجە ياراتقان ۋاقىتلىرى بولسا مانچىستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغاندىن كىيىن باشلىنىدۇ.

1992-يىلى 11-ئايدا كانتونا 120تۈمەن ياۋرۇ يۆتكىلىش ھەققى بىلەن مانچىستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلىدۇ ۋە تەدرىجى بۇ كولۇبنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى بولۇپ كوماندىنى بىر قاتار چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشتۈرىدۇ

يەنى : 1993 ، 1994، 1996، 1997-يىللىرى بولۇپ 4قېتىم ئىنگىلانىد دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنى، 1994 ، 1996-يىللىرى 2قېتىم ئىنگىلانىد ئويۇشما لوڭقىسى چىمپىيۇنى، 1993-يىلى خەيىر –ساخاۋەت لەۋھە مۇسابىقىسى چىمپىيۇنى بولىدۇ. 1994-يىلى ئەنگىلىيەلىكلەرگە خاس بولغان «ئىنگىلانىد پۇتبول ئەپەندىسى» شەرىپىگە ئېرىشىدۇ. 1995-يىلى مانچىستېر بىرلەشمىسى ھىچقانداق تۈردە چىمپىيۇن بولالمايدۇ سەۋەبى شۇكى خوروستال ئوردا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كانتونا بىر خىروستال ئوردا كوماندىسى مەستانىسىنى سەكرەپ چىقىپ تەپكەنلىكى سەۋەبىدىن 8ئاي مۇسابىقىدىن توختىلىشى بولغان ئىدى.

كانتونانىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ ئانچە ئوتۇق قازىنالمايدۇ. 1992-يىلى ياۋرۇپا دۆلەتلەر چىمپىيۇنلۇق تالىشىش لەۋھە مۇسابىقىسى بولسا كانتونانىڭ تۇنجى قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن خەلىقئارالىق مۇسابىقىگە چۈشىشى ئىدى. ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىدە ئارقىمۇ -ئارقا غەلبە بىلەن چىمپىيۇنلۇق قىزىق نوقتىسىغا ئايلانغان فىرانسىيە كوماندىسى گرۇپپا مۇسابىقىدە كانتونانىڭ ئىپادىسىنىڭ ئادەتتىكىچە بولىشى سەۋەبلىك گۇرۇپپا مۇسابىقىدىلا دۆلىتىگە قايتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. 1994-يىلى كانتونا كاپىتانلىق سالاھىيىتى بىلەن ئامرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ، ئەپسۇس بۇ قېتىم قولغا كىلەيلا دەپ قالغان بىر بىلەت ئەڭ ئاخىرقى 1مىنۇت ئىچىدە بولغارىيە كوماندىسى تەرپىدىن تارتىۋېلىنىدۇ. 1996-يىلى ياۋرۇپا دۆلەتلەر چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ئالدىن تاللاش سالاھىيەت مۇسابىقىسدە ئۇ يەنىلا سالاھىيەتكە ئېرىشەلمەيدۇ شۇنىڭ بىلەن دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تىرىنىرى ياكەيمۇ بۇ ھوجۇمچىنى تەلتۈكۈس ئونتۇپ كىتىدۇ. 1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تەييارلىق باسقۇچىدا توپ مەستانلىرى چەكسىز ئۈمۈت باغاپ تۇرغان كانتونا 1997-يىلى 6-ئايدا تويۇقسىزلا چىملىقتىن چىكىنگەنلىكىنى جاكارلاپ دۇنيادىكى توپ مەستانلىرىگە بىر قاتار گومان ۋە ئېچىنىشنى قالدۇرۇپ قويىدۇ.

كەسپى ھاياتىدىكى سانلىق مەلۇماتلار
مۇسابىقە پەسلى         كولۇب              چىققان مەيدان    كىرگۈزگەن   
                                                   سانى            توپى         
1983.1984           ئاۋسىر                      2                 0                     
1984.1985           ئاۋسىر                      4                 2         
1985.1986          ئاۋسىر                       7                  0
1985.1986         مادىگىس                 15                  4
1986.1987         ئاۋسىر                   36                  13
1987.1988         ئاۋسىر                   32                  8  
1988.1989        مارسىل                   22                   5  
1988.1989        بورتۇ                     11                   6
1989.1990        مونبىليېر                    33                    10                  
1990.1991        مارسىل                    18                  8
1991.1992        نىمو                       17                  2
1991.1992       لىدىز بىرلەشمىسى           15                  3
1992.1993       لىدىز بىرلەشمىسى            13                     6  
1992.1993       مانچىستېر بىرلەشمىسى     22                   9   
1993.1994       مانچىستېر بىرلەشمىسى     36                   18
1994.1995       مانچىستېر بىرلەشمىسى      26                  12
1995.1996      مانچىستېر بىرلەشمىسى       32                  14
1996.1997     مانچىستېر بىرلەشمىسى        38                  11
مەيدان سىرتىدىكى تۇرمۇشى

كانتونا بىر يىتىشكەن توپچى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇيەنە بىر يىتىشكەن ئاكتىيور، تۈۋەندىكىسى كانتونا رول ئالغان كىنولار.
2008-يىلى «تاماقخانا»دىگەن فىلىمدە ئىشتىن سىرىت رول ئالغان.

2009-يىلى «ئېرىكنى ئىزدەش»دىگەن فىلىمدە باش رول ئالغان.(يەنى مانچىستېر بىرلەشمىسىدىكى گىگانىت چولپان ئېرىكنىڭ رولىنى ئالغان).
كۈرۈش ئادىرىسى : مەرھەممەت

2011-يىلى «ئۈز-چات،ھۇجىرىدىكى ئەرۋاھ »دىگەن فىلىمدە 1.نومۇرلۇق ئەر باش پىرسۇناژنىڭ رۇلىنى ئالغان.
كۈرۈش ئادىرىسى : مەرھەممەت

2013-يىلى 12قىسىملىق«زەنجىرسىمان قاتىللىق»دىگەن فىلىمدە باش رول ئالغان ،يەنى فورمۇسنىڭ رۇلىنى ئالغان.
خاتىرلەنمىگەن ۋەقەلەر

شاھنىڭ تەخىتكە چىقىشى

مۇسابىقە ۋاقتى: 1993-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىنگىلاند بىرلەشمىسى 23.ئايلانما مانچىستېر بىرلەشمىسى 4-1نەتىجە بىلەن تۇتتىنھام رېس كوماندىسىنى يەڭگەن مۇسابىقە.
مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ۋەزىيەت: بۇ شاھنىڭ مانچىستېر بىرلەشمىسىگە قوشۇلغاندىن كىيىنكى 4.مەيدان مۇسابىقە بولۇپ ئالدىنقى 3ئايلانما مۇسابىقىدە ئۇ توختىماي توپ كىرگۈزىدۇ ھەم توختىماي ياردەمچى پاس بىرىپ كوماندىنى تولۇق غەلبىگە يىتەكلەيدۇ ۋە كوماندىنى قوشۇلغان ۋاقىتتىكى 6.رەتتىن 2.رەتكە چىقىرىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى نومۇر تەرتىپى بولسا نوۋىچ كوماندىسى 41نومۇر بىلەن 1.رەتتە بولۇپ ئىشىپ كىتىش ئىمكانيىتىدىكى كوماندا يوق ئىدى، مانچىستېر بىرلەشمىسى ۋە ئاستون ۋىلا كوماندىسى ئوخشاش 38نومۇر بىلەن نوۋىچتىن كىيىن  تۇراتتى، مانچىستېر بىرلەشمىسىدىن ئېشىپ كىتىش ئىمكانىيىتى بار كوماندىلاردىن 5بار ئىدى. نوۋىچ بىلەن شىفىرىد چارشەنبە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىمۇ بىر كۈن كچىكتۈرىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر مانچىستېر بىرلەشمىسى رەت تەرتىپتە 1.ئورۇنغا چىقماقچى بولسا مانچىستېر بىرلەشمىسى يۇقىرى نومۇر پەرىقى بىلەن ئۇتىشى ۋە نوۋىچنىڭ ئۇتتۇرىشىنى كۈتۈش كىرەك ئىدى. مانچىستېرنىڭ يۇقىرى نومۇر پەرىقى بىلەن ئۇتىشىنى دەل موشۇ كانتونا روياپقا چىقىرىدۇ.كانتونا مانچىستېر بىرلەشمىسىگە كەلگەن ۋاقىت مۇسابىقە پەسلىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلى بولۇپ ئۇ كوماندا ئەزالىرى بىلەن تېخى بىرەر قېتىممۇ بەدەن قىزىتىش خاراكتىرىدىكى مۇسابىقىگە چۈشۈپ باقمىغان ئىدى.
مۇسابىقە 40.مىنۇتقا قەدەم قويغاندا داننىس ئوتتۇرا مەيداندىن ئالدى مەيدانغا پاس تاشلايدۇ، بۇ ۋاقىتتا كانتونا خۇددى ئاسماندىن چۈشكەندەكلا پەيدا بولۇپ توپنى ۋارىتار تەرەپكە قارىتىپ تىپىدۇ، توپ تۇتتىنھام ۋارىتارنىڭ بېشىدىن ھالقىپ كىرىپ كىتىدۇ.

غەلبە دەرۋازىسىنى ئاچقان مانچىستېر بىرلەشمىسى كىيىنكى مەيداندا ئارقىمۇ-ئارقا 3توپ ئۇرۇپ 4:1دەك يۇقىرى نەتىجە بىلەن نومۇر تەرتىپىدە ئۈزى بىلەن تەڭ دەرىجىدە كىتىپ بارغان تۇتتىنھام كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. كىيىنكى 3توپنىڭ كىرىشىدىمۇ كانتونا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. يەنە بىر مەيدان مۇسابىقىدە نوۋىچ كوماندىسى شىفىرىد چارشەنبە كوماندىسىغا ئۆز مەيدانىدا 0:1نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ تەرتىپتىكى 1.ئورنىنى تارىتقۇزۇپ قويىدۇ. كانتونامۇ ئۈزىنىڭ كوماندىدىكى ئورنىنى پەندىنپەي موقۇملاپ كوماندىنىڭ 1967-يىلدىن بۇيانقى تۇنجى بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئېلىپ بىرىدۇ.

تەنھا قوتقازغۇچى

مۇسابىقە ۋاقتى: 1993.يىلى 10.ئاينىڭ 19.كۈنى، ياۋرۇپا كولۇبلارچىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى 2.ئايلانما، مانچىستېر بىرلەشمىسى 3 : 3 غەلىتە ساراي كوماندىسى
مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ۋەزىيەت: مانچىستېر بىرلەشمىسى ئىنگىلانىد دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە 10مەيدان ئوتۇق، بىرمەيدان تەڭلىشىش ۋە بىر مەيدان ئۇتتۇرۇپ 31نومۇر بىلەن ئۈزۈپ كىتىپ باراتتى ھەم 10مەيدان ئۇتتۇرماسلىقتەك نەتىجىنى ساقلاپ كىلىۋاتاتتى. ياۋرۇپادىكى 3چوڭ لوڭقا مۇسابىقىسىنىڭ 37يىللىق تارىخىدا مانچىستېر بىرلەشمسى بىردىنبىر ساھىبخان مەيدانىدا ئۇتتۇرماسلىق رىكورتىنى ساقلاپ تۇرىۋاتقان كوماندا ئىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىمۇ چىمپىيۇنلۇق تالىشىش لوڭقا مۇسابىقىسى يېڭىدىن بىكىتىلگەن ساھىبخان ۋە مىھمان مەيدان مۇسابىقە ئارقىلىق ئۇتقان كوماندىنى بىكتىدىغان شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئىدى. كۆپچىلىكنىڭ پەرىزىدەك مانچىستېر بىرلەشمىسى بۇ قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق جىڭىدە بىرمەيدان قانلىق كۈرەشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كىيىنكى ئايلانمىغا قەدەم قويىدۇ.
مۇسابىقى باشلانغاندىن كىيىن ساھىبخان مەيداندا جەڭ قىلىۋاتقان مانچىستېر بىرلەشمىسى مۇسابىقە 46.مىنۇتقا قەدەم قويغىچە قارشى تەرەپكە بېسىم قىلىپ ئويناپ 2توپ ئالدىغا يۈرۈپ كىتىدۇ، پۈتكۈل تىرافورىد مەيدانى غەلبە شادلىقىغا چۈمىدۇ، لىكىن 60مىڭدىن كۆپرەك مانچىستېر مەستانلىرى غەلبە مارىشىنى ياڭرىتىۋاتقان شۇ پەيىتتە غەلىتە ساراي كوماندا ئەزالىرى قارشى تەرەپ كوماندا ئەزالىرىنىڭ بىخۇدلىقىدىن پايدىلنىپ 13مىنۇت ئىچىدىلا 3توپ ئۇرۇپ نەتىجىدە بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدۇ. مەستانىلەر بۇ خىل ئەھۋالدىن ئۈزىنى يۇقىتىپ مەيدان سىرتىدا چاتاق چىقىرىشقا باشلايدۇ، مەيدان ئىچىگە بولسا نارازلىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەپ سۈرەن سېلىشقا باشلايدۇ. دەل موشۇ ۋاقىتتا «شاھ»ئورنىدىن دەس تۇرىدۇ. مۇسابىقە تۈگەشكە يەنە 10مىنۇت ۋاقىت بارئىدى، كانتونا قارشى تەرەپنىڭ قاتمۇ –قات مۇداپىئەسى ئالدىدا رىۋايەت تۈسىنى ئالغان بىر توپى بىلەن مانچىستېرنىڭ ساھىبخان مەيدانىدا ئۇتتۇرماسلىق رىكورتىنى ساقلاپ قېلىپ «كونا تىرافورىد ئەپسانىسى»نىڭ داۋاملىشىشغا يول ئاچىدۇ.

لىكىن بىر ھەپتىدىن كىيىنكى ئىستانبول سەپىرىدە كانتونا جازالانغانلىق سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ ۋە كوماندا ئەزالىرىنى ئامالسىز ئىستانبولغا يولغا سالىدۇ. كوماندا ئەزالىرى مىھمان مەيدانىدا كىرگۈزگەن توپىنىڭ ئاز بولىشى، ساھىبخان مەيداندا كەتكۈزگەن توپنىڭ كۆپ بولىشى سەۋەبىدىن 16كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە شاللىنىپ كىتىدۇ.  
1994.1995.مۇسابىقە پەسلىدە بارىسلونا، گىدىباۋ ۋەكونا رەقىبى غەلىتە ساراي بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۈلىنىدۇ. جازا مۇددىتى توشمىغان كانتونانىڭ دەسلەپكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشالماسلىق سەۋەبىدىن بارىسلونا ۋە گىدىباۋغا 1:4 ۋە 1:3 نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويۇپ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىلا شاللىنىپ كىتىدۇ.
تەۋرەنمەس ئىرادە، مەنىۋىي داھى

مۇسابىقە ۋاقتى : 1994-يىلى 4.ئاينىڭ 23.كۈنى  ئىنگىلانىد دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 38.ئايلانما مانچىستېر بىرلەشمىسى  2 : 0 مانچىستېر شەھىرى
مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ۋەزىيەت: يېقىنقى يېرىم ئايلىق ئەھۋالدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراۋاتقان مانچىستېر بىرلەشمىسى ئەزالىرى شۇنى ھىس قىلىپ يەتتىكى كانتونا بولمىغان مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە غەلبىدىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئىلگىرىكى 30.ئايلانمىدىكى ئىنگىلانىد دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە يارىلىنىش سەۋەبىدىن مەيدانغا چۈشەلمىگەن كانتونا يوق شارائىتتىكى مۇسابىقىدە مىھمان مەيداندا چېلسى كوماندىسىغا 0دە1نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ. بۇمۇسابىقە بىلەن نۇمۇر تاختىسى بېشىدا تۇرىۋاتقان مانچىستېر بىرلەشمىسى كىيىنكى كوماندا بىلەن بولغان نومۇر پەرقى 7نومۇرغا چۈشۈپ قالىدۇ ۋە يېرىم يىلدىن بۇيان ساقلاپ كىلىۋاتقان بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋە ئويۇشما لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە ئۇتتۇرماسلىق رىكورتى 34مەيدان ئاخىرلىشىدۇ. بىرلەشمە مۇسابىقە 32.ئايلانمىغا قەدەم قويغان ۋاقىتتا سىۋىند كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە كانتونا 67.مىنۇتتا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەت ئىشلەپ جازالىنىپ قىزىل كارتا بىلەن چۈشۈرۋىتىلدۇ، بۇنىڭ بىلەن 2دە 1نەتىجە بىلەن ئالدىدا كىتىپ بارغان مانچىستېر بىلەشمىسى كوماندىسى قارشى تەرەپكە نۇمۇر ئېلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بىرىپ تەڭلىشىپ قالىدۇ ۋە نۇمۇر پەرىقىنى 5نومۇرغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. كانتونا شۇ قېتىملىق قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتتە 5مەيدان مۇسابىقىدىن توختىتىش جازاسىغا ئۇچرايدۇ. بۇ 5ئايلانما مۇسابىقىدە مانچىستېر بىرلەشمىسى 2 مەيدان ئوتىدۇ، 1مەيدان تەڭلىشىدۇ، 2مەيدان ئۇتتۇرىدۇ ۋە نۇمۇر تاختىسىدا بىلاكبىرون كوماندىسى بىلەن بىرگە 79نومۇر بىلەن ئالدىنقى ئورۇندا تورىدۇ. مانچىستېر شەھىرى بىلەن بولغان مۇسابىقە كانتونانىڭ جازاسى تۈگەپ قاتناشقان تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئىدى. مانچىستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى كانتونا كوماندىدا بار 29مەيدان مۇسابىقىدە 20مەيدان ئوتۇق،8مەيدان تەڭلىشىش ۋە 1مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجە ياراتقان بولسا كانتونا يوق 8مەيدان مۇسابىقىدە 3مەيدان ئوتۇق، 2مەيدان تەڭلىشىش ۋە 3مەيدان ئۇتتۇرۇشتەك نەتىجىگە دۇچار بولىدۇ.
كۆپچىلىكنىڭ قارىشىچە جازاسى تۈگەپ مۇسابىقە مەيدانىغا قايتىپ كەلگەن كانتونا كۆپچىلىكنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايتى. بىر شەھەر دىربىي جېڭىدە كانتونامۇ «ھالاكەت ۋاقتى»دىن (گىرمانىيەنىڭ ئىلگىرىكى داڭلىق تىرىنىرى ھىرموت ساھىننىڭ ئېيتىشىچە ھەر بىر يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى باشلىنىش ۋاقتى ۋە ئاخىرلىشىش ۋاقتىدىكى 5مىنۇت ئىچىدىكى ۋاقىت بولۇپ بۇ ۋاقىتتا توپ كىرىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ شۇ ۋاقىتتىن ئەپلىك پايدىلنالايدىغان تالانىت ئىگىلىرى ئۈچۈن «ھالاكەت ۋاقتى»بولۇپ قالغان ) ئەپلىك پايدىلنىپ مۇسابىقە 40.مىنۇتقا قەدەم قويغاندا 1توپ ئۇرىدۇ، ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشقا 30سىكونىت قالغاندا 1توپ ئۇرۇپ كوماندىنىڭ غەلبە يۇلىنى ئاچىدۇ ۋە بىلاكبىرۇننىڭ ئايال پادىشاھ باغچە كولۇبى بىلەن 1:1تەڭلىشىشى بىلەن مانچىستېر بىرلەشمسى شەرەپ تاختىسىدىكى ئورنىغا قايتىدىن چىقىپ تەنھا مونۇپۇل قىلىدۇ.
مۇسابىقىدىن كىيىنكى ۋەزىيەت: كانتونانىڭ قايتىپ كىلىشى بىلەن مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ ئوت كۈچى قايتىدىن پارتىلاشقا باشلايدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرقى 4ئايلانما مۇسابىقىدە 3مەيدان غەلبە ۋە 1مەيدان تەڭلىشىشتەك نەتىجە بىلەن شۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە 92نومۇر ئېلىپ ئىنگىلانىد دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 100يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى نومۇر ئېلىش رىكورتىنى يارىتىدۇ. ئويۇشما لوڭقىسىدا 4:0نەتىجە بىلەن چېلسى كولۇبىنى يېڭىپ قىزىل ئالۋاستى تارىخىدىكى تۇنجى «قوش لوڭقا»ساھىبى بولۇش تارىخىنى يارىتىدۇ.
غەلبە ئۈچۈن جەڭ قىلىش، جەڭ پەقەت غەلبە ئۈچۈن

مۇسابىقە ۋاقتى: 1995.يىلى 1.ئاينىڭ 22.كۈنى ئىنگىلانىد دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 25.ئايلانما مۇسابىقىسى مانچىستېر بىرلەشمىسى 1 : 0 بىلاكبىرۇن
مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ۋەزىيەت: بۇ مەيدان مۇسابىقە شەك –شۈبھىسىزكى ئىنگىلانىد تۇپرىقىدا يېقىندىن بۇيان بارىلىققا كەلگەن كۈچلۈكلەر تۇتىششى بولۇپ ،تۇتۇشىدىغان ئىككى تەرەپ بولسا ئىنگىلاند دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى بارىلىققا كەلگەندىن بۇيانقى ئەڭ مۇنەۋەر ، ئەڭ كۆپ شان –شەرەپكە ئېرىشكەن ئىككى كولۇب ئىدى. بۇ بىرمەيدان مۇسابىقە ئارقىلىق ئىنگىلانىد بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنىڭ زادى كىمگە مەنسۇپ بولىدىغانلىقى ئايرىلاتتى. بۇ ۋاقىتتا مانچىستېر بىرلەشمىسى 50نومۇر بىلەن نومۇر تەرتىۋىدە ئىككىنجى ئورۇندا بولسىمۇ يېقىنقى 15مەيدان مۇسابىقىدە 1مەيدانلا مەغلۇپ بولغان بولۇپ ئەلپازى قورقۇنۇشلۇق ئىدى .بىلاكبىرۇن كوماندىسى 55نومۇر بىلەن نۇمۇر تەرتىۋىدە ئەڭ ئالدىدا بولۇپ يېقىنقى 12مەيدان مۇسابىقە جەريانىدا مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان ئىدى. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئارقىلىق بىرلەشمە چىمپىيۇنلىقىغا بولغان قەدەمنى يېقىنلاشتۇرۇش ھەر ئىككىلا كوماندىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولغاچقا بىرمەيدان شىددەتلىك ئورۇش باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. مۇسابىقە باشلىنىپ 8مىنۇت بولغاندا خۇددى «يولۋاس ئۇۋىسىدىن چىققاندەك» تەنھا جەڭچى كانتونا پۈتكۈل مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر ۋارىتارغا چۈشكەن كاللاتوپ ئارقىلىق 12مەيدان ئۈزلۈكسىز غەلبە بىلەن كىتىۋاتقان بىلاكبىرۇن كوماندىسىنىڭ غەلبە يولىنى تۇسۇپ قويىدۇ،

كوماندىمۇ مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە بۇ نەتىجىنى ساقلاپ قالىدۇ. بۇ مەيدان مۇسابىقە ئارقىلىق مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى بارغانسىرى يېقىنلىشىدۇ. لىكىن ئارىلىقتىن 3كۈن ئۆتكەندىن كىيىن يەنى 1.ئاينىڭ 25.كۈنى خىرۇستال ئوردا كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە «سەكرەپ چىقىپ مەستانىنى تىپىش ۋەقەسى»كەلتۈرۈپ چىقىرىپ 8ئاي مۇسابىقىدىن چەكلىنىدۇ. (كانتونا سەكرەپ چىقىپ تەپكەن خىروستال ئوردا كوماندىسى مەستانىسى ماك شىموس ئىدى).
كانتونادىن ئايرىلغان مانچىستېر بىرلەشمىسى ئۈزلۈكسىز غەلبە يۇلىدا مېڭىپ بولالمايدۇ ۋە ئاخىرىدا بىر نومۇر پەرىق بىلەن ئىككىنجى بولىدۇ.
شاھنىڭ قايتىپ كىلىشى

مۇسابىقە ۋاقتى: 1995.يىلى 10.ئاينىڭ 1.كۈنى ئىنگىلانىد دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 8.ئايلانما مانچىستېر بىرلەشمىسى 2:2 لىۋىرپول
مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ۋەزىيەت: بۇ كانتونانىڭ 8ئايلىق چەكلىنىشنى تۈگەتكەندىن كىيىنكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقە بولۇپ، كانتونانى يۇقاتقان 8ئاي جەريانىدا مانچىستېر بىرلەشمىسى نۇرغۇن ئاچچىققا چىداپ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىنى ئاخىرلاشتۇرغان ئىدى، بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مەزگىللەردىكى بىر ھەپتىدە يەنى 1995.يىلى 5.ئاينىڭ14.كۈنى ۋە 1995.يىلى 5.ئاينىڭ 20.كۈنى مانچىستېر بىرلەشمىسى بىرلەشمە چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسى ۋە ئىنگىلانىد ئويۇشما لوڭقىسىنى قولدىن بىرىپ قويۇپ قاتتىق ئاچچىق يۇتۇشقان ئىدى.
بۇ مۇسابىقە پەسلىدە مانچىستېر بىرلەشمىسى بىرلەشمە مۇسابىقىدە 5مەيدان ئوتۇپ 1مەيدان تەڭلىشىپ 1مەيدان ئوتتۇرۇپ رەت تەرتىپتە 2.رەتتە كىتىپ بارغان بولسىمۇ ئەمما قىسقىغىنا يېرىم ئاي ئىچىدە ئىككى قېتىم ئېغىر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ. يەنى بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ ئىككى ئايلانما مۇسابىقىسىدە Bدەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى يورىك كوماندىسىغا 3:4نەتىجە بىلەن ئوتتۇرۇپ شاللىنىپ كىتىدۇ، ئىتتىپاق لوڭقىسىى مۇسابىقىسىدە بولسا مىھمان مەداندا كىرگۈزگەن توپىنىڭ ئازلىقى تۈپەيلىدىن ھەرقانداق بىر توپ مەستانىسى ئىسمىنى ئىسىدە ساقلىيالمايدىغان رۇسىيەنىڭ ۋولگاگىراد روتۇر كوماندىسى تەرپىدىن شاللىنىپ كىتىپ دۇنيا پۇتبول مۇنبىرىدە زور مەسخىرىگە قالىدۇ. مانا موشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا «شاھ»قايتىپ كەلمىسە قىزىل ئالۋاستىنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىدىن سۆز ئاچقىلىمۇ بولمايتى.
مۇسابىقە باشلىنىپ 60سىكونىت بولغاندا 248كۈن ھىچقانداق مۇسابىقىگە قاتنىشىپ باقمىغان كانتونا ئوڭ تەرەپتىن بۈسۈپ كىرىپ تاشلىغان ياردەمچى پاسنى نىج بات ئۈسسۈپ كىرگۈزىدۇ،نەتىجە 0:1 بولىدۇ، پۈتۈن كونا تىررافورىد مەيدانى ئالقىش سادالىرىغا چۈمىدۇ، لىكىن لىۋىرپولنىڭ «يېڭى شاھى»روببى فوئولنىڭ ئارقىمۇ ئارقا كىرگۈزگەن ئىككى توپى بىلەن نەتىجە ئەكسىچە بولۇپ قالغاندا كانتونا يەنە كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقىپ ئۈزى يالغۇز رىياسەتچىلىك قىلىپ نوقتا توپ ئېلىش ۋە ئۇنى كىرگۈزۈش جەريانىنى تاماملايدۇ. نەتىجە 2:2بولغاندا پۈتۈن كونا تىررافورىد يەنە بىر قېتىم ئالقىش سادالىرىغا چۈمىدۇ.
شۇنداق قىلىپ بۇ مۇسابىقىدە مانچىستېر بىرلەشمىسى تەڭلىشىدۇ، بۇ تەڭلىشى ئارقىلىق مانچىستېر بىرلەشمىسىنىڭ نومۇر تەرتىپى 3.رەتكە چۈشىدۇ، لىكىن كۆپچىلىك مانچىستېر مەستانلىرىغا نىسبەتەن بۇ بىر مەيدان تەڭلەشكەن مۇسابىقە تەڭلىشىش ئەمەس بەلكى «غەلبە» ئىدى، چۈنكى 248كۈن ھىچقانداق مۇسابىقىگە قاتناشماي 60سىكونىتتا بىر ياردەمچى پاس چىقارغان، 70.مىنۇتتا بىر توپ ئۇرغان قىزىل ئالۋاستىنىڭ روھى تۈۋرىكى «شاھ»قايتىپ كەلگەن ئىدى.
چىمپىيۇن ئارمىيە، غەلبە بىلەن چىكىنىش

مۇسابىقە ۋاقتى: 1996.يىلى 12.ئاينىڭ 4.كۈنى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسى 16كۈچلۈك مۇسابىقىسى ئەڭ ئاخىرقى بىر ئايلانما  مانچىستېر بىرلەشمىسى 0:2 ۋىينا سۈرئەت كوماندىسى
مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ۋەزىيەت: بۇ مۇسابىقە پەسلى مانچىستېر بىرلەشمىسى 90.يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ جاپا – مۇشاققەتلىك بىر مۇسابىقە پەسلى بولۇپ قالىدۇ، 10.ئاينىڭ 19.كۈنى ئىنگىلانىد دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 10.ئايلانما مۇسابىقىدە كانتونا جازالانغانلىق سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە چۈشەلمەيدۇ، نەتىجىدە مانچىستېر بىرلەشمىسى 0:5نەتىجە بىلەن نىيۇكاسېر كوماندىسىغا ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۋىتىدۇ، 10.ئاينىڭ 26.كۈنى 11.ئايلانما مۇسابىقىدە مانچىستېر بىرلەشمىسى جەنۇبى ئامپىتون كوماندىسىغا 3:6نەتىجە بىلەن يەنە بىر قېتىم ئېچىنىشلىق ئۇتتۇرۋىتىدۇ، بۇ ئەھۋالنى «تىمىس گىزىتى»مۇنداق باھالايدۇ: «ئىككى ئايلانما مۇسابىقىدە 11توپ كەتكۈزۈش، بۇ 66يىلدىن بۇيانقى مانچىستېر برلەشمىسىنىڭ تۇنجى قېتىمقىسى». 10.ئاينىڭ 30.كۈنى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق بىرلەشمىسى 16كۈچلۈكنى تاللاش گۇرۇپپا مۇسابىقىسى 4.ئايلانما ، مانچىستېر بىرلەشمىسى 0:1نەتىجە بىلەن تۈركىيەنىڭ فەنەر باغچا كولۇبىغا ئۇتتۇرۋىتىپ ياۋرۇپا مۇسابىقە مەيدانىدا 40يىلدىن بۇيان ساھىبخان مەيداندا ئۇتتۇرماسلىقتەك شەرەپلىك تارىخىمۇ ئاخىرلىشىدۇ، 11.ئاينىڭ 2.كۈنى ئىنگىلانىد دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 12.ئايلانما مۇسابىقىسىدە چېلسى كوماندىسىغا 1:2نەتىجە بىلەن ئۇتتۇرىدۇ، 11.ئاينىڭ 20.كۈنى ياۋرۇپا چىمپىيۇنلۇق مۇسابىقىسى 16كۈچلۈكنى تاللاش گۇرۇپپا مۇسابىقىسى 5.ئايلانما مۇسابىقىسىدە 0:1نەتىجە بىلەن ساھىبخان مەيداندا يۇۋىنتۇس كولۇبىغا ئۇتتۇرىدۇ، ئەگەر 11.ئاينىڭ 16.كۈنىدىكى ئىنگىلانىد دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 13.ئايلانما مۇسابىقىسىدە ئارىسىنال بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئارىسىنالنىڭ مۇداپىئەچىسى ۋىنتبوئىن ئۈزىگە خائىن توپ ئۇرمىغان بولسا ئىدى مانچىستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى ئوينالغان 6مەيدان مۇسابىقىدە 6مەيدان تولۇق ئۇتتۇرغان بولاتتى، بۇ بىر مەزگىل كىشىلەرگە «مانچىستېر بىرلەشمىسى خاندانلىقى زاۋۇللىققا يۈزلەندى، بىر دەۋىرنىڭ ئاخىرلاشتى» دىگەندەك باھا سۆزلىرى ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەن ئىدى. بۇ ئىشتىن فۇگىسىن ۋە كانتونا قاتتىق غەزەپلىنىدۇ.
مۇسابىقە باشلىنىدۇ،كانتونا تېخى قاتتىق غەزەپتە ئىدى، گەرچە ئۇ بىرەر توپ كىرگۈزۈش تۈگۈل بىرەر ياردەمچى پاس بىرەلمىگەن بولسىمۇ لىكىن ئونىڭ جانلىنىشى مانچىستېر بىرلەشمىسى ئۈچۈن ئاساسى ئىنىرگىيەسى ھەم غەلبە يولىنىڭ يول باشلىغۇچىسى ئىدى. ئاقىۋەتتە كانتونانىڭ ئىسىل ئىپادىسى ۋە سورسىكىيا بىكھاملارنىڭ بىردىن توپ ئۇرىشى بىلەن مانچىستېر بىرلەشمىسى مۇسابىقىدە غەلبە قىلىپلا قالماي يەنە ئوتۇش مۇمكىن بولماسلىقتەك ئەھۋال ئۈستىدىنمۇ غەلبە قازىنىدۇ. ئۇدا مەغلۇپ بولۇش ھالىتىنى بوزۇپ تاشلىغاندىن كىيىن مانچىستېر بىرلەشمىسى گۇرۇپپىدىن ئىككىنجى بولۇپ چىقىپ 8كۈچلۈك مۇسابىقىسىگە قەدەم قويىدۇ، 8كۈچلۈك مۇسابىقىسىدە پورتۇگالىيەنىڭ پورتۇ  كولۇبىنى شاللاپ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قەدەم قويغان مانچىستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى گىرمانىيەنىڭ ئەنئەنىۋى زەردار كوماندىسى دورىتمونىد تەرپىدىن شاللىنىپ ئۇزغۇنلۇق قەدىمىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ. ئىنگىلانىد دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە 21مەيدان غەلبە،12مەيدان تەڭلىشىش ۋە 5مەيدان مەغلۇپ بولۇپ 75نومۇر بىلەن كىشىلەر ئويلاپمۇ باقمىغان چىمپىيۇنلۇققا ئېرىشىدۇ. بۇ ۋاقىتلاردا «شاھ»تىمۇ چىكىنىش يۈز بىرىدۇ.
ئونتۇلماس ئىككى جۈملە سۆز

فۇگىسىن : «كانتونا بولسا بىر چىمپىيۇن!»

BBC : «1966-يىلى بولسا ئەنگىلىيە پۇتبولچىلىرى ئۈچۈن ناھايىتى موھىم بولغان بىر ۋاقىت، سەۋەبى بۇ ۋاقىتتا ئەنگىلىيە شۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىغا ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈنمۇ؟ سەۋەبى ناھايىتى ئېنىق ، شۇ يىلى ئېرىك كانتونا دۇنياغا كەلدى!».


ئاخىرىدا كانتونانىڭ بىرقىسىم نادىر كۈرۈنۈشلىرى



پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-11 02:14:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەپسىلى يېزىپسىز ، بىلمىگەننى بىلىۋالدىم ، نادىرلاشقا تىگىشلىك تىما بولۇپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-11 02:26:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنگىلانىد بىرلەشمىسىدىكى توپچىلار ئىچىدە كانتونادەك ھاكاۋۇر ،مانچسىتىر توپچىلىرى ئچىدە  فۇ بۇۋايغىمۇ يانالايدىغان  كانتونادەك توپچى چىقمايدۇ.
لىكىن ھاكاۋۇرلۇقىغا چوشلۇق.فۇ بۇۋايغا  يانغىچىلىكى بولغىنىغا چۇشلۇق  مەيدان ئىچىدە  ھەممىنى سىرىپ ماڭىدۇ.
شۇڭا تىلى قىسقا ئەمەس.

ھاكاۋۇرلۇقىدىن  مەستانىلەرنىڭ كۈزىگە  سىغماي مەستانىلەر تىللىغاندا پەشۋا ئاتقان كانتۇنا ئىنگىلانىد پوتبولچىلار جەمىيىىتنىڭ سەن توپچى بولساڭ مەستانىلەرمۇ ئادەم دەپ كانتونانى 9ئاي موسابىقىدىن چەكلىۋەتكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-11 02:28:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامېرىكا يوللىغان ۋاقتى  2014-1-11 02:26
ئىنگىلانىد بىرلەشمىسىدىكى توپچىلار ئىچىدە كانتونادەك ...

بىرخىل ئەركەك مىجەز توپچى بۇ، شۇڭا بىكار بولۇپ قالسام پات-پات موشۇنىڭ مۇسابىقىلىرىنى توردىن تېپىپ كۈرۈپ قويىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-11 02:32:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرۋەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-11 02:59  

ساراڭ قىتىش، تەلۋە، تالانىت ئىگىسى، مانچىستىرنىڭ نىمىش قىلىدىغان يەر ئىكەنلىكىنىڭ بىز دەۋىرداشلاغا بىلدۈرۈپ قويغۇچىسى. بۇنىڭغا بەرگەن باھايىم مۇشۇنچىلىك.

تىما ئىگىسىنىڭ قوللىرىدىن لالە-رەيھان گۈل ئۈنسۇن، ئۈنۈپ چىققان گۈللەر چىكىسىگە قىسىلىپ، ئەقلىمىزنى لال قىلسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-11 03:41:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە جىق چەكلىنىش بۇ ، ھازىرقى سۇيارىزمۇ مۇشۇ كانتوننانى ئەسلىتىدۇ ، بۇنى مەن ئېنگلاندلىق دەپ بىلەتتىم ، تېمىنىڭ بىر يېرىدە فىرانسىيە كوماندىسى دەپ ئېلىنىپتۇ ، مەن خاتالاشتىممۇ ياكى خەت خاتامۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-11 03:57:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى  رۇنى  ، بۇرۇنقى  كانتونانىڭ  دەل  ئۆزى  .  (مىجەزىلا  ئوخشىمايدۇ )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-11 08:23:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ ماڭا تەسىر قىلغان يېرى،  مايكىسنىڭ ياقىسىنى تىكلىۋىلىشى.
بىر مەزگىل مودا بولدىغۇ شۇنداق قىلىۋىلىش.
ھازىر بومبا ساقالنى قويۇۋىلىپ نايىكنىڭ ئىلانلىرىغا چىقىپ يۈرۇيدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-11 09:03:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارسېللىق ساراڭ ´مارسېلدا بىر كوچىنىڭ ئىسمى مۇشۇنىڭ ئىسمى بېرىلىپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-11 10:14:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانچىستىر مەستانىلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بۇ توپچىغا ئامراق . . پۇتبولدىن چىكىنىپلا ئاكتىيۇرلىقنى ئۈگەنگەن ئوخشايدۇ ، نۇرغۇن ئېلانلىرى بارغۇ بۇنىڭ .. بۇ رول ئالغان بىر قانچە كىنۇنى كۆرگەنتىم ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-11 10:35:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
jasur007 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-11 03:41
نىمە جىق چەكلىنىش بۇ ، ھازىرقى سۇيارىزمۇ مۇشۇ كانتوننا ...

خەت خاتا ئەمەس، بۇ ئۈزى فىرانسىيەلىك لىكىن ئىنگىلانىدتا قاتتىق يۈز ئابرۇي تاپقان. 98-يىلى شۇ ۋاقىتتىكى فىراسىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ باش تىرىنىرى موشۇنى ئالماي زىدانى باش قىلغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-11 11:09:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاجايىپ توپچى ئىدى ، فىلىملىرىنى كۆرمەپتىكەنمەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 17:07

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش