ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 623 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، مۇنبەر ئەھلى؛
تېڭشۇن تەنتەربىيە خەۋرى
مۇشۇ ھەپتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى سائەت بىر دە بارىسلونا مادىد رىقابەت مەيدانىدا بىر مەيدان بىرلەشمىە مۇسابىقىسى ئوينايدۇ،گەرچە بۇ بىر مەيدان مۇسابىقە بىرلەشمە لۇڭقىسىنىڭ كىمگە تەۋە بولىشىنى بەلگىليەلمىسىمۇ، ئەمما بەلگىلك تەسىر كۆرسىتىدۇ،تۆۋەندە بۇ ئىككى كۇماندىنىڭ بۇ پەسىلدىكى بىر قىسىم سانلىق مەلۇماتلارغا قاراپ باقايلى
ـــــــ بارىسلونا :ئۇرغان توپ سانى53 (ئوتتۇرا ھىساب بىلەن مەيداندا 2.9 توپ)، مادىد رىقابەت : ئۇرغان توپ سانى 47 توپ (ئوتتۇرا ھىساب بىلەن مەيداندا 2.6 توپ). مادىد رىقابەت مىھمان مەيدانىدا كىرگۈزگەن توپ سانى جەھەتتە بىرىنجى بولۇپ، جەمئىي توپ سانى 33(ئوتتۇرا ھىساب بىلەن مەيداندا 1.8 توپ)،بارىسلونانىڭ مىھمان مەيدانىدا كىرگۈزگەن توپ سانى 31 بولۇپ، (ئوتتۇرا ھىساب بىلەن مەيداندا 1.7 توپ)، ئورۇن جەھەتتە ئۈچىنچى ئورۇندا.
ــــــــ بارىسلونا :ئۇرغان توپ سانى53 ، ئۇنىڭ ئىچىدە 36 توپ (%67.9) ھەمكارلىشىپ كىرگۈزگەن توپ، مادىد رىقابەت كىرگۈزگەن توپ سانى47 بولۇپ، ھەمكارلىشىپ كىرگۈزگەن توپ سانى 22 (%46.8)
ــــــ مادىد رىقابەت چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە كىرگۈزگەن توپ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ، جەمئىي 38 توپ، بارىسلونانىڭ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە كىرگۈزگەن توپ سانى جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا بولۇپ، توپ سانى 34.
ـــــــ بارىسلونا چەكلەنگەن رايۇن سىرتىدا كىرگۈزگەن توپ سانى ئەڭ كۆپ بولۇپ بىرنچى ئورۇندا، توپ سانى 7، مادىد رىقابەتتنىڭ چەكلەنگەن رايۇن سىرتىدا كىرگۈزگەن توپ سانى بىر بولۇپ .ئارقىدىن سانغاندا بىرىنجى ئورۇندا.
ـــــــــ بارىسلونا تەرەپتىن ئوڭ پۇت ئارقىلىك كىرگۈزۈلگەن توپ سانى 33، مادرد رىقابەت تەرەپتىن ئوڭ پۇتتا كىرگۈزۈلگەن توپ سانى ، بارىسلونا تەرەپتىن سول پۇت ئارقىلىك كىرگۈزۈلگەن توپ سانى 16، مادرد رىقابەت تەرەپتىن سول پۇتتا كىرگۈزۈلگەن توپ سانى 15. كاللا توپ سانى جەھەتتە، مادىرد رىقابەت 8 توپ، بارىسلونا 3 توپ.
ــــــــــ بارىسلونا ياردەمچى پاس تەرتىۋىدە ئىككىنچى بولۇپ ،جەمئىي 36قېتىم، مادىد رىقابەت ئۈچىنجى ئورۇندا بولۇپ، 25 قېتىم.
ــــــــ بارىسلونا پاسلىشىش جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپ، 12726 قېتىم، مۇۋاپىقىيەتلىك قېتىم سانى 11051،
ــــــــ مادىد رىقابەت بولسا 8453 قېتىم بولۇپ، مۇۋاپىقىيەتلىك قېتىم سانى 6430 قېتىم.
ـــــــــ مەرگەنلەر رەت تەرتىپىدە ئالدىنقى 25 نىڭ ئىچىگە كىرگەن توپچى سانى بارىسلونادىن بەش توپچى، مادىد رىقابەتتىن ئۈچ توپچى كىرگەن.
يۇقىرىدىكى ھەر قانداق بىر سانلىق مىقدار پەقەت ئۆتمۇشنىڭ ، ھازىرغا كەلگۈسىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ،،،،،زادى قايسى كۇماندا ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈپ، ۈەلبىنى قولغا كەلتۈردۇ؟؟ بارىسلونا ئۆز ئورنىنى ساقلاپ قالالامدۇ ؟؟ مادرد رىقابەت بىر قانچە يىللاردىن بۇيان قايىتا بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە ئالدىغا ئۆتەلەمدۇ يوق؟ بۇ يەنىلا يەكشەنبە كۈنىدىكى مۇسابىقىدىكى تاكتىكا، بەدەن سۈپەت، رۇھىي ھالەتنى ئەڭ ياخىشى ھالەتتە ساقلاپ تۇرغان كۇماندىغا مەنسۈپ!!! |
|