elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1044|ئىنكاس: 17

ئون چوڭ ئەركىن يۆتكىلىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم
پولشا پۇتبول چولپىنى لېۋاندوۋسكى بۇ يىل يازدا دورتموندنىڭ بىرلەشمىدىكى قان رەقىبى بايرېن-ميۇنخېنغا ئەركىن ھالەتتە يۆتكەلمەكچى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەنگلىيە‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى› دۇنيادىكى ئون چوڭ ئەركىن يۆتكىلىشنى باھالاپ چىقتى.
1.ماك-مانامان(1999-يىلى لىۋېرپولدىن رېئال مادرىدقا يۆتكەلگەن)
        
ئانا كوماندىسى لىۋېرپولدا 9 يىل توپ تەپكەندىن كېيىن، ماك-مانامان لىۋېرپول بىلەن داۋاملىق توختام تۈزۈشنى رەت قىلىپ  ھەمدە بارسېلونا  ئىنتېر-مىلەن ۋە يۇۋېنتۇس  قاتارلىق زەردارلارنىڭ تەكلىپىنىمۇ رەت قىلىپ رېئال مادرىد بىلەن 5يىللىق توختام تۈزگەن. ئىسپانىيەگە كەلگەندىن كېيىن بۇ ئېنگلاندلىق يان ھۇجۇمچى رېئال مادرىدقا ياردەم قىلىپ 2قېتىم  بىرلەشمە چېمپىيونلىقى ۋە 2قېتىم ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشكەن ھەم 2000-يىلىدىكى چېمپىيونلۇق ھەل قىلغۇچتا  بىر توپ كىرگۈزگەن.

2.ھېنرىك-لارسون(2004-يىلى كىلىتلىقلاردىن بارسېلوناغا يۆتكەلگەن)
        
كامپ نودا لارسون ئالدى ھۇجۇمدىكى ئالدىن تاللاش ئەمەس ئىدى. بىراق ھەل قىلغۇچ ۋاقىتلاردا  دائىم ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلەيتتى. 2006-يىلىدىكى چېمپىيونلۇق ھەل قىلغۇچتا  زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان لارسون ئالدى-كەينى بولۇپ بېلېتتى ۋە ئېتوغا ھالقىلىق ياردەمچى پاس بېرىپ .بىر توپ ئارقىدا قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئارسېنالنى ئۇتۇپ لوڭقا كۆتۈرۈشكە چوڭ ياردەم قىلغان.

3.مايكول-باللاك(2006-يىلى بايرېن-ميۇنخېندىن چېلسىغا يۆتكەلگەن)
         
2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىدىن كېيىن باللاك بايرېن بىلەن داۋاملىق توختام تۈزمەستىن بەلكى ئېنگلاند زەردارى چېلسىغا ھەقسىز يۆتكەلگەن.  يارلىنىش تەسىرىدىن باللاكنىڭ ستانفورت كۆۋرىكىدىكى تۇنجى پەسلىدە ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولغان. 2007-2008 پەسلىدە باللاكنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسىنىڭ تۈرتكىسىدە چېلسى تارىخ يارىتىپ چېمپىيونلۇق ھەل قىلغۇچقا قەدەم قويغان.(ئاخىرىنى يازمىساممۇ ئۆزۈڭلار بىلىسىلەر.)  تۆت يىلدىن كېيىن باللاك  ستانفورت كۆۋرىكىدىكى قىسقىغىنە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، يەنە ھەقسىز يۆتكىلىش شەكلى بىلەن لېۋېركۇسېن كوماندىسىغا قوشۇلغان.

4.كامبېل(2001-يىلى توتتېنھام-رېسدىن ئارسېنالغا يۆتكەلگەن)
         
2001-يىلى يازدا توتتېنھام-رېس ئوتتۇرا بېكى كامبېل شىمالى لوندوندىكى ئەشەددىي رەقىبى ئارسېنالغا ھەقسىز يۆتكىلىپ پۇتبول ساھەسىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇپ ھەممىنى چۆچۈتكەن. ئەمەلىيەتتە ئارسېنالغا قېتىلغاندىن كېيىن كامبېل كەسپىي ھاياتىدا  زور مۇۋەپپىقىيەتكە  ئېرىشكەن. 2قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلىقىغا، 1قېتىم ئۇيۇشما لوڭقىسىغا ئېرىشكەن.(2003-2004پەسلىدە بىرلەشمىدە بىتمۇ مەيدان ئۇتتۇماي ).  ھەمدە 2006-يىلى چېمپىيونلۇق ھەل قىلغۇچقا كىرگەن.

5.ماركۇس-بابېل(2000-يىلى بايرېن-ميۇنخېندىن لىۋېرپولغا يۆتكەلگەن)
         
2000-يىلى يازدا ماركۇس-بابېل ئەركىن توپچى سالاھىيىتىدە  لىۋېرپولغا يۆتكەلگەن. قىزىل ئارمىيەدىكى تۇنجى پەسلىدە  بابېل كوماندىغا ياردەملىشىپ  ئۇيۇشما لوڭقىسى، بىرلەشمە لوڭقىسى ۋە  ياۋروپا بىرلەشمىسى لوڭقىسىغا ئېرىشكەن.  ھەمدە 2001-2002 پەسىلدىكى ئېنگلاندىكى ئەڭ قالتىس ئوڭ مۇداپىيەچى بولۇپمۇ باھالانغان.

6.لورېنتې(2013-يىلى بىلباۋ رىقابەتتىن يۇۋېنتۇسقا يۆتكەلگەن)
         
بىلباۋ رىقابەتتىكى ۋاقتىدا بۇ يىتىم بولسا ئىسپانىيەدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر  ئوتتۇرا ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرى دەپ قارالغان. 2013-يىلى يازدا توختام مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئىتالىيە زەردارى يۇۋېنتۇسقا قوشۇلغان. ئىپادىسىنىڭ بارا-بارا ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، كوماندىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن، ھەمدە تېۋېز بىلەن  ئۆتكۈر بولغان ھۇجۇم شەكلىنى بارلىققا  كەلتۈرگەن.

7.فرېدېل(2000-يىلى لىۋېرپولدىن  بلاكبۇرنغا يۆتكەلگەن)
               
2000-يىلى يازدا ئامېرىكىلىق داڭلىق ۋارتار فرېدېل لىۋېرپولدىن ئايرىلىپ  بلاكبۇرنغا يۆتكەلگەن. بلاكبۇرندىكى ۋاقتىدا ئاساسلىق ئەزا بولغان.  ئاللىبۇرۇن 40 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ ۋارتار ھېلىمۇ ھەم ئېنگلاند پۇتبول سەھنىسىدە  ئۆز قابىلىيىتىنى نامايەن قىلماقتا. ئۇ ھازىر توتتېنھام-رېس كۇلۇبىنىڭ زاپاس ۋارتارى.

8.كامبىياسسو(2004-يىلى رېئال- مادرىدتىن  ئىنتېر-مىلانغا يۆتكەلگەن)
         
مۇقىم بولغان مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن كامبىياسسو 2004-يىلى رېئال- مادرىدتىن ئايرىلىپ ئىنتېر-مىلانغا قوشۇلغان. ئىنتېر-مىلانغا قوشۇلغاندىن كېيىن بۇ ئارگېنتننالىق  ناھايىتى چاققانلا كوماندىنىڭ ئارقا بەلدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن. كۆك قوشۇنغا ياردەملىشىپ  4قېتىم بىرلەشمە چېمپىيونلىقىغا، ھەمدە 2010-يىلى ئۈچ شاھ بولغان. ئەكسچە بۇنى قولدىن چىقارغان رېئال- مادرىد خېلى بىر مەزگىلگىچە بۇرۇن كوماندىدا توپ تېپىپ ئايرىلغان فرانسىيەلىك داڭلىق ئارقا بەل ماكېلېلې نىڭ ئىز-باسارىنى تاپالمىغان.

9.روبېرت-باگگىئو(1997-يىلى ئاس مىلەندىن  بولونىيەگە يۆتكەلگەن)
      
باگگىئو كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتىدا ئىتالىيەدىكى ئۈچ زەرداردا(يەنى يۇۋېنتۇس  ئىنتېر-مىلەن ۋە ئاس مىلەندە) توپ تېپىپ باققان.  1997-يىلى ئاس مىلەندىن ئايرىلغان باگگىئو بولونىيەدە قايتىدىن چاقنىغان.
شۇ پەسىل بىرلەشمىدە 22توپ كىرگۈزۈپ  بۇ كۇلۇبنى 8-قىلغان. ھەمدە ئىتالىيە دەۋلەت كوماندىسىغا قايتىدىن چاقىرتىلىپ 1998-يىلىدىكى دۈنيا لوڭقىسىغا قاتناشقان.

10.پىرلو(2011-يىلى ئاس مىلەندىن يۇۋېنتۇسقا يۆتكەلگەن)
        
ئالەيگېرىنىڭ قولىدا ئاساسلىق ئەزا ئورنىغا چىقالمىغان بۇ ئوتتۇرا مەيدان ئۇستىسى 2011-يىلى يازدا ئاس مىلەندىن ئايرىلىپ يۇۋېنتۇسقا قوشۇلغاندىن كېيىن كوماندىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى چوڭ مېڭىسىگە ئايلانغان، ھەمدە كوماندىغاياردەملىشىپ 6يىلدىن   كېيىن قايتىدىن  بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئېرىشكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-8 23:11:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

رىئال مادىرتمۇ ھەقىسز ئادەم ئالىدىكەن ھە ...  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-8 23:30:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
WiRoS يوللىغان ۋاقتى  2014-1-8 17:11
رىئال مادىرتمۇ ھەقىسز ئادەم ئالىدىكەن ھە ...

خەمىت ئالتۇنتۇپنىمۇ ئەركىن توپچى قاتارىدا قېتىۋالغان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-8 23:31:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاكانىڭ ھەقسىز مىلانغا كەتكىنى كىرمەپتۇيا ؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-8 23:33:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
WiRoS يوللىغان ۋاقتى  2014-1-8 23:11
رىئال مادىرتمۇ ھەقىسز ئادەم ئالىدىكەن ھە ...

تۇنجىسى ئەمەسمۇ ئەمدى ئۇنداق  بولمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-8 23:34:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھادىر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-8 23:31
كاكانىڭ ھەقسىز مىلانغا كەتكىنى كىرمەپتۇيا ؟؟؟

Xuni  danga ..kaka  untuluptu ..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-8 23:37:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9مۇرادىل يوللىغان ۋاقتى  2014-1-8 23:33
تۇنجىسى ئەمەسمۇ ئەمدى ئۇنداق  بولمايدۇ


مەن تېخى مادىرتتا پۇل جىق بولغاندىن كيىن پۇل تۇلەپلا ئەكىۋىۋالامدىكىن دىگەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-8 23:42:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھادىر يوللىغان ۋاقتى  2014-1-8 23:31
كاكانىڭ ھەقسىز مىلانغا كەتكىنى كىرمەپتۇيا ؟؟؟

كاكانىڭ ھەقسىز يۆتكىلىشىدە چۇقۇم بىر سىر بار بۇنداق يۆتكىشىكە كىرەلمەيدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-8 23:43:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
WiRoS يوللىغان ۋاقتى  2014-1-8 23:37
مەن تېخى مادىرتتا پۇل جىق بولغاندىن كيىن پۇل تۇلەپلا  ...

شۇ  چاغدا   نىسى مالدىن   تەلىيمىز  كەلمەي قالدى  شۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-8 23:45:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9مۇرادىل يوللىغان ۋاقتى  2014-1-8 23:43
شۇ  چاغدا   نىسى مالدىن   تەلىيمىز  كەلمەي قالدى  شۇ

ھې ھې ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-8 23:55:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالگىرى دىگەن دۆت باكا پىئىرلۇنى يوق قىلغانتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-9 00:07:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوندامۇ ھەقسىز كەلدى مانا...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-20 01:23

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش