- تىزىملاتقان
- 2011-2-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7908
- نادىر
- 19
- يازما
- 7908
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توپ تەپكۈچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-8 22:58
رىبىرى : مېنىڭ « ئالتون توپ » قا ئېرىشىش پۇرسىتىم ئەڭ يۇقۇرى !
يەنە بىر ھەپتىدىن كېيىن 2013-يىللىق « ئالتون توپ » تارقىتىش مۇراسىمى ئېلىپ بېرىلىدۇ .رونالدو ،رىبىرى ،مېسسى قاتارلىقلار ئالدىنقى ئۈچ نامزات .كىمنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ھازىرچە نامەلۇم ! لېكىن يېقىندىن بۇيان پارىژ پۇتبول ژۇرنىلى قاتارلىق دۇنيادىكى كۆپلىگەن داڭلىق تاراتقۇلار : « ئالتون توپنى رونالدونىڭ ئېلىشى مۇقىملىشىپ بولدى دەپ خەۋەر ئېلان قىلدى » لېكىن بايرىن پادىشاھى رىبىرى بۈگۈن زىيارەت قوبۇل قىلغاندا ئۆزىگە قاتتىق ئىشەنگەن ھالدا مۇنداق دېگەن .بىز ئۆتكەن بىر يىلدا ياخشى نەتىجە ياراتتۇق .مەن قىلغان ئەجرىمگە ئاساسەن « ئالتون توپ » نى ساقلاۋاتىمەن .بۇ جەھەتتە مېنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش پۇرسىتىم يۇقىرى .ھېچكىم شۇ چاغدا قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ .ھەرقانداق ئىش يۈز بېرىشى مۇمكىن ! ئالتون توپتىن تېخى ۋاز كەچكىنىم يوق !
خەۋەردە كۆرسىتىلىشچە ،رىبىرى ھازىر كوماندا ئەزالىرى بىلەن بىرگە قاتارنىڭ دۇھادا قىشلىق مەشق ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ ،مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىردا رىبىرى بۇ يەردىن بىۋاسىتە پارىژغا قاراپ ئۇچىدىكەن .ھەمدە ئۆزى ئېلىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئالتون توپ تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىكەن .بايرىن تېرىنىرى گۇئادىئالا مۇنداق دېگەن .2013-يىلى رىبىرىنىڭ كوماندىغا قوشقان تۆھپىسى ھەقىقەتەن چوڭ بولدى .كوماندىنىڭ ھازىرقىدەك مۇۋاپىقىيىتى رىبىرنىڭ قالتىس ئىپادىسىدىن بولغان .يەنە بىرسى ، رىبىرىنىڭ فرانسىيە دۆلەت كوماندىسىدىكى ئىپادىسىمۇ ئوخشاشلا ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن 2013-يىللىق « فرانسىيە پۇتبول ئەپەندىسى » شەرىپىگە ئېرىشتى .رىبىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ مۇكاپات رىبىرىغا بېرىلمىسە ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ .ئېھتىمال كېيىن پۇرسىتى كەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن !
توپ تەپكۈچى |
|