- تىزىملاتقان
- 2012-1-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-1-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1549
- نادىر
- 2
- يازما
- 1542
|
ئەسسلامۇ -ئەلەيكۇم !! قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىنىڭ ئېچىلىشىغا بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ۋاقىت قالغان مۇشۇ پەيىتلەردە ، ئېنگىلاند زەردارلىرى ھېچقانداق تىۋىش چىقارمىدى . بەلكىم خۇددى بۇرۇنقىدەك خوشاللىق ئىشلار كەينىدىدۇ ! خۇددى بۇلتۇر ئارسىنال بازار تاقىلىشىغا ئازلا قالغاندا 42مىليون 500 مىڭ فونىستېرلىڭلىق يۇقىرى باھا بىلەن ئۆزىلنى قوشۇۋېلىپ ، پۇتۈن ئېنگىلاندنى زىل-زىلگە سالغاندەك . بۇ مۇسابىقە پەسلىدە ئېنگىلاند زەردارلىرىنىڭ نەتىجىسى بولتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى . شۇڭا بۇ قېتىملىق قىشلىق بازاردا ئېنگىلاند زەردارلىرى بەلكىم بۇ بازارنىڭ ئەڭ چوڭ خېرىدارلىرى بولۇپ قېلىشى مۆمكىن . ئېنگىلاند ‹‹ ئوفسايىت كۈزىتىش ›› ئاخباراتى يۆتكىلىش ئېھتىماللىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان 10 چوڭ يۆتكىلىشنى باھالاپ چىققان . قېنى دېققىتىڭلار تۆۋەندىكى مەزمۇنلاردا بولسۇن !!!
1 . دىمارىيا
سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى كۇلۇب : مانچىستېر بىرلەشمىسى
دىمارىيا بولسا بېلنىڭ خانلىق مادرېدقا قوشۇلۇشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان قۇربانلىق . گەرچە مەيدانغا چىقىشى خېلى تۇراقلىق بولۇپ ، بۇ پەسىل 24 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ 6 توپ ئۇرۇپ 8 ياردەمچى پاس بەرگەن بولسىمۇ ، لېكىن رىقابەت كۈچى ئالدىنقى پەسىللەرگە قارىغاندا خېلىلا كۈچلۈك . ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە 16 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ ،12 مەيدان مۇسابىقىدە ئاساسلىق ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىققان بولسىمۇ ، 8 قېتىم مەيداندىن ئالماشتۇرۇپ چۈشۈرىۋېتىلدى ، 4 قېتىم زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى . بۇ ئارگېنتىنانىڭ يان ھۇجۇمچىسىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، ئەمدى ئۆزىنىڭ كەسپى ھاياتىدىكى كېيىنكى قەدىمىنى قانداق بېسىشنى ئويلىشىدىغان ۋاقىت كەلدى . دىمارىيا ئەمدىلا 25 ياشقا كىردى ، ئەڭ ئېسىل ئالتۇن دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان بۇ پەيىتلەردە ، ۋاقىتنى مادرېدتا بۇنداق ئىسراپ قىلىۋېتىش ئاقىلانىلىك ئەمەس . ئىگەللىنىشىچە ، يان يولنى تازىلاشىقا تەييارلىق قىلىۋاتقان مانچىستېر بىرلەشمىسى دىمارىيانىڭ كېيىنكى ئائىلىسى بولۇپ قېلىشى مۆمكىن .
2 . دېمبابا
سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى كۇلۇب : غەربى ھام كۇلۇبى
بۇ يىل 28 ياشقا كىرگەن دېمبابا يان ھۇجۇمچى ، سېنگال دۆلەت كوماندىسىنىڭ غوللۇق ئەزاسى ، ئۇ خوفېنھامدا ھەقىقى تۈردە تونۇلۇشقا باشلىغان . 2011-يىلى 1-ئايدا ئىجارە شەكلىدە غەربى ھام كۇلۇبىغا قوشۇلۇپ ، ئىنگىلاندقا قەدەم باسقان . لېكىن كۇلۇبىنىڭ دەرىجە ساقلاپ قېلىشىغا ئامال قىلالمىغان . شۇ يىلى يازدا نېۋكاستېل ئەركىن توپچى ھالىتىدىكى دېمبابانى ھەقسىز قوشۇۋالغان . بۇ سېنگاللىق ھۇجۇمچى نېۋكاستېلغا قوشۇلۇپ 54 مەيداندا 29 توپ ئۇرۇپ ، قايتا تىرىلگەن . بۇ ھالەت چېلسىنى قىزىقتۇرغان ،ھەمدە بۇلتۇر 1-ئايدا چېلسىغا قوشۇلغان . ئىلگىرى مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى قارىلىپ كېلىۋاتقان دېمبابا سىتانفورتقا كېلىپلا كارغا كەلمەي قالدى . ھازىرغا قەدەر چېلسىغا ۋەكالىتەن 22 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ ئاران 3 توپ ئۇردى . بۇ ھالەت چېلسىنىڭ تېرىنېرى مورىنھونى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى . بۇ يىل قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا دېمبابا غەربى ھام كۇلۇبىغا قايتىشى مۆمكىن .
3 . موراتتا
سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى كۇلۇب : ئارسىنال
ئارسىنالدا ھازىر ئەڭ كەم بولۇۋاتقىنى دەل ھۇجۇمچى . ھۇجۇمچىنىڭ قەدرى تازا ئۆتۈلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە ۋالكوتنىڭ يارىلىنىشى ۋېنگېرنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويغا پاتتۇردى . شۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىملىق قىشلىق يۆتكىلىش بازىرىدا ۋېنگېر ھۇجۇمچى سېتىۋالمىسا بولمايدىغان ھالەت شەكىللەندى . ھازىر قوشۇلۇش ئېھتماللىقى ئەڭ يۇقىرى ، ۋېنگېرنى ئەڭ قىزىقتۇرۇۋاتقان ھۇجۇمچى بولسا دەل خانلىق مادرېد ئۈمىد يولتۇزى دەپ قارىلىۋاتقان ئارۋالو . موراتتا . موراتتا بۇ يىل 21 ياش ، خانلىق مادرېد ياشلار مەشىق بازىسىدىن چىققان تالانتلىق ھۇجۇمچى . 2011-يىلى مورېنھو بىرىنچى كوماندىغا تاللاپ چىققان . بۇ پەسىل موراتتانىڭ مەيدانغا چىقىشى كۆپىيىپ قالغان بولسىمۇ ، بىرلەشمە ۋە ئۇزغۇنلۇقتىكى 12 مەيدان مۇسابىقىدە 2 توپ ئۇرۇپ 1 ياردەمچى پاس بەرگەن . رىقابەت كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇۋاتقان خانلىق مادرېدتا موراتتا پەقەت كوماندىدىن ئايرىلىشنى تاللىشى مۆمكىن .
4 . لوك . دېرون
سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى كۇلۇب : نېۋكاستېل
لوك . دېرون بۇ يىل 23 ياش . مەيداندىكى ئورنى ھۇجۇمچى بولۇپ ، گوللاندىيە بىرلەشمىسىدىلا تونۇلۇشقا باشلىغان . 2012-يىلى يازدا ، گىرمانىيە بىرلەشمىسى مېنشىن گېلادباخ كۇلۇبىغا قوشۇلغان . ئالدىنقى پەسىلدە دېرون 23 مەيدان مۇسابىقىدە 6 توپ ئۇرغان . ئىپادىسىنىڭ ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى بۇ تالانتلىق ھۇجۇمچىنى گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىدىن بارا-بارا يىراقلاشتۇرۇۋەتتى . بۇ پەسىلمۇ دېروننىڭ ئىپادىسى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس . 13 مەيدان مۇسابىقىدە 0 توپ ئۇرۇش ، 0 ياردەمچى پاس بېرىشتەك ناچار نەتىجە ياراتتى . ئەگەر مۇشۇنداقلا ماڭسا دېروننىڭ بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش ئارزۇسى كۆپۈككە ئايلىنىدۇ . دېرونغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، مېنشىن گىلادباخ كۇلۇبىدىن ئايرىلىش ئەڭ ياخشى تاللاش بولۇشى مۆمكىن . نېۋكاستېلنىڭ تېرىنېرىمۇ دەرھال ھۇجۇمچى سېتىۋېلىپ ، كۇماندىنىڭ رېمېيغا تايىنىۋېلىشىنى يېنىكلەتمەكچى .
5 . جېكسون . مارتېنىس
سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى كۇلۇب : ئارسىنال
ئارسىنال ھازىر ھۇقۇمچى كىرگۈزۈشكە بەكلا ئالدىراۋاتىدۇ . ۋېنگېرنىڭ ھۇجۇم سېپىنى كۈچلەندۈرۈشىدىكى يەنە بىر نامزات دەل جېكسون . مارتېنىس . بۇ ھۇجۇمچى ياۋروپادا ئىنتايىن قىززىق نوقتا بولۇۋاتقان پۇتبولچىلارنىڭ بىرى . ئۇ بۇ يىل 27 ياش بولۇپ ، كولۇمبىيە دۆلەت كوماندىسى ئەزاسى . 2012-يىلى يازدا بورتۇ كۇلۇبىغا قوشۇلغان . شۇندىن كېيىن بىراقلا پارتىلاپ ، يېقىنقى 65 مەيدان مۇسابىقىدە 50 توپ ئۇرۇپ ، توپ ئۇرۇشتىكى يۇقىرى ئۈنۈمى بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان . بۇنىڭ ئىچىدە بۇ پەسىل 23 مەيدان مۇسابىقىدە 16 توپ ئۇرۇپ 1 ياردەمچى پاس بەرگەن . مارتېنىس ۋېنگېرنىڭ دېققىتىنى تارتقىلى خېلى بولۇپ قالدى . بىراق يۆتكىلىش سوممىسى ۋېنگېرنىڭ ئادىدىكى بىر تاغ . چۈنكى بۇ كولۇمبىيەلىك ھۇجۇمچىنىڭ يۆتكىلىش باشلانغۇچ باھاسى 30 مىليون فونىستېرلىڭ ، بۇ باھاغا ئارسىنال سېتىۋالامدۇ-يوق ؟ بۇ تېخى نامەلۇم .
6 . ۋۇچىنېچ
سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى كۇلۇب : توتېنھام رېس
بۇلتۇر يازدا ، بوئاس 100 مىليون فونىستىرلىڭ خەجلەپ بىر توپ يارىماسلارنى كۇلۇبقا قوشۇۋالدى . ھەم مۇشۇ يارىماسلارنىڭ ئىپادىسىنىڭ ياخشى بولماسلىقى بىلەن كۇلۇب نەتىجىسى تۆۋەنلەپ ، بوئاسنىڭ ئىشسىز قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالدى . ( بۇ ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىش دېسەك قانداق بولا ؟؟ ) . بوئاس يېتەچىلىكىدىكى توتېنھام رېس كوماندىسى ھۇجۇم كۈچى جەھەتتە ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىدىكى ئەڭ ناچار نەتىجىنى ياراتتى . پۇتكۈل كوماندىنىڭ ئومۇمى ئۇرغان توپى ھەتتا سۇئارېزنىڭ ئۇرغان توپىچىلىكمۇ بولدى . بوئاس تەخىتتىن چۈشكەندىن كېيىن ئادېبايور قايتا تىرىلدى ، ھەم سوردادونىڭ ئەسلىگە قايتىشى بىلەن ئۇرغان توپ سانىدا بارا-بارا ئېشىش بولدى . رېسقا نىسبەتەن بۇ كۇپايە قىلمايدۇ . رېس كۇلۇبى بىرلەشمە ۋە ئۇزغۇنلۇقتا ئۇتۇق قازىنىمەن دەيدىكەن چوقۇم قان تولۇقلىشى كېرەك . ۋۇچىنېچ بولسا ياخشى نامزات . ئۇ بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ ، رىم ۋە يۇۋېنتۇستىكى ئىپادىسى يەنىلا كىشىنى قايىل قىلغان ھەم قايىل قىلىدۇ . يۇۋېنتۇسقا لورېنتې ۋە تېۋېزلارنىڭ قوشۇلۇشى ئۇنى بارا-بارا چەتكە سۈرۈپ قويدى .
7 . ھىگۇايىن
سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى كۇلۇب : چېلسى
فالكاۋ ، كاۋانى ، ماتېنىس ؟؟؟ ياق ، مۇرېنھو ئەڭ پىششىق بىلىدىغىنى يەنىلا ھىگۇايىن . خانلىق مادرېدتىكى 3 پەسىل تېرىنېرلىق قىلغان مۇرېنھو ھىگۇايىننى قانداق ئىشلىتىشنى ئوبدان بىلىدۇ . ھىگۇايىن بۇ يىل 26 ياش . ئارگېنتىنا دەريا قېنى كوماندىسىدىن چىققان . 2007-يىلى 1-ئايدا خانلىق مادرېدقا قوشۇلغان . ھىگۇايىن خانلىق مادرېد ئۈچۈن 264 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ ، 122 توپ ئۇرۇپ 46 ياردەمچى پاس بەرگەن . بۇلتۇر يازدا كىشىنى ھەيران قالدۇرغان خەۋەرنىڭ بىرسى دەل مادرېدنىڭ ھىگۇايىننى ناپولى كۇلۇبىغا سېتىۋەتكەنلىكى بولدى . بۇ پەسىل ھىگۇايىن 23 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ 14 توپ ئۇرۇپ 7 ياردەمچى پاس بەردى .
8 . ئادام . لاللانا
سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى كۇلۇب : مانچىستېر بىرلەشمىسى
ئادام . لاللانا يېقىنقى ئىككى مۇسابىقە پەسلىدە كىشىلەر دېققەت قىلىشقا باشلىغان توپچى . بۇ يىل 25 ياش بولۇپ ، يان ھۇجۇمچى . شۇنداقلا ھۇجۇم خاراكتىرلىك ئوتتۇرا مەيدانمۇ ئوينايدۇ . ھەقىقى مانچىستېر ئېھتىياجىلىق تىپتىكى توپچى . ئۇ جەنۇبى ئامپىتون ياشلار مەشىق بازىسىدىن يېتىشىپ چىققان . ئۇ ئىزچىل كۇلۇبى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ ، دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە ئۆرلەپ چىقىشىغا زور كۈچ قوشقان . ھازىر ئېنگىلاند دۆلەت كوماندىسى كۈزۈتىۋاتقان نوتىنىڭ بىرسى . لاللانا بۇ پەسىل بىرلەشمىدە 20 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ 4 توپ ئۇرۇپ 6 ياردەمچى پاس بەرگەن . ئۇ بۇ پەسىلدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان ئېنگىلاند توپچىلىرىنىڭ بىرى .
9 . مۇھەممەد . سالاھ
سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى كۇلۇب : لىۋېرپول
لىۋېرپول سالاھ بىلەن بىرلىككە كېلىپ بولدى دىگەن خەۋەر ئۇچۇپ يۈرگىلى خېلى بولۇپ قالدى . بىراق تېخىچىلا ئەمىللەشمىدى . بۇ يىل 21 ياشقا كىرگەن سالاھنىڭ ‹‹ مىسىردىكى مېسسى ›› دىگەن چىرايلىق نامىمۇ بار . يان ھۇجۇمچى . 2012-يىلى يازدا باسېل كۇلۇبىغا قوشۇلغان . كېيىنكى پەسىلدىن باشلاپ چاقناشقا باشلىغان . ئۇ كۇلۇبىبىلەن بىرلىكتە شىۋېتسارىيە بىرلەشمە چىمپىيونى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر شەرىپىگە ئېرىشكەن . بۇ پەسىل سالاھ 6 مەيدان ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسىدا 2 توپ ئۇرغان . بۇ ئىككىلى توپى چېلسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۇرۇلغان . ساھىبخان ۋە مېھمان مەيداندا بىردىن ئۇرۇپ ، چېلسىنى ئىككىلا مەيداندا بوغۇزلاپ تاشلىغان . دۆلەت كوماندىسىدا سالاھنىڭ ئىپادىسى ئوخشاشلا ئىنتايىن قالتىس بولۇپ ، 27 مەيدان مۇسابىقىغا قاتنىشىپ 17 توپ ئۇرۇپ 10 ياردەمچى پاس چقارغان .
10 . كاسىللاس
سېتىۋېلىش ئېھتىماللىقى يۇقرى كۇلۇب : مانچىستېر شەھەر
خانلىق مادرېد ئىچىدىكى زىددىيەت تۈپەيلى ، مۇرېنھو كاسللاسنى ‹‹ پېچەتلىگەن ›› ئىدى . ھېچكىم بۇنىڭ خانلىق مادرېد كاپىتانىنىڭ قورقۇنۇشلۇق چۈشىنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغانىدى . گەرچە مۇرېنھو خانلىق مادرېدتىن ئايرىلغان بولسىمۇ ، كاسىللاس تېخىچىلا ئاساسلىق ئورنىغا چىققىنى يوق . ئەن دوختۇر كېلىپمۇ كاسىللاسنى ئۇزۇن مەزگىل ئورۇندۇققا بەنىت قىلدى . بۇندىن بۇرۇن ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى تېرىنېرى بوسېك : ‹‹ كۇلۇبدا ئاساسلىق ئورۇندا ئوينىيالمايۋاتقان توپچىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدا ئاساسلىق ئورۇنغا ئېرىشىش تەس ! ›› دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ ، كاسىللاسقا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەندەك قىلغانىدى . بىراق كاسىللاس يەنىلا دۆلەت كوماندىسىدىكى ئەڭ ئىشىنىشكە بولىدىغان توپچى . ئۇنىڭ ۋارتار ئالدىدىكى ئىپادىسى ئاللا بۇرۇن ھەممنى قايىل قىلىپ بولغان . جۈملىدىن بوسېكمۇ ھەم شۇ . كاسىللاس دۇنيا لوڭقىسىغا ئەڭ ياخشى ھالىتىدە قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ . ھازىر مانچىستېر شەھەر كوماندىسى ۋارتار ئالماشتۇرۇشنى پىلان قىلىۋاتىدۇ . پېللېرگىنىنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ياخشى نامزات يەنىلا كاسىللاس . خارتنىڭ ئىپادىسنىڭ تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقى بۇ ئېنگىلاندنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق ۋارتارىنىڭ كۇلۇبتىكى ئورنىغا تەھدىد بولۇپ قالدى .
|
|