akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 1539|ئىنكاس: 39

كاكانىڭ 10 داڭلىق سەبدېشى !!!~

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

   كاكانىڭ مىلاندىكى 100 توپىنى ئۇرۇپ ، بۇ ئۆتكەلدىنمۇ ياخشى ئىپادىسى بىلەن ئۆتۈپ كەتتى . بۇ 100 توپنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۇنچە ئاسان بولمىدى ، شۇنداقلا بۇنى كوماندىدىكى سەبداشلىرىنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە ! كاكانىڭ پۇتبولچىلىق مۇساپىسىدە ، مەيلى دۆلەت كوماندىسدا بولسۇن ، مەيلى مىلاندا بولسۇن ۋە مەيلى خانلىق مادرېدتا بولسۇن دۇنياۋى داڭلىق سەبداشلار كەم بولغان ئەمەس . تۆۋەندە مەن كاكانىڭ 10 داڭلىق سەبدىشىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن !! قېنى كەتتى ئەمسە ...

   1 . كاكا ۋە شېفچېنكو

1.jpg

   كاكا بىلەن شېفچېنكو 3 يىل سەبداش بولۇپ بىرلىكتە جەڭ قىلغان . 2004 \ 2003 -يىللىق مۇسابىقە پەسلى كاكا ۋە شېفچېنكونىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدىكى ۋاقىتلىرى ئىدى . شۇ پەسىلدە مىلان ئىتالىيە بىرلەشمە چىمپىيونى ۋە ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى بولغان . كاكا ۋە شېفچېنكو ئىككىلىسى ئۆز ئالدىغا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن . كاكا بۇ پەسىلدە ئىتالىيە بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر چەتئەللىك ماھىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . شېفچېنكو بولسا 24 توپ كىرگۈزۈپ بىرلەشمە مەرگىنى ئالتۇن ئاياق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن . شۇ پەسىلدە بۇ ئىككى سەبداش بىرلىكتە مىلان ئۈچۈن 43 توپ كىرگۈزگەن . شۇ يىلى شېفچېنكو ياۋروپا ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .

   2 . كاكا ۋە ئىنزاگى

2.jpg

   كاكا بىلەن ئىنزاگى مىلان ئۈچۈن بىرلىكتە 2003-يىلىدىن 2009-يىللىق مۇسابىقە پەسلىگىچە كۈچ چىقارغان . ئىككىسى بىرلىكتە مىلاننىڭ بىر ئىتالىيە بىرلەشمە چىمپىيونى ( 04 \ 03 مۇسابىقە پەسلى ) ، بىر ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى ( 04 \ 03 مۇسابىقە پەسلى ) ، بىر ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى ( 07 \ 06 مۇسابىقە پەسلى ) ، ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى ( 2007-يىلى ) ۋە دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى چىمپىيونى ( 2007 -يىلى ) قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشىشىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان . 2007-يىلى كاكا بىلەن ئىنزاگى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە قەدەم قويدى . 07 \ 06 يىللىق ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە كاكا 13 مەيدان مۇسابىقىدە 10 توپ ئۇرۇپ ، مىلاننىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىشىگە زور تۆھپە كۆرسەتكەن . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بولسا ئىنزاگى 2 توپ ئۇرۇپ ، مىلاننىڭ 7-ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى ئېلىشىغا زور تۆھپە كۆرسەتكەن . بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنزاگىنىڭ 2-توپى دەل كاكانىڭ ياردەمچى پاس تاشلىشىنىڭ نەتىجىسى ئىدى .

   3 . كاكا ۋە پېرلو

3.jpg

   كاكا بىلەن پېرلونىڭ مىلاندىكى سەبداشلىقىمۇ 2003-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە بولغان . بۇ ئىككىسىمۇ ھەم يۇقىرىدا ئىنزاگى بىلەن ئېرىشكەن شانلىق نەتىجىلەرگە شاھىد بولغۇچىلار ۋە شۇ شەرەپلەر ئۈچۈن ئاداققىچە جەڭ قىلغۇچىلار . يۇقىرى پەللىدىكى مىلان دەۋرىدە ، كاكا بىلەن پېرلو مىلاننىڭ قوش يادروسى ئىدى . بۇ ئىككىسىنىڭ بولۇشى مىلاننىڭ كۈچىنى ھەقىقى تۈردە نامايان قىلغان ئىدى .

   4 . كاكا بىلەن سىدروف

4.jpg

   كاكا بىلەن سىدروفمۇ ھەم 2003-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە سەبداش بولغان ۋە يۇقىرىدىكى شانلىق نەتىجىلەرنى تەڭ ياراتقان . 2007-يىلىدىكى ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى كاكا ۋە سىدروفتىن تەشكىللەنگەن مىلان ئالدى بەل سېپى لىۋېرپولنى مەغلۇپ قىلىپ چىمپىيون بولۇشتىكى خەنجەر بولغانىدى .

   5 . كاكا بىلەن نېستا

5.jpg

   كاكا بىلەن نېستامۇ ھەم بىرلىكتە مىلاننىڭ ئەڭ شانلىق دەۋرىنى ياراتقان تۆھپىكارلار ھېسابلىنىدۇ . 2007-يىلىدىكى شانلىق نەتىجىلەر نېستانىڭ مۇداپىيەدىكى جەڭگىۋارلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئەلۋەتتە . شۇ يىلىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە كاكا بىلەن نېستا ئىككىلىسى تاللانغان ئىدى . بۇ ئىككى چولپان نەچچە قېتىم ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكلىگە تاللانغان بولسىمۇ ، بۇ قېتىمقىسى بۇ ئىككىسىنىڭ بىرلىكتە تاللىنىشى ھېسابلىنىدۇ .

   6 . كاكا بىلەن مالدىنى

6.jpg

   كاكا بىلەن مالدىنى ئوخشاشلا سان-سېرو شاھزادىلىرى بولۇپ ، بۇ ئىككى شاھزادە سان-سېرودىن 2009-يىلى تەڭلا ئايرىلغان . مالدىنى ئۆزىنىڭ 24 يىللىق باھارىنى مىلان ئۈچۈن قۇربان قىلغان . كاكانىڭ سان-سېروغا قايتىپ كېلىشى ئۇنىڭ سان-سېروغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ ئۈزۈلمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ . مالدىنى چېكىنىشتىن ئاۋال كاكانىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا كاپىتان بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ ، كاكامۇ ھەم مالدىنى بىلەن تەڭلا مىلاندىن ئايرىلدى . كاكا خانلىق مادرېدقا قوشۇلغان بولسىمۇ ، مالدىنىنىڭ كاكاغا بولغان ئىشەنچىسى ئۈزۈلمىگەنىدى . مىلان كاكانى سېتىۋەتكەندە مالدىنى : ‹‹ كاكانى قويۇپ بېرىش چوڭ يۇقىتىش بولدى . ئۇنىڭ ئايرىلىشى مىلاننىڭ بىر دەۋرىنىڭ  ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ شۇنداقلا تارىخى بۇرۇلۇش بولۇشى مۆمكىن . كاكا بولمىغان مىلاننىڭ ئۇزغۇنلۇق چىمپىيون بولمىقىى تەس ! ›› دەپ ئىپادە بىلدۈرگەنىدى .

   7 . كاكا بىلەن رونالدو

7.jpg

   2002-يىلى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە سىكولارى كاكانى دۆلەت كوماندىسىغا تاللىغانىدى . ئۇ پەقەت 25 مىنۇتلا مەيدانغا چىققان بولسىمۇ رونالدو ، رىۋالدو ۋە رونالدىنھولارنىڭ ئېسىل ماھارىتىدىن ھوزۇرلانغان ۋە ئۆرنەك ئالغان . بولۇپمۇ رونالدونىڭ 8 توپ ئۇرۇپ بىرازىلىيەنى چىمپىيون قىلىشى ئۇنىڭغا چوڭقۇر تەسىرلەرنى قالدۇرغان . 2006-يىلىمۇ رونالدو بىلەن كاكا دۇنيا لوڭقىسىغا مېھمان بولۇپ كەلدى . گەرچە فىرانسىيە تەرىپىدىن شاللىۋېتىلگەن بولسىمۇ ، كاكا كىرودىيە بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ئۆزىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى بىرىنچى توپىنى ئۇرۇپ كىرگۈزدى . رونالدو بولسا 3 توپ ئۇرۇپ دۇنيا لوڭقىسىدىكى 15 توپلۇق رېكورتىنى ياراتتى . 2007-يىلى 1-ئايدا رونالدو مىلانغا قوشۇلدى ۋە كاكا بىلەن كۇلۇبتىكى سەبداشلىق قەدىمىنى باستى .

   8 . كاكا بىلەن رونالدىنھو

8.jpg

   2008-يىلى 7-ئايدا ، رونالدىنھو مىلان بىلەن 3 يىللىق توختام تۈزدى . شۇنداقلا كاكا بىلەن سەبداش بولۇپ قالدى . رونالدىنھو سان-سېرودىكى 95 مەيدان مۇسابىقىسىدە 25 توپ ئۇرۇپ 29 ياردەمچى پاس بەردى . كاكا بىلەن ئىككىسى بۇ بىر يىللىق كۇلۇب شەبداشلىق ھاياتىدا ھېچقانداق لوڭقىغا ئېرىشەلمىدى . دۆلەت كوماندىسىدا بولسا ،نۇرغۇن مۇسابىقىلەردە ئەڭ چاقنىغان چولپان بولۇپ ، بىرازىلىيە توپ مەستانىلىرىغا ھوزۇر ئاتا قىلدى .

   9 . كاكا بىلەن كىرىستىيانو . رونالدو

9.jpg

   كاكا پۇتبولچىلىق ھاياتىدا ئۈچ ‹‹ رونالدو ›› نىڭ ھەممىسى بىلەن سەبداش بولۇپ بېقىپتۇ . 2009-يىلى كاكا 68مىليۇن 500مىڭ ياۋرولۇق يۇقىرى باھا بىلەن خانلىق مادرېدقا قوشۇلۇپ ، كېرىستىيانو . رونالدونىڭ ھەمكاردېشى بولۇپ قالدى . كىشىلەر بۇ ئىككى ‹‹ ئالتۇن توپ ›› ساھىبىدىن بەك چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتكەنىدى . لېكىن ئويلىغىنىدەك بولمىدى . گەرچە بۇ ئىككىسى 2011 \ 2010-يىللىق ئىسپانىيە شاھلىق لوڭقىسى ، 2012 \ 2011-يىللىق بىرلەشمە چىمپىيونى ۋە 2012-يىللىق دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چىمپىيونى بولغان بولسىمۇ ، كاكانىڭ قايتا -قايتا يارىلىنىشى بۇ ئىككى ئالتۇن توپ ساھىبىنىڭ خانلىق مادرېدتا بىرلىكتە مۆجىزە يارىتىشىغا مۆمكىنچىلىك يارىتالمىدى .

   10 . كاكا بىلەن بالوتېلى

10.jpg

   كاكانىڭ مىلانغا قايتا قەدەم بېسىشىدا بالوتېلى ئۇنىڭ ھەمكاردىشى بولۇپ قالدى . يۇقىرىدىكى كاكانىڭ سەبداشلىرىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، كاكا بىلەن بالوتېلىنىڭ ماڭىدىغان مۇساپىسى تېخى ئۇزۇن ، ئورۇندايدىغان ۋەزىپىسى تېخىمۇ مۈشكۈل . بالوتېلى بىلەن كاكانىڭ ھەمكارلىقىدىكى مىلاننىڭ ھازىرقى ھالىتى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس . كاكانىڭ ئىپادىسى بارا-بارا ئەسلىگە كېلىۋاتقان مۇشۇ پەيىتلەردە ، ھەممە بالوتېلى بىلەن كاكا ھەمكارلىقىدىكى مىلاننىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +250 يىغىش سەۋەبى
تۇمشۇق + 50 قالتىس!
سەۋدا + 50 قالتىس!
ankar528 + 50 قوللاش!
9مۇرادىل + 50 قوللاش!
dilmurat. + 50 قالتىس!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 21:50:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dilmurat. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-7 06:59  

ئەجىرلىك تېما بوپتۇ

كاكانىڭ ئا س  مىلانغا كەلگەندىن بۇيانقى ئىپادىسى ياخشى بولۇۋاتىدۇ  ... مۇشۇ ئىپادىسى بىلەن ماڭسا دۇنيا لوڭقىسىدا كۆرەلىشىمىز مۇمكىن

ئەگەر كاكا ئاستىدىكى فىلىمدىكى 15- توپنى ئۇرۇش ئۈچۈن قالتىس ئۆتكۈر پاس بەرمىگەن بولسا بەكلىم بۇ فىلىمدىكى رىكورتمۇ بولمىغان بولاتتى . لىكىن 15-توپ ھەقىقى يۇقۇرى سەۋىيە بىلەن ئۇرۇلغاندە





پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-1-7 21:51:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
dilmurat. يوللىغان ۋاقتى  2014-1-7 21:50
ئەجىرلىك تېما بوپتۇ

رەھمەت !!!~ ئەپەندوم .... كۆرۈنمەيسىزغۇ ؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 21:54:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىزىغا رەھمەت قىرندشىم ،  مىلانىدا ھەقىيقەتەن دۇنياۋى گىگانىت  چولپان ئۈزۈلۈپ قالغان ئەمەس.
ھازىر كاكا بىلەن روبىنھومۇ ياخشى ماسلاشماقتا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 21:57:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


  كاكا بېلەن ھەرقانداق توپچىنىڭ سەبداش بولغۇسى بار دەپ ئويلايمەن ... مىجەزى ياخشى ، شەخسىيەتچىلىكى يوق ...  

2007 دىكى كاكانىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن ....

نادىر تېما ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 21:57:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاكا دۇنيا لوڭقىسغا قاتناشسا بولتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 22:00:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاكا تىخىمۇ تىرىشقىن.  كاكانى كىرىستىيانو رونالدو بىلەن ئەڭ يىقىن دوسمىكىن دەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 22:01:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 22:03:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nayil يوللىغان ۋاقتى  2014-1-7 06:51
رەھمەت !!!~ ئەپەندوم .... كۆرۈنمەيسىزغۇ ؟؟؟


باغۇ ھەر كۈنى ...
خوتەندە 11 كىشلىك چوڭ تىپتىكى مۇسابىقە ئۆتكۈزمەكچى شۇڭلاشقا ۋىلايەتلىك تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ مەيدانىنى ئىلتىماس قىلغان  شۇ ئىشلار ، ۋە باشقا ئىشلىرىم قوشۇلۇپ ئالدىراش بولۇپ قالدىم ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 22:12:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلاندىغۇ ياخشى ئويناۋاتىدۇ،ئەمما دۆلەت كوماندىسىدا ئۇنىڭغا ئورۇن قالمىغان بولۇشى ئېنىق  ،ھەي ئامال يوق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 22:13:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاكا  ھەقىقەتەن  بۇلۇدىغان  توپچى  جۇما  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2014-1-7 22:19:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاكا ئىپادىسىنى تىپىۋاتىدۇ !
ئالغا!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-29 11:01

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش