ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 8374 |
تۆھپىسى: سەر |
|
http://www.espnstar.com.cn/v/ima ... 201052875219315.JPG
ئىتالىيە ئۇدىنىس كۇلۇبىنىڭ تالانتلىق پىشقەدەم توپچىسى دىناتىلى مۇشۇ پەسىل ئاياقلاشقاندىن كىيىن پۇتبۇلچىلىق ساھەسىدىن چىكىنىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ئالدىنقى ئايلانمىدا ئۇدىنىس كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا 1-3نەتىجە بىلەن ۋىرونا كۇلۇبىغا ئۇتتۇرۋەتكەندىن كىيىن دىناتىلى ئىتالىيە بوشلۇق تەنتەربىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قلىلىپ،مۇشۇ پەسىل ئاياقلاشقاندىن كىيىن چىكىنىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.
دىناتىلى: ئۇدىنىس كۇلۇبى مىنىڭ ئائىلەمگە ئوخشايدۇ.مەن بۇ يەردە نۇرغۇن شەرەپلەگە ئىرىشتىم.مەن ۋە ئائىلەمدىكىلە مەسلەھەتلىشىش ئارقىلىق مەن بۇ قارارنى چىقاردىم. بۇ پەسىل مەن ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر قىتىملىق بىرلەشمە بوپ قالغۇسى. 6-ئايدا مەن يىشىل چىملىقتىن چىكىنىمەن.
دىناتىلى ئۇدىنىس كۇلۇبىنىڭ ئاساسلىق نۇمۇر ئالغۇچىسى بولۇپ،كۇلۇپقا قوشقان تۆھپىسى ئىنتايىن كۆپ. ئۇ ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈنمۇ 42مەيدان مۇسابىقە ئويناپ11توپ كىرگۈزگەن. |
|